مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلى قانۇنى

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلى قانۇنى 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 56-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国全国人民代表大会和地方各级人民代表大会组织法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 56-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەپ، ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تەركىبىدىكى خادىملاردۇر. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملاردۇر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

3-ماددا ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، ئۆزى قاتناشقان ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

4-ماددا ۋەكىللەر ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار ياكى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇن ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى ۋە ئىنكاس قىلىشى، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى لازىم.

5-ماددا ۋەكىللەر ئەسلىي سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ياكى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. سايلىغۇچىلار ياك سايلىغۇچى ئورۇن ئۆزى سايلىغان ۋەكىلنى قانۇن بويىچە ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇلىدىغان ۋەكىل ئۆزىنى ۋەكىللىكتىن قالدۇرىدىغان يىغىنغا قاتنىشىپ ئەرز پىكرىنى بېرىشكە ياكى يازما ئەرز پىكرىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

6-ماددا ۋەكىللەرنىڭ بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىق مەزگىلدە ئارىلىقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمۇ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

2-باب ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدىكى خىزمىتى

7-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

8-ماددا ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا، گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىن قارالمىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىدۇ.

ۋەكىللەر باشقىلارنىڭ كۆرسىتىشى ياكى تەكلىپى بىلەن ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ۋە مەخسۇس كومىتېت يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.

9-ماددا ۋەكىللەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. تەكلىپلەرنىڭ سەۋەبى، ئاساسى ۋە لايىھىسى بولۇشى كېرەك.

يىغىننىڭ قارالمىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپلەر يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغۇچە تەكلىپ قويغۇچى ۋەكىل تەكلىپنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن يىغىننىڭ شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىش ئىشى دەرھال توختىتىلىدۇ.

10-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

11-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك سايلاملىرىغا قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنىڭ نامزاتلىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ نامزاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسلىرىنىڭ نامزاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسىنىڭ نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ نامزاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ نامزاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ نامزاتلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇن بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنىڭ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى بىلەن ۋەكىللىرى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى خادىملار نامزاتلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىي خادىم نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى بىلەن ۋەكىللىرى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى خادىملار نامزاتلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نامزاتلىرىغا  پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ۋەكىللەر بېكىتىلگەن نامزاتلارغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ، باشقا ئادەمنى سايلىسىمۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

12-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنىڭ نامزاتلىرىنى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى بېكىتىشكە قاتنىشىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىگە كىرىدىغان خادىملارنىڭ  نامزاتلىرىنى ئاۋاز بېرىپ بېكىتىشكە قاتنىشىدۇ.

13-ماددا ۋەكىللەر تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش ۋاقتىدا، شۇ دەرىجىلىك ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى مەسئۇل رەھبەرلەر ياكى مەسئۇل خادىملارنى ئەۋەتىپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

14-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياكى 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىكتە گوۋيۈەنگە، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرى، كومىتېتلىرىغا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما سۈرۈشتىنامە سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى تارماقلارغا، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە سۈرۈشتىنامە سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق ۋە بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە سۈرۈشتىنامە سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.

سۈرۈشتىنامىگە سۈرۈشتە قىلىنىدىغان ئوبيېكت، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇن ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

سۈرۈشتىنامىگە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن سۈرۈشتە قىلىنغۇچى ئورگان جاۋاب بېرىدۇ. سۈرۈشتىنامە سۇنغان ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسى بېرىلگەن جاۋابتىن رازى بولمىسا، سۈرۈشتە قىلىنغۇچى ئورگاننىڭ قايتا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

15-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن  قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق ۋە بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش سەۋەبى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قانۇنغا بىنائەن ئالاھىدە مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

17-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقاندا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

18-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلار ئۇلارنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە مەسئۇل بولۇشى لازىم.

3-باب ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىنىڭ يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيىتى

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قۇرۇلتاي يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۆزىدىن بىر دەرىجىە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى قۇرۇلتاي يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، تەشكىللەش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئەپلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

ۋەكىللەر يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كۆزدىن كەچۈرگەندە، شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كۆرۈشكەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان  مەسئۇل خادىم ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك.

ۋەكىللەر ۋەكىللىك كىنىشكىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۆز جايىنى كۆزدىن كەچۈرسە بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىك كىنىشكىسى بىلەن شۇ جاينىڭ ئۆزىدە خىزمەتنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرگەندە، كۆزدىن كەچۈرۈلگەن ئورۇنغا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بەرسە بولىدۇ، لېكىن مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلمايدۇ.

22-ماددا ۋەكىللەر قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قەرەلسىز يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپكە بىنائەن سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.  

24-ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

25-ماددا ۋەكىللەر كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، ئەسلىي  سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ياكى ئۆزلىرىنى سايلىغان ئورۇننىڭ ۋەكىللىك خىزمىتى ۋە ۋەكىللىك پائالىيىتى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى شۇ دەرىجىلىك  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە قاتنىشىدۇ.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك  خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەر  توغرىسىدا تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشى لازىم.

28-ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىزمەتنى تەقسىم قىلىۋېلىپ ئىشلەپ، سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشى، قانۇن بويىچە ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىشى، ئاممىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىشى لازىم.

4-باب ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ كاپالىتى

29-ماددا ۋەكىللەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل يىغىنلاردا قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇندا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلانمايدۇ. ئەگەر نەق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، تۇتۇپ تۇرۇشنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان دەرھال شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئەگەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش جەھەتتە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

ئەگەر يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قولغا ئېلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە سوتلاش ياكى ئۇلارغا جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش جەھەتتە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

31-ماددا ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ۋەكىللىك پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋاقىت جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

32-ماددا ۋەكىللەر بۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇ ۋەكىللىك  ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن نورمال ئىشقا چىققانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندىكى ئىش ھەققى ۋە باشقا تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

تۇراقلىق ئىش ھەققى كىرىمى بولمىغان ۋەكىللەر ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلسا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن مۇۋاپىق قوشۇمچە ياردەم بېرىلىدۇ.

33-ماددا ۋەكىللەرنىڭ پائالىيەت راسخوتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئالاقە باغلاپ تۇرۇشى كېرەك.

35-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ  ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

37-ماددا ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋەكىللەر  گۇۋاھنامىسى بېسىپ تارقىتىپ بېرىشى لازىم.

38-ماددا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارغا تىل-يېزىق، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېگىشلىك ياردەم ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

39-ماددا بارلىق تەشكىلاتلار  ۋە شەخسلەر ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىنى قوللىشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلارغا ئالاقىدار ئورۇنلار تەنقىد-تەربىيە بېرىشى، ھەتتا مەمۇرىي  جازا بېرىشى كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا قىلمىشىغا قاراپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي جازا بېرىدۇ ياكى ئۇلارنى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىنىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ؛ ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ۋەكىللەرگە زەربە بەرگەن ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ياكى ئۇلارغا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ دۆلەت خادىملىرى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

5-باب ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىتىش ۋە ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش

40-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ:

(1) جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇغدۇرغانلىقى  ئۈچۈن قامىلىپ تەھقىقلىنىۋاتقان، ئەيىبلىنىۋاتقان، سوتلىنىۋاتقان بولسا؛ 

(2) قانۇن بويىچە رېجىمغا ئېلىش جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇپ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنمىغان بولسىمۇ، جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسا.

ئالدىنقى تارماقلاردىكى ئەھۋاللار ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە يوققا چىقسا، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

41-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى دەرھال ئاخىرلىشىدۇ.

(1) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىن كۆچۈپ ياكى يۆتكىلىپ كەتكەن بولسا؛

(2) ۋەكىللەرنىڭ ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنغان بولسا؛

(3) ۋەكىللەر شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا ئۇدا ئىككى قېتىم رۇخسەتسىز قاتناشمىغان بولسا؛

(4) ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

(5) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا؛

(6) قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان بولسا.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەلۇم قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەلۇم قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

43-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى  ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ۋە ئۆز مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزسە بولىدۇ.

44-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#