مەنىي ئېقىپ كېتىش

مەنىي ئېقىپ كېتىش

بۇ كېسەللىك، مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىينىڭ تېزلىكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە مەنىي كانالچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ شەھۋانىي خىيال قىلىش، رەسىم ياكى سىنئالغۇ كۆرۈش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوشاڭ، غەيرەتسىز، ماغدۇرسىز، پەرىشان بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى مەنىي ئېقىپ كېتىش
كېسەللىك سەۋەبى مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى
ئاساسلىق ئالامىتى ماغدۇرسىز، نېرۋىسى ئاجىز بولۇپ قېلىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەنىي ئېقىپ كېتىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىينىڭ تېزلىكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە مەنىي كانالچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: شەھۋانىي خىيال قىلىش، رەسىم ياكى سىنئالغۇ كۆرۈش، ئاددىي سۈركىلىشلەر نەتىجىسىدىمۇ جىنسىي ئەزا قوزغالماي تۇرۇپلا، مەنىي ئېقىپ كېتىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوشاڭ، غەيرەتسىز، ماغدۇرسىز، نېرۋىسى ئاجىز بولۇپ قېلىش، ئورۇقلاش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، بېلى ئاغرىش، چىرايى غەمكىن، پەرىشان بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: زەنجىۋىل، جويۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقىرقەرھا، پىلپىل 50 گىرامدىن، زەپەر، كۆكنار 10 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بەدىيان ئەرىقى بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

مەنىي ئېقىپ كېتىشتەركىبى: سۇمبۇل، قاقىلە ئۇرۇقى، قېلىن دارچىن، دارچىن، خولىنجان، قەلەمپۇر، سۆئدى كۇپى، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، پىلپىل، قۇستە بەھرى، بىلسان ياغىچى، ئاسارۇن، ھەببۇلئاس، قەسبۇس زەرىرە، زەپەر ئالتە گىرامدىن، مەستىكى 30 گىرام، ئاق قەنت 138 گىرام، ھەسەل 276 گىرام، جېنتىيانا 12 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: زەپەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى ھەسەلدە قىيام قىلىپ، ئۈستىگە زەپەرنى سېلىپ، ئاندىن باشقا دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا توققۇز گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى : چۈچۈكبۇيا يىلتىزى يەتتە گىرام، ئوسۇڭ ئۇرۇقى 10 گىرام، ئانار گۈلى، قىزىلگۈل، سۇزاپ ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى 15 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئىككى قېتىم، ئالتە گىرام دورا قاينىتىلغان سۈت بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#