ۋېكسېل قانۇنى

ۋېكسېل قانۇنى

1995-يىل 5–ئاينىڭ 10–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغا، 2004–يىل 8–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسېل قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ۋېكسېل قانۇنى
خەنزۇچە نامى 票据法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋېكسېل قانۇنى(1995-يىل 5–ئاينىڭ 10–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغا، 2004–يىل 8–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋېكسېل قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن) 

1-باب 

1–ماددا بۇ قانۇن ۋېكسېل ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ۋېكسېل پائالىيىتىدىكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي–ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە تۈزۈلىدى.

2–ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋېكسېل پائالىيىتىگە تەتبىقلىنىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسېل پېرىۋوت چەك، خاس چەك ۋە چەكنى كۆرسىسىتىدۇ. 

3-ماددا ۋېكسېل پائالىيىتىدە قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش لازىم، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. 

4–ماددا ۋېكسېل كەسكۈچى ۋېكسېل تەييارلاشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋېلسېلگە ئىمزا قويۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا يېزىلغان ئىشلار بويىچە ۋېكسېل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

چەك ئىگىسى ۋېكسېل ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋېكسېلگە ئىمزا قويۇشى ھەمدە ۋېكسېلنى كۆرسىيىشى لازىم. 

باشقا ۋېكسېل قەرزدارلىرىدىن ۋېلسېلگە ئىمزا قويغانلار ۋېلسېلگە يېزىلغان ئىشلار بويىچە ۋېلسېل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېكسېل ھوقۇقى چەك ئىگىسىنىڭ ۋېكسېل قەرزدارىدىن ۋېكسېلدىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ۋېلسېل جاۋابكارلىقى ۋېلسېل قەرزدارىنىڭ چەك ئىگىسىگە ۋېكسېلدىكى پۇلنى چىقىم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

5–ماددا ۋېكسېلگە ئالاقىدار تەرەپ ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە ئىمزا قويۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ۋېكسېلگە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. 

ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يوق تۇرۇپ، ۋاكالەتچى نامىدا ۋېكسېلگە ئىمزا قويغان بولسا، ئىمزا قويغان كىشى ۋېكسېل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ۋاكالەتچى ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقق دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، ھوقۇق دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن قىسمى بويىچە ۋېكسېل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

6–ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشىلەر ياكى ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى چەكلىك كىشىلەر ۋېكسېلگە ئىمزا قويغان بولسا، ئۇنىڭ قويغان ئىمزاسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن ئۇ باشقا ئىمزاغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

7–ماددا ۋېكسېلدىكى ئىمزا قويۇلغان ئىمزانى، بېسىلغان تامغىنى ياكى ئىمزا بىلەن تەڭ بېسىلغان تامغىنى كۆرسىتىدۇ. 

قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ۋە ۋېكسېل ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇنلارنىڭ ۋېكسېلگە قويغان ئىمزاسى شۇ قانۇنىي ئىگىنىڭ ياكى شۇ ئورۇننىڭ تامغىسى بىلەن ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىمزاسى بولىدۇ. 

ۋېكسېلدىكى ئىمزا شۇ ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئۆز ئىسمى بولۇشى كېرەك. 

8–ماددا ۋېكسېلدىكى پۇل سانى جۇڭگو يېرىقى بىلەن ھەم رەقەم بىلەن يېزىلىشى، ئىككىسى بىردەك بولۇشى شەرت. بىردەك بولمىسا، ۋېكسېل كۈچىكە ئىگە بولمايدۇ. 

9-ماددا ۋېكسېلگە يېزىلغان ئىشلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. 

ۋېكسېلدىكى پۇل سانىنى، ۋاقتىنى، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويلمايدۇ، ئۆزگەرتىلگەن ۋېكسېل كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

ۋېلسېلگە يېزىلغان باشقا ئىشلارنى ئەسلىي يازغان كىشى ئۆزگەرتىسە بولىدۇ، ئۇنى ئۆزگەرتكەندە ئەسلىي يازغان كىشى ئىمزا قويۇپ ئىسپاتلىشى كېرەك. 

10–ماددا ۋېكسېلگە ئىمزا قويۇپ بېرىش، ئىلىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە سەمىمىي بولۇش–لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ھەقىقىي سودا مۇناسىۋىتىدە ۋە ھەقدارلىق–قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇش كېرەك. 

ۋېكسېلنى ئېلىشتا تەڭ قىممەتتە بەدەل تۆلەش شەرت، يەنى ۋېكسېلگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلغان مۇناسىپ بەدەلنى تۆلەش كېرەك. 

11–ماددا ۋېكسېلگە باج، ۋارىسلىق، ھەرىيە يولى بىلەن قانۇن بويىچە ھەقسىز ئېرىشكەنلەر تەڭ قىممەتتە بەدەك تۆلەش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىگىرىكى ئىمزا قويغاچىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋېكسېل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ۋېلسېلگە ئىمزا قويغان كىشىدىن ئىلگىرى ئىمزا قويغان ياكى چەك ئىگىسىدىن ئىلگىرى ئىمزا قويغان باشقا ۋېكسېل قەرزدارىنى كۆرسىتىدۇ.

12–ماددا ۋېكسېلگە ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق ياكى تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئېرىشىۋالغانلار ياكى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يامان غەرەز بىلەن ۋېكسېلگە ئېلىشىۋالغانلارنىڭ ۋېكسېل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

چەك ئىگىلىرىدىن زور سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋېكسېلگە ئىگە بولۇۋالغانلارنىڭمۇ ۋېكسېل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13–ماددا ۋېكسېل قەرزدارىنىڭ ئۆزى بىلەن چەك كەسكۈچى ياكى چەك ئىگىسىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئاقلاش سەۋەبلىرىنى دەپ چەك ئىگىسى بىلەن قارشىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن چەك ئىگىلىرىدىن ئاقلاش سەۋەبىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ۋېكسېلگە ئېرىشىۋالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ۋېكسېل قەرزدارى ئۆزى بىلەن بىۋاستە ھەقدارلىق–قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى بار چەك ئىگىلىرىدىن پۈتۈمدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بىلەن ئاقلاش ئىشىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاقلاش ۋېكسېل قەرزدارىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەگە ئاساسەن ۋېكسېل ھەقدارى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

14–ماددا ۋېكسېلگە يېزىلغان ئىشلار راست بولۇشى كېرەك، ئۇنى يالغاندىن ياساشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېكسېلگە قويۇلغان ئىمزانى ۋە يېزىلغان باشقا ئىشلارنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزكەرتكەنلەر قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ۋېكسېلدىكى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەن ئىمزا ۋېكسېلگە قويۇلغان باشقا راست ئىمزانىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

ۋېكسېلگە يېزىلغان باشقا ئىشلار ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن ئىمزا قويغۇچى ئەسلىي يېزىلغان ئىشلارغا جاۋابكار بولىدۇ؛ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئىمزا قويغۇچى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېزىلغان ئىشلارغا جاۋابكاربولىدۇ؛ ۋېكسېل ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇنقى ياكى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئىمزا ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغاندا، ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇنقى ئىمزا دەپ قارىلىدۇ.

15–ماددا ۋېكسې يېتىپ كەتسە، ۋېكسېلنى يېتتۈرۈپ قويغۇچى ۋېكسېلگە پۇل چىقىم قىلغۇچىغا يېتىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن پۇل چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، لېكىن پۇل چىقىم قىلغۇچى يېزىلمىغان ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پۇل چىقىم قىلغۇچىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمىغان ۋېكسېل بۇنىڭ سىرتىدا. 

يىتتۈرۈپ قويغانلىقتىن پۇل چىقىم قىلىشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان پۇل چىقىم قىلغۇچى پۇل چىقىم قىلىشمى ۋاقتىمچە توختىتىشى كېرەك. 

ۋېكسېلنى يىتتۈرۈپ قويغۇچى يىتتۈرۈپ قويغانلىقتىن چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياكى ۋېكسېلنى يىتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېلان چىقىرىپ خەۋەر قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

16–ماددا چەك ئىگىسى ۋېكسېل قەرزدارىغا يۈرگۈزىدىغان ۋېكسېل ھوقۇقىنى ياكى ۋېكسېلنى ئامان ساقلاش ھوقۇقىنى ۋېكسېلگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىجارەت ئورنىدا ۋە تىجارەت ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشى كېرەك، ۋېكسېلگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدا يۈرگۈزۈشى كېرەك. 

17–ماددا ۋېكسېل ھوقۇقى تۆۋتندىكى قەرەل ئىچىدە يۈرگۈزۈلمىسە، يوقىلىدۇ: 

(1) چەك ئىگىسىنىڭ چەك كەسكۈچىكە ۋە چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچىغا ئىشلىتىدىغان ھوقۇقىنىڭ قەرەلى ۋېكسېلىنىڭ قەرەلى توشقان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ. ۋېكسېلنى كۆرۈپ چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چەك، خاس چەكنىڭ قەرەلى چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ؛ 

(2) چەك ئىگىسىنىڭ پۇل چەك كەسكۈچىگە ئىشلىتىدىغان ھوقۇقىنىڭ قەرەلى چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ؛ sfsef 

(3) چەك ئىگىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ قەرەلى چىقىمنى ئېتراپ قىلىش رەت قىلىنغان ياكى پۇل چىقىم قىلىش رەت قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ؛ 

(4) چەك ئىگىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن قايتا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ قەرەلى قەرزنى تۆلەپ بولغان كۈندىن ياكى دەۋا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي بولىدۇ.

ۋېكسېل كېسىلىدىغان كۈننى، قەرەلى توشىدىغان كۈننى ۋېكسېلگە ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ. 

18–ماددا چەك ئىگىلىرىدىن ۋېكسېل ھوقۇقىنى ۋاقىت چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ ياكى ۋېكسېلگە ئىشلار تولۇق يېزىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋېكسېل ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىرى ھەق تەلەپ ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇۋېرىدۇ، ئۇلار چەك كەسكۈچى ياكى چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇپىدىن ئۆزىنىڭ ۋېكسېلدىكى چىقىم قىلىپ بېرىلمىگەن پۇلىغا تەڭ پايدىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

2–باب پېرېۋوت چەك 

1–پاراگراف چەك كېسىش 

19–ماددا پېرېۋوت چەك–چەك كەسكۈچى ئىمزا قويۇپ بېرىدىغان، چەكنى كۆرگەندە ياكى كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا بېكىتىلگەن پۇلنى پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىغا ياكى چەك ئىگىسىگە شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىشىنى پۇل چىقىم قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىدىغان ۋېكسېل.

پېرېۋوت چەك بانكا پېرېۋوت چېكى ۋە سودا پېرېۋوت چېكى دەپ ئايرىلىدۇ. 

20–ماددا چەك كېسىش چەك كەسكۈچى ۋېكسېلگە ئىمزا قويۇپ بېرىدىغان ھەمدە ئۇنى پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىغا بېرىدىغان ۋېكسېل ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

21–ماددا پېرۋوت چەك كەسكۈچى پۇل چىقىم قىلغۇچى بىلەن پۇل چىقىم قىلىشنى ھەقىقىي ھاۋالە قىلىش مۇناسىۋىتىدە بولۇشى ھەمدە پېرېۋوت چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىدىغان ئىشەنچىلىك مەبلەغ مەنبەسىگە ئىگە بولۇشى شەرت. 

تەڭ قىممەتتە بولمىغان پېرېۋوت چەككە ئىمزا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بانكىنىڭ ياكى ۋېكسېلگە ئالاقىدار باشقا تەرەپلەرنىڭ مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

22–ماددا پېرېۋوت چەككە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىشى شەرت: 

(1) «پېرېۋوت چەك» دېگەن سۆز ئېنىق يېزىلىشى؛ 

(2) شەرتسىز چىقىم قىلىش ھاۋالىسى؛ 

(3) بېكىتىلگەن پۇل سانى؛

(4) پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ نامى؛ 

(5) پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ نامى؛ 

(6) چەك كەسكۈچىنىڭ ئىمزاسى.

پېرېۋوت چەككە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ بىرى يېزىلمىسا، پېرېۋوت چەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

23–ماددا پېرېۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت، پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي، چەك كېسىلىگەن جاي قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق، توغرا يېزىلىشى كېرەك.

پېرىۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلدىغان ۋاقىت يېزىلمىغان بولسا، چەكنى كۆرگەندە پۇل چىقىم قىلىنىدۇ.

پېرېۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ تىجارەت ئورنى، تۇرۇشلۇق جايى ياكى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي بولىدۇ. 

پېرېۋوت چەككە چەك كەسكەن جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى، تۇرۇشلۇق جايى ياكى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى چەك كېسىلگەن جاي بولىدۇ. 

24–ماددا پېرېۋوت چەككە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن سىرت چەك كېسىشكە دائىر باشقا ئىشلار يېزىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ يېزىلغان ئىشلار پېرېۋوت چەكتىكى تۈرلەردەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

25–ماددا پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىت تۆۋەندىكى شەكىللەرنىڭ بىرى بويىچە يېزىلسا بولىدۇ: 

(1) چەكنى كۆرۈپ پۇل چىقىم قىلىش؛

(2) كۈننى بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىش؛

(3) چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەل بەلگىلەپ پۇل چىقىم قىلىش؛ 

(4) چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بەلگىلەپ پۇل چىقىم قىلىش؛

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پۇل چىقىم قىلىش ۋاقتى پېرېۋوت چەكنىڭ قەرەلى توشقان كۈن بولىدۇ. 

26–ماددا چەك كەسكۈچى پېرىۋوت چېكىگە ئىمزا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ پېرىۋوت چىكىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پېرىۋوت چەكنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغاندا ياكى ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ بېرىلمىگەندە، چەك كەسكۈچى چەك ئىگىسىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 70–، 71–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پۇلنى ۋە خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشى لازىم. 

2–پاراگراف ئارقا ئىمزا قويۇش 

27–ماددا چەك ئىگىسى پېرىۋوت چەك ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى مۇئەييەن پېرېۋوت چەك ھوقۇقىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بەرسە بولىدۇ. 

چەك كەسكۈچى پېرىۋوت چەككە «ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ يېزىپ قويغان بولسا، پېرىۋوت چەكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. 

چەك ئىگىسى 1–تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئارقا ئىمزا قويۇشى ھەمدە پېرىۋوت چەكنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئارقا ئىمزا قويۇش ۋېكىسېل كەينىگە ياكى چاپلانغان تالونغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى يېزىلدىغان ھەم ئىمزا قويۇلدىغان ۋېكسېل ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

28–ماددا ۋېكسېل دوكۇمېنتى ئارقا ئىمزا قويغۇچى يازىدىغان ئىشلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمىسا، باشقا چاپلانما تالوننى قوشۇپ، ۋېكسېل دوكۇمېنتىغا چاپلاپ قويۇشقا بولىدۇ. چاپلانما تالومغا تۈرلەرنى تۇنجى يازغۇچى پېرېۋوت چەك بىلەن تالون چاپلانغان جايغا ئىمزا قويۇشى كېرەك. 

29–ماددا ئارقا ئىمزا قويۇشتا، ئارقا ئىمزا قويغۇچى ئىمزا قويىدۇ ۋە ئارقا ئىمزا قويۇلغان ۋاقىتنى يېزىپ قويىدۇ.

ئارقا ئىمزا قويغان ۋاقىت يېزىلمىسا، پېرېۋوت چەكنىڭ قەرەلى توشۇشتىن بورۇن قويۇلغان ئارقا ئىمزا دەپ قارىلىدۇ. 

30–ماددا پېرېۋوت چەككە ئارقا ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە ياكى ئارقا ئىمزا قويۇپ، مۇئەييەن پېرېۋوت چەك ھوقۇقى باشقلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بېرىلگەندە، ئارقا ئىمزا قويدۇرغۇچىنىڭ نامى يېزىلىشى شەرت. 

31–ماددا ئارقا ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنىدىغان پېرېۋوت چەكتە ئارقا ئىمزا قويۇش ئۇلىنىپ كېلىشى كېرەك. چەك ئىگىسى ئارقا ئىمزا قويۇشنىڭ ئۇلىنىپ كېلىشىگە قاراپ ئۆزىنىڭ پېرېۋوت چەك ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدۇ؛ پېرېۋوت چەككە ئارقا ئىمزا قويۇش يولى بىلەن ئۆتۈنۈشتىن ئەمەس، بەلكى باشقا قانۇنىي شەكىل بىلەن ئۆتۈنۈشتىن ئەمەس، بەلكى باشقا قانۇنىي شەكىل بىلەن ئېرىشكەنلەر قانۇن بويىچە دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ پېرېۋوت چەك ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئۇلانما ئارقا ئىمزا ۋېكسېلىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدا، ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان پېرېۋوت چەككە ئارقا ئىمزا قويغۇچى بىلەن پېرېۋوت چەكنى قوبۇل قىلىدىغان ئارقا ئىمزا قويدۇرغۇچىنىڭ پېرېۋوت چەكتىكى ئىمزاسىنىڭ ئىلگىرى–كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە ئولىنىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

32–ماددا ئارقا ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنگەن پېرېۋوت چېكىدە، كېيىنكى ئىمزا قويغۇچى ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى بىۋاستە ئارقا ئىمزا قويغۇچىنىڭ قويغان ئىمزاسىنىڭ راستلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 

كېيىنكى ئىمزا قويغۇچى ۋېكسېلگە ئىمزا قويغۇچىدىن كېيىن ئىمزا قويغان باشقا ۋېكسېل قەرزدارىنى كۆرسىتىدۇ. 

33–ماددا ئارقا ئىمزا قويۇشتا شەرت قويۇلسا، شەرت پېرېۋوت چەكتىكى تۈردەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

پېرېۋوت چەكتىكى پۇلنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىدە ئارقا ئىمزا قويۇش ياكى پېرېۋوت چەكتىكى پۇلنى ئىككىدىن ئارتۇق كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىدە ئارقا ئىمزا قويۇش كۈپكە ئىگە بولمايدۇ.

34–ماددا ئارقا ئىمزا قويغۇچى پېرېۋوت چەككە «ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ» دېگەن خەتنى يازغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمزا قويغۇچى يەنە ئارقا ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈۋەتسە، ئەسلىي ئارقا ئىمزا قويغۇچى كېيىنكى ئىمزا قويغۇچى بولغان ئارقا ئىمزا قويدۇرغۇچى ئالدىدا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

35–ماددا ئارقا ئىمزادا «پۇل تاپشۇرۋېلىش ھاۋالە قىلىندى» دەپ يېزىلغان بولسا، ئارقا ئىمزا قويدۇرغۇچى ھاۋالە قىلىنغان پېرېۋوت چەك ھوقۇقىنى ئارقا ئىمزا قويغۇچىغا ۋاكالەتەن يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق. لېكىن ئارقا ئىمزا قويدۇرغۇچى پېرېۋوت چەك ھوقۇقىنى قايتا ئارقا ئىمزا قويۇش يولى بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

پېرىۋوت چەكنى گۆرۈگە قويۇشقا بولدۇ؛ گۆرۈگە قويغاندا ئارقا ئىمزادا «گۆرۈگە قويۇلدى» دەپ يېزىپ قۇيۇش كېرەك. ئارقا ئىمزا قويدۇرغۇچى ئۆزىنىڭ گۆرۈگە ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرشتا پېرېۋوت چەك ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

36–ماددا چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغان، پۇل چىقىم قىلىش رەت قىلىنغان ياكى كۆرسىتىلگەن پۇل چىقىم قىلىش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن پېرېۋوت چەكنى ئارقا ئىمزا قويۇش يولى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ ئارقا ئىمزا قويۇش ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا ئارقا ئىمزا قويغۇچى پېرېۋوت چەكنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

37–ماددا ئارقا ئىمزا قويغۇچى پېرېۋوت چەكنى ئارقا ئىمزا قويۇپ ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كېيىنكى ئىمزا قويغۇچىنىڭ قولىدىكى پېرېۋوت چەك چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغاندا ياكى ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ بېرىلمىگەندە، ئارقا ئىمزا قويغۇچى چەك ئىگىسىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 70–، 71–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پۇل ۋە خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشى لازىم. 

3-پاراگراف چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش 

38–ماددا چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش–پېرېۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلغۇچى پېرېۋوت چەكنىڭ قەرەلى توشقان كۈنى پېرېۋوت چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىشقا ۋەدە بېرىدىغان ۋېكسېل ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

39–ماددا پۇل چىقىم قىلىش كۈنى بېكىتىلىگەن ياكى چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەلى بېكىتىلىپ پۇل چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چەكنىڭ ئىگىسى پېرېۋوت چەكنىڭ قەرەلى توشىدىغان كۈندىن ئىلگىرى پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئەسكەرتىشى لازىم. 

چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئەسكەرتىش چەك ئىگىسىنىڭ پۇل چىقىم قىلغۇچىغا پېرېۋوت چەكنى كۆرسىتىش ھەمدە پۇل چىقىم قىلغۇچىدىن پۇل چىقىم قىلىشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

40–ماددا چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىپ بېرىلىدىغان پېرېۋوت چەكنىڭ ئىگىسى چەك كېسىلىگەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئەسكەرتىشى لازىم. 

پېرېۋوت چەك ئىگىلىرىدىن چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشنى قەرەلدە ئەسكەرتمىگەنلەر ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. 

چەكنى كۆرۈپ چىقىم قىلىدىغان پېرېۋوت چېكىدە چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئەسكەرتىش ھاجەتسىز. 

41–ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچى پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش ئەسكەرتىلگەندە، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش ئەسكەرتىلگەن شۇ پېرېۋوت چەكنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشى ياكى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى لازىم. 

پۇل چىقىم قىلغۇچى چەك ئىگىسى چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئەسكەرتكەن پېرېۋوت چەكنى تاپشۇرۇۋالغاندا، پېرېۋوت چەكنى تاپشۇرۇۋالغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇر قەغىزىگە پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش ئەسكەرتىلگەن ۋاقىتنى ئېنىق يېزىش ھەمدە ئىمزا قويۇش كېرەك.

42–ماددا پۇل چىقىم قىلغۇپىلاردىن پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغانلار پېرېۋوت چەكنىڭ يۈزىگە «چىقىم ئېتىراپ قىلىندى» دېگەن سۆزنى ۋە چىقىم ئېتىراپ قىلىنغان ۋاقىتنى يېزىپ قويۇشى ھەمدە ئىمزا قويۇشى لازىم؛ چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ پۇل چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چەككە چىقىمنى ئېتىراپ قىلغاندا پۇل چىقىم قىلىندىغان ۋاقىتنى يېزىش كېرەك. 

پېرېۋوت چەكتە چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقىتى يېزىلمىغان بولسا، ئالدىنقى ماددىنىڭ 1–تامىقىدا بەلگىلەنگەن قەرەلنىڭ ئاخىرقى كۈنى چىقىم ئېتىراپ قىلىنغان ۋاقىت بولىدۇ. 

43–ماددا پۇل چىقىم شەرت قىلغۇچى پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشتا شەرت قويسا بولمايدۇ؛ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشتا شەرت قويۇلسا، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ.

44–ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچى پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، قەرەل توشقاندا پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

4–پاراگراف كېپىللىك 

45–ماددا پېرېۋوت چەكتىكى قەرزدارلىقتا كېپىل كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. 

كېپىللىكنى پېرېۋوت چەك قەرزدارىدىن باشقا كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

46–ماددا كېپىل پېرۋوت چەككە ياكى چاپلانما تالونغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى يېزىشى شەرت:

(1) «كېپىللىك» دېگەن سۆزنى ئېنىق يېزىش؛ 

(2) كېپىللنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ 

(3) كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ نامى؛ 

(4) كېپىللىك ۋاقتى؛

(5) كېپىلنىڭ ئىمزاسى. 

47–ماددا كېپىل پېرېۋوت چەككە ياكى چاپلانما تالونغا ئالدىنقى ماددىنىڭ(3) تارماقچىسىدىكى ئىشنى يازمىغاندا پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنغان بولسا، چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى كېپىللىك قىلىنغۇچى بولىدۇ؛ پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسا، چەك كەسكۈچى كېپىللىك قىلىنغۇچى بولىدۇ.

كېپىل پېرىۋوت چەككەن ياكى چاپلانما تالونغا ئالدىنقى ماددىنىڭ(4) تارماقچىسىدىكى ئىشنى يازمىغان بولسا، چەك كېسىلگەن ۋاقىت كېپىللىك ۋاقتى بولىدۇ. 

48–ماددا كېپىللىك قىلىشتا شەرت قويۇشقا بولمايدۇ؛ شەرت قويۇلسا، پېرېۋوت چەككە كېپىللىك قىلىش جاۋابكارلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

49–ماددا كېپىل پېرېۋوت چەككە قانۇنلۇق ئېرىشكەن چەك ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان پېرېۋوت چەك ھوقۇقىغا كېپىللىك قىلىش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىدىن پېرېۋوت چەككە يېزىلىدىغان ئىشلار كەم بولۇپ قالغانلىقىتىن كۈچكە ئىگە بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

50–ماددا كېپىللىك قىلىنغان پېرۋوت چەكتە كېپىل بىلەن كېپىللىك قىلىنغۇچى چەك ئىگىسى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. پېرېۋوت چەكنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن پۇل بېرىلمىسە، چەك ئىگىسى كېپىلدىن پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلشقا ھوقۇقلۇق، كېپىل پۇلنى تۇلۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى كېرەك.

51–ماددا كېپىل ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئاكىدۇ. 

52–ماددا كېپىل پېرېۋوت چەك قەرزىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، چەك ئىگىسىنىڭ كېپىللىك قىلىنغۇچىدىن ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

5–پاراگراف پۇل چىقىم قىلىش

53–ماددا چەك ئىگىسى پۇل چىقىم قىلىشنى تۆۋەندىكى قەرەل بويىچە ئەسكەرتىشى لازىم: 

(1) چەكنى كۆرۈپ چىقىم قىلىدىغان پېرېۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلىش چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە پۇل چىقىم قىلغۇچىغا ئەسكەرتىلىدۇ؛ 

(2) كۈن بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان، چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان ياكى چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىلىپ چىقىم قىلىندىغان پېرېۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلىش قەرەلى توشقان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچىغا ئەسكەرتىلىدۇ. 

چەك ئىگىسىنى پۇل چىقىم قىلىشنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرەل بويىچە ئەسكەرتمىسە، ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، چەك ئىگىسىگە پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى چىقىمنى ئېتىراپ قىلغاچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى داۋامىلىق ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ھاۋالە بويىچە كىرىم قىلغۇچى بانكا ياكى ۋېكسېل ئالماشتۇرۇش سىستىمىسى ئارقىلىق پۇل چىقىم قىلىشنى ئەسكەرتىشى دەپ قارىلىدۇ. 

54–ماددا چەك ئىگىسى پۇل چىقىم قىلىشنى ئادىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سەمگە سالسا، چىقىم قىلغۇچى پۇلنى شۇ كۈنى تولۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى شەرت. 

55-ماددا چەك ئىگىلىرىدىن پۇلغا ئېرىشكەنلىرى پېرېۋوت چەككە ئىمزا قويۇشى ھەمدە پېرېۋوت چەكنى پۇل چىقىم قىلغۇچغا بېرىشى لازىم. چەك ئىگىسى پۇل تاپشۇرۇۋېلىشنى بانكىغا ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالىنى قۇبۇل قىلغۇچى بانكا پېرېۋوت چېكىدىكى ۋاكالىتەن كىرىم كىلغان پۇلنى چەك ئىگىسىنىڭ ھېسابىغا مېمورىئال كىرىم قىلسا، تاپشۇرۇۋالغان ھېسابلىنىدۇ. 

56–ماددا چەك ئىگىسى ھاۋالە قىلغان كىرىم قىلغاچى بانكىنىڭ جاۋابكارلىقى پېرېۋوت چەكتىكى پۇلنى پېرېۋوت چەككە يېزىلغان ئىشلار بويىچە چەك ئىگىسىنىڭ ھېسانىغا ئاغدۇرۇپ بېرىش بىلەن چەكلىنىدۇ. 

پۇل چىقىم قىلغۇچى ھاۋالە قىلغان پۇل چىقىم قىلغۇچ بانكىنىڭ جاۋابكارلىقى پېرېۋوت چەكتىكى پۇلنى پېرېۋوت چەككە يېزىلغان ئىشلار بويىچە پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ ھېسابىدىن چىقىم قىلىپ بېرىش بىلەن چەكلىنىدۇ. 

57–ماددا چىقىم قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن چىقىم قىلغۇچى پۇل چىقىم قىلغاندا، پېرېۋوت چەكنىڭ ئۇلانغان ئارقا ئىمزاسىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە پۇل چىقىم قىلىشنى ئەسكەرتكۈچىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم. 

چىقىم قىلغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن چىقىم قىلغۇچىلاردىن پۇلنى يامان غەرەز ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن چىقىم قىلۋەتكەنلەر جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

58–ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچى كۈن بېكىتىلىپ چىقىم قىلىندىغان، چەك كېسىلگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىپ چىقىم قىلىندىغان ياكى چەكنى كۆرگەندىن كېيىن قەرەل بېكىتىلىپ چىقىم قىلىنىدىغان پېرېۋوت چەككە قەرەل توشىدىغان كۈندىن بۇرۇن پۇلنى چىقىم قىلىۋەتكەن بولسا، پۇل چىقىم قىلغۇچى ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

59–ماددا پېرېۋوت چەكتىكى پۇل چەت ئەل پۇل بولسا، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىندىغان كۈندىكى بازار پېرېۋوت باھاسى بويىچە خەلق پۇلى پىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ. 

پېرېۋوت چەككە ئالاقىدار تەرەپلەردىن پېرېۋوت چەككە چىقىم قىلىنىدىغان پۇل تۈرىنى ئايرىم پۈتۈشۈۋالغانلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە ئىش كۆرسە بولىدۇ. 

60–ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچى پۇلنى قانۇن بويىچە تولۇق چىقىم قىلغاندىن كېيىن، بالىق پېرېۋوت چەك قەرزدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى خالاس بولىدۇ.

6–پاراگراف سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى 

61–ماددا قەرەلى توشقان پېرېۋوت چەككە پۇل چىقىم قىلىپ بېرىش رەت قىلىنسا، چەك ئىگىسى ئارقا ئىمزا قويغۇچى، چەك كەسكۈچى ۋە پېرېۋوت چەكنىڭ باشقا قەرزدارلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

پېرېۋوت چەكنىڭ قەرەلى توشقىچە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسىمۇ بولىدۇ:

(1) پېرېۋوت چەكنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش رەت قىلىنسا؛ 

(2) چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، قېچىپ كەتكەن بولسا؛

(3) چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانسا ياكى قۇنۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىتىن كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسا.

62–ماددا چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ياكى چىقىم قىلىشنىڭ رەت قىلىنغانلىقى دائىر ئىسپات بېرىشى لازىم. 

چەك ئىگىسىنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئەسكەرتكەنلىكى ياكى چىقىم قىلىشنى ئەسكەرتكەنلىكى رەت قىلىنسا، چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچ ياكى چىقىم قىلغۇچى رەت قىلىش ئىسپاتى ياكى چەك قايتۇرۇش سەۋەبنامىسىنى بېرىشى شەرت. رەت قىلىش ئىسپاتى ياكى چەكقايتۇرۇش سەۋەبنامىسىنى بەرمىگەنلەر ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

63–ماددا چەك ئىگىلىرىدىن چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى چىقىم قىلغۇچى ئۆلۈپ كېتىش، قېچىپ كېتىش سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەب بىلەن رەت قىلىش ئىسپاتىنى ئالالمىغانلار قانۇن بويىچە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئالسا بولىدۇ. 

64–ماددا چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاكارلىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار ئەدلىيە ھۈججەتلىرى رەت قىلىش ئىسپاتى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 

چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن كەسپىي پائالىيىتى توختىتىۋېتىلگەن بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ جازا قارارى رەت قىلىش ئىسپاتى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 

65–ماددا چەك ئىگىلىرىدىن رەت قىلىش ئىسپاتى، چەك قايتۇرۇش سەۋەبنامىسىنى كۆرسەتمىگەنلەر ياكى قانۇنلۇق باشقا ئىسپاتلارنى بەلگىلەنگەن قەرەلدە يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلەر ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ياكى پۇل چىقىم قىلغۇچى چەك ئىگىسى ئالدىدا يەنىلا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

66–ماددا چەك ئىگىسى چىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى چىقىم قىلىشنى رەت قىلىشقا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە رەت قىلىش سەۋەبىنى ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. چەك ئىلگىسى پېرېۋوت چەك قەرزدالىرىغا تەڭ يازما ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ بولىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرەل بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان بولسا، چەك ئىگىسى يەنىلا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋەرسە بولىدۇ. ئۇقتۇرۇش قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچى ياكى چەك كەسكۈچى زىيانغا ئۇچرىسا، بەلگىلەنگەن قەرەلدە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان پېرېۋوت چەككە ئالاقىدار تەرەپ شۇ زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن تۆلەيدىغان پۇل سانى پېرېۋوت چەكتىكى پۇل سانى بىلەن چەكلىنىدۇ.

ئۇقتۇرۇش بەلگىلەنگەن قەرەلىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادرېس ياكى پۈتۈشكەن ئادرېس بويىچە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلسە، ئۇقتۇرۇش قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. 

67–ماددا ئالدىنقى ماددانىڭ 1–تارمىقى بويىچە تەييارلىنىدىغان يازما ئۇقتۇرۇشقا پېرېۋوت چېكىدىكى ئاساسلىق ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە شۇ پېرېۋوت چېكىدىكى ئاساسلىق ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە شۇ پېرېۋوت چەكنىڭ قايتۇرۇۋېتىلگەن چەك ئىكەنلىك ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى لازىم. 

68–ماددا پېرىۋوت چەك كەسكۈچى، ئارقا ئىمزا قويغۇچى، چىقىمنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە كېپىل چەك ئىگىسى ئاكدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

چەك ئىگىسى پېرېۋوت چەك قەرزدارلىرىنىڭ ئىلگىرى–كېيىنلىك رېتىگە قارىماي، ئۇلارنىڭ ھارقانداق بىرىدىن، بىر نەچچىسى ياكى ھەممىسىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

چەك ئىگىسى پېرېۋوت چەك قەرزدارلىرىنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بولغان بولسا، باشقا پېرېۋوت چەك قەرزدارلىرىدىنمۇ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولۇۋېرىدۇ. سۈرۈشتۈرۈلگۈچىلەر قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، چەك ئىگىسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

69–ماددا چەك ئىگىسى چەك كەسكۈچى بولسا، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ. چەك ئىلگىسى ئارقا ئىمزا قويغۇچى بولسا، ئۆزىدىن كېيىن ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ. 

70–ماددا چەك ئىگىسى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، سۈرۈشتۈرۈلگۈچىدىن تۆۋەندىكى پۇل ۋە خىراجەتنى چىقىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ:

(1) چىقىم قىلىش رەت قىلىنغان پېرېۋوت چەكتىكى پۇل؛

(2) پېرېۋوت چەكتكى پۇلنىڭ قەرەلى توشقان كۈن ياكى چىقىم قىلىش ئەسكەرتىلگەن كۈندىن باشلاپ تۆلەپ بولغان كۈنگە قەدەر جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلانغان ئۆسۈم؛ 

(3) رەت قىلىش ئىسپاتى ئېلىش ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا كەتكەن خىراجەت. 

سۈرۈشتۈرۈلگۈچى قەرزنى تۆلىگەندە چەك ئىگىسى پېرېۋوت چەكنى ۋە ئالاقىدار رەت قىلىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ئالغان ئۆسۈم ۋە خىراجەتكە ھۈججەت بېرىشى لازىم.

71–ماددا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، باشقا پېرېۋوت چەك قەرزدارلىرىدىن قايتا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلاردىن تۆۋەندىكى پۇل ۋە خىراجەتنى چىقىم قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ: 

(1) تۆلەپ بولغان بارلىق پۇل؛

(2) ئالدىنقى تارماقچىدىكى پۇلنىڭ تۆلەپ بولۇنغان كۈندىن باشلاپ قايتا سۈرۈشتۈرۈپ تۆلىتىۋېلىنغان كۈنگە قەدەر جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلانغان ئۆسۈم؛ 

(3) ئۇقتۇرۇش قىلىش خىراجىتى. 

قايتا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن سۈرۈشتۈرۈلگۈچى تۆلەمگە ئېرىشكەندە پېرېۋوت چەك ۋە ئالاقىدار رەت قىلىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ئالغان ئۆسۈم ۋە رەت قىلىش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ئالغان ئۆسۈم ۋە خىراجەتكە ھۆججەت بېرىشى لازىم. 

72–ماددا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئالدىنقى ئىككى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن جاۋاكارلىقتىن خالاس بولىدۇ. 

3–باب خاس چەك

73–ماددا خاس چەك–چەك كەسكۈچى ئىمزا قويۇپ، چەكنى ئۆزى كۆرگەندە بېكىتىلگەن پۇلنى پۇل تاپشۇرۋالغۇچىغا ياكى چەك ئىگىسىگە شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان ۋېكسېل. 

بۇقانۇندا ئېيتىلغان خاس چەك بانكا خاس چېكىنى كۆرسىتىدۇ. 

74–ماددا خاس چەك كەسكۈچى خاس چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشەنچلىك مەبلەغ مەنبەسىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە چىقىم قىلىشقا كېپىللىك قىلىشى شەرت.  

75–ماددا خاس چەككە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىشى شەرت: 

(1) «خاس چەك» دېگەن سۆز ئېنىق يېزىلىشى؛

(2) شەرتسىز چىقىم قىلىش ۋەدىسى؛ 

(3) بېكىتىلگەن پۇل سانى؛ 

(4) پۇل تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ نامى؛ 

(5) چەك كېسىلگەن ۋاقىت؛

(6) چەك كەسكۈچىنىڭ ئىمزاسى. 

ئالدىنكى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ بىرى يېزىلمىغان خاس چەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

76–ماددا خاس چەككە يېزىلىدىغان پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي، چەك كېسىلگەن جاي قاتارلىق ئىشلارئېنىق، توغرا يېزىلىشى كېرەك. 

خاس چەككە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي بولىدۇ. 

خاس چەككە چەك كەسكەن جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى چەك كەسكەن جاي بولىدۇ.

77–ماددا خاس چەك كەسكۈچى چەك ئىگىسى چەكنى كۆرسىتىشنى ئەسكەرتكەندە، پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.

78–ماددا پۇل چىقىم قىلىش قەرەلى خاس چەك كېسىلگەن كۈندىن باشلاپ ئۇزۇق بولغاندا ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

79–ماددا خاس چەك ئىگىسى چەكنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە كۆرسىتىشنى ئەسكەرتمىسە، چەك ئىگىسى چەكنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە كۆرسىتىشنى ئەسكەرتىمىسە، چەك كەسكۈچىدىن باشقا ئىلگىرىكى ئىمزا قويغۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. 

80–ماددا خاس چەككە ئارقا ئىمزا قويۇش، كېپىللىك قىلىش، پۇل چىقىم قىلىش ھەرىكىتىگە ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، مۇشۇ قانۇننىڭ 2–بابدىكى پېرېۋوت چەككە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

خاس چەك كېسىش ھەرىكىتىگە، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، مۇشۇ قانۇننىڭ 24–ماددىسىدىكى پېرېۋوت چەك توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

4–باب پۇل چەك

81–ماددا پۇل چەك–چەك كەسكۈچ ئىمزا قويۇش بېرىدىغان، پۇل چەك ئامانەت كەسپىنى بېجىرىدىغان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا چەكنى كۆرگەندە بېكىتىلگەن پۇلنى پۇل تاپشۇرۋالغۇچىغا ياكى چەك ئىگىسىگە شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدىغان ۋېكسېل. 

82–ماددا پۇل چەك نەق ئىسچوتى ئېچىشىتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆز نامىنى قوللىنىشى ھەمدە ئۆز سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى شەرت.

پۇل چەك ئامانەت ئىسچوتى ئېچىشتا ۋە پۇل چەك ئىشلىتىشتە، ئىشەنچىلىك مەبلەغ ئىناۋىتى بولۇش ھەمدە بەلگىلىك مەبلەغ ئامانەت قويۇلۇشى لازىم. 

پۇل چەك ئامانەت ئىسچوتى ئېچشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىمزا نۇسخىسىنى ۋە تامغىسىنى ئالدىن قالدۇرۇشى كېرەك. 

83–ماددا پۇل چەككە نەق پۇل ئېلىشقا بولىدۇ، ئۇنى مېمورىئال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، مېمورىئال قىلىشقا ئىشلىتىلگەندە چەكنىڭ يۈزىگە ئەسكەرتىلىدۇ. 

پۇل چەكنىڭ مەخسۇس نەق پۇل ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرىغا نەق پۇل چېكىنى ئايرىم تەييارلاشقا بولىدۇ، نەق پۇل چېكى مەخسۇس نەق پۇل ئېلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ. 

پۇل چەكنىڭ مەخسۇس مېمۇرىئال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىرىغا مېمورىئال چەكنى ئايرىم تەييارلاشقا بولىدۇ، مېمورىئال چەك مەخسۇس مېمورىئال قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭغا نەق پۇل ئېلىشقا بولمايدۇ. 

84–ماددا پۇل چەككە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلىشى شەرت: 

(1) «پۇل چەك» دېگەن سۆز ئېنىق يېزىلىشى؛ 

(2) شەرتسىز چىقىم قىلىپ بېرىش ھاۋالىسى؛ 

(3) بېكىتىلگەن پۇل سانى؛ 

(4) پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ نامى؛ 

(5) چەك كېسىلگەن ۋاقىت؛ 

(6) چەك كەسكۈچىنىڭ ئىمزاسى. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ بىرى يېزىلمىغان پۇل چەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

85–ماددا پۇل چەكتىكى پۇل سانى چەك كەسكۈچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن تۇلۇقلاپ يېزىلسا بولىدۇ، پۇل سانى تۇلۇقلاپ يېزىلمىغان پۇل چەكنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

86–ماددا پۇل چەككە پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ نامى يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن تۇلۇقلاپ يېزىلسا بولىدۇ. 

پۇل چەككە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي يېزىلمىغان بولسا، پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ تىجارەت ئورنى پۇل چىقىم قىلىدىغان جاي بولىدۇ. 

پۇل چەككە چەك كېسىلگەن جاي يېزىلمىغان بولسا، چەك كەسكۈچىنىڭ تىجارەت ئورنى، تۇرۇشلۇق جايى ياكى دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق جايى چەك كېسىلگەن جاي بولىدۇ. 

چەك كەسكۈچى پۇل چەككە ئۆزىنى پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى دەپ يازسا بولىدۇ. 

87–ماددا پۇل چەك كەسكۈچى ئىمزا قويۇپ بەرگەن پۇل چەكتىكى پۇل سانى پۇل چىقىم قىلغاندا پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ قولىدا نەق بار ئامانەت پۇل سانىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

چەك كەسكۈچى ئىمزا قويۇپ بەرگەن پۇل چەكتىكى پۇل سانى پۇل چىقىم قىلغاندا پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ قولىدا نەق بار ئامانەت پۇل سانىدىن ئېشىپ كەتسە، قۇرۇق چەك ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇق چەككە ئىمزا قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

88–ماددا پۇل چەك كەسكۈچى ئۇلار ئالدىن قالدۇرغان ئۆز نامىنىڭ ئىمزا نۇسخىسىغا ياكى تامغىسغا ئۇيغۇن بولمىغان چەككە ئىمزا قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. 

89–ماددا چەك كەسكۈچى ئىمزا قويۇپ بەرگەن پۇل چەكتىكى پۇل سانى بويىچە شۇ چەك ئىگىسىگە پۇل چىقىم قىلىپ بېرىشكە كېپىللىك قىلىش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت.

چەك كەسكۈچىنىڭ پۇل چىقىم قىلغۇچىنىڭ قولىدىكى ئامانەت پۇلى چەكتىكى پۇلنى چىقىم قىلىشقا يەتسە، پۇل چىقىم قىلغۇچى شۇ كۈنىلا تولۇق چىقىم قىلىپ بېرىشى لازىم. 

90–ماددا پۇل چەككە چەكنى كۆرگەندىلا پۇل چىقىم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىش ۋاقتىنى ئايرىم يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پۇل چىقىم قىلىش ۋاقتى ئايرىم يېزىپ قويۇلسا، ئۇ يېزىق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

91–ماددا پۇل چەك ئىگىسى چەك كېسىلىگە كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە پۇل چىقىم قىلىشنى ئەسكەرتىشى لازىم؛ باشقا جايدا ئىشلىتىدىغان پۇل چەككە پۇل چىقىم قىلىشنى ئەسكەرتىش قەرەلىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 

پۇل چىقىم قىلىشنى ئەسكەرتىش قەرەلى ئېشىپ كەتسە، پۇل چىقىم قىلغۇچى چىقىم قىلمىسا بولىدۇ؛ پۇل چىقىم قىلغۇچى چىقىم قىلمىغانلىرىدا چەك كەسكۈچى چەك ئىگىسى ئالدىدا يەنىلا ۋېكسېل جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

92–ماددا پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن پۇل چەكتىكى پۇلنى قانۇن بويىچە چىقىم قىلىپ بەرگەنلىرى چەك كەسكۈچى ئالدىدا ھاۋالە بويىچە پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ، چەك ئىگىسى ئالدىدا پۇل چىقىم قىلىش جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەمما پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن يامان غەرەز ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن چىقىم قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

93–ماددا پۇل چەككە ئارقا ئىمزا قويۇش، پۇل چىقىم قىلىش ھەرىكىتىگە ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىدىن باشقا، مۇشۇ قانۇننىڭ 2–بابدىكى پېرېۋوت چەككە ئائىت بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

پۇل چەك كېسىش ھەركىتىگە مۇشۇ بابتىكى بەلگىكىمىدىن باشقا، مۇشۇ قانۇننىڭ 24–، 26–ماددىسىدىكى پېرېۋوت چەك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

5–باب چەتكە چېتىشلىق ۋېكسېلگە قۇنۇننىڭ تەتبىقلىنىشى 

94–ماددا چەتكە چېتىشلىق ۋېكسېلگە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا ئىيتىلغان چەتكە چېتىشلىق ۋېكسېل چەك كېسىش، ئارقا ئىمزا قويۇش، چىقىمنى ئېتىراپ قىلىش، كېپىللىك، پۇلى چىقىم قىلىشقا ئوخشاش ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى سىرتىدا كۆرۈلگەن ۋېكسېلنى كۆرسىتىدۇ. 

95–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ساقلاپ قالغان ماددا–تارماقلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

مۇشۇ قانۇندا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدە بەلگىلەنمىگەنلىرىگە خەلقئارا ئادەت تەتبىقلانسا بولىدۇ. 

96–ماددا ۋېكسېل قەرزدارىنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

ۋېكسېل قەرزدارىنىڭ ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك دەپ قاراسىمۇ، ھەرىكەت كۆرۈلگەن جاينىڭ قانۇنى بويىچە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى تولۇق دەپ قارالسا، ھەرىكەت كۆرۈلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 

97–ماددا پېرېۋوت چەك، خاس چەك كېسىلگەندە يېزىلىدىغان ئىشلارغا چەك كېسىلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 

پۇل پەك كېسىلگەندە يېزىلىدىغان ئىشلارغا چەك كېسىلگەن جاينىڭ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىشى بىلەن، پۇل چىقىم قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلانمىسىمۇ بولىدۇ.

98–ماددا ۋېكسېلگە ئارقا ئىمزا قويۇش، چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش، پۇل چىقىم قىلىش ۋە كېپىللىك ھەرىكىتىگە ھەركەت كۆرۈلگەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 

99–ماددا ۋېكسېلنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قەرەلىگە چەك كېسىلگەن جاينىڭ قانۇنى تەيبىقلىنىدۇ.

100–ماددا ۋېكسېلنىڭ ئەسكەرتىش قەرەلى، رەت قىلىش ئىسپاتى بېرىش ئۇسۇلى، رەت قىلىش ئىسپاتى قەرەلىگە پۇل چىقىم قىلىدىغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

101–ماددا ۋېكسېل يىتتۈرۈپ قويۇلغاندا، يىتتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ۋېكسېل ھوقۇقىنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە پۇل چىقىم قىلغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. 

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

102–ماددا تۆۋەندىكى ۋېكسېل ئالدامچىلىقلىرىنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 

(1) ۋېكسېلنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەنلەر؛ 

(2) يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەن ۋېكسېلنى قەستەن ئىشلەتكەنلەر؛ 

(3) قۇرۇق چەككە ئىمزا قويۇپ بەرگەن ياكى باشقىلار ئالدىن قالدۇرغان ئۆز نامىنڭ ئىمزا نۇسخىسىغا ياكى تامغىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇل چەككە قەستەن ئىمزا قويۇپ بېرىپ، پۇل–مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛ 

(4) ئىشەنچلىك مەبلەغ مەنبەسى بولمىغان پېرېۋوت چەك، خاس چەككە ئىمزا قويۇپ بېرىپ، مەبلەغنى ئالداپ كەسكەندە يالغان نەرسىلەرنى يېزىپ، پۇل–مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛ 

(6) باشقىلارنىڭ ۋېكسېلىنى كۆز بوياپ ئىشلىتىپ ياكى قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ياكى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ۋېكسېلنى قەستەن ئىشلىتىپ، پۇل–مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛ 

(7) پۇل چىقىم قىلغۇچى چەك كەسكۈچى ۋە چەك ئىگىسى بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىنقى ئالتە تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار.

103–ماددا ئالدىنقى ماددىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. 

104–ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋېكسېل كەسپىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋېكسېلنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلغان، ۋېكسېلگە پۇل چىقىم قىلىپ بەرگەن ياكى كېپىللىك قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر زىيان پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرى ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىپ، ئالاقىدا تەرەپكە زىيان سالسا، شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە بىۋاستە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

105–ماددا ۋېكسېلگە پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن چەكنى كۆرۈپ پۇل چىقىم قىلىپ بېرىدىغان ۋېكسېلنى ياكى قەرەلى توشقان ۋېكسېلنى قەستەن باستۇرۇپ قويۇپ، پۇل چىقىم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلەرگە پۇل مۇئامىلە مەمۇرىي باشقۇرش تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاستە جاۋابكارغا چارە كۆرىدۇ.

ۋېكسېلگە پۇل چىقىم قىلغۇچىلاردىن ۋېكسېلنى قەستەن باستۇرۇپ قۇيۇپ، پۇل چىقىم قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ، چەك ئىگىسىگە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

106–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان قىلمىشلاردىن سىرت، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

7–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

107–ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قەرەلنى ھېسابلاشتا، ھەق تەلەپ قانۇننىڭ ئومۇمىي قائىدىسىدىكى سۈرۈكنى ھېسابلاشقا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

قەرەلى ئاي بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولسا، قەرەلى توشقان ئاينىڭ قەرەلى قىلىنغان كۈنى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ قەرەل قىلىنغان كۈن بولمىسا، ئاي ئاخىرىدىكى كۈنى قەرەلى توشقان كۈنى بولىدۇ.

108–ماددا پېرېۋوت چەك، خاس چەك، پۇل چەكنىڭ نۇسخىسى بىر خىل بولۇشى كېرەك.

ۋېكسېل دۇكۇمېنتىلىرىنىڭ نۇسخىسىنى ۋە بېسىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلەيدۇ.

109–ماددا ۋېكسېل باشقۇرۇشنى كونكىرېت يولغا قويۇش چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن تەستىقلانغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. 

110–ماددا بۇ قانۇن 1996–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#