شىمالىي سۇلالىلەر

شىمالىي سۇلالىلەر

مىلادىيە316-يىلى غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شىمالى ئۇزاق مەزگىل تەپرىقىچىلىك ۋە يېغىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھونلار، كېشلار، دىلار، چاڭلار، سىيانپىيلاردىن ئىبارەت بەش ئاز سانلىق مىللەت ۋە خەنزۇلار16 بۆلۈنمە ھاكىمىيەت قۇردى، بۇ، تارىختا «بەش غۇز، 16 پادىشاھلىق» دەپ ئاتالدى.

مىلادىيە439-يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تارىخى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە قەدەم قويدى.

ئۇيغۇرچە نامى شىمالىي سۇلالىلەر
خەنزۇچە نامى 北朝
ئاساسلىق دىنى بۇددا دىنى
ئەلباشى تۇقبات گۇي
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ىلادىيە316-يىلى غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شىمالى ئۇزاق مەزگىل تەپرىقىچىلىك ۋە يېغىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھونلار، كېشلار، دىلار، چاڭلار، سىيانپىيلاردىن ئىبارەت بەش ئاز سانلىق مىللەت ۋە خەنزۇلار16 بۆلۈنمە ھاكىمىيەت قۇردى، بۇ، تارىختا «بەش غۇز، 16 پادىشاھلىق» دەپ ئاتالدى.

مىلادىيە439-يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تارىخى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە قەدەم قويدى. 

شىمالىي سۇلالىلەر شىمالىي ۋېي، شەرقىي ۋېي، غەربىي ۋېي، شىمالىي چى، شىمالىي جۇ سۇلالىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنى سىيانپىيلارنىڭ توقبات قەبىلىسىنىڭ سەردارى تۇقبات گۇي 386-يىلى قۇردى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈشى جۇڭگونىڭ شىمالىنى ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن نىسپىي تىنچ ۋەزىيەتكە ئېلىپ كىرىپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت ياراتتى.

شياۋۋېندىدىن كېيىن، شىمالىي ۋېي سۇلالىسى بارا-بارا زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھوقۇق ئىگىلىگەن ئاقسۆڭەكلەر بارغانسېرى چىرىكلەشتى، ئەمەلدارلار خىيانەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقتى. ھۆكۈمرانلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىبادەتخانىلارنى ياساتتى، راھىبلارنىڭ سانى2 مىليوندىن ئاشتى، زور مىقدارىدىكى ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ئىسراپ قىلىندى، دېھقانلارنىڭ باج-سېلىق يۈكى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولۇپ ياقا-يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتتى. مىلادىيە523-يىلىدىن باشلاپ شىمالدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەككىز يىلغا سوزۇلغان زور قوزغىلىڭى پارتلىدى. گەرچە قوزغىلاڭ شىمالىي ۋېي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي شىمالىي ۋېي سۇلالىسىمۇ مۇنقەرز بولدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى149 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، 12 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.

مىلادىيە535-يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى شەرقىي ۋېي سۇلالىسى ۋە غەربىي ۋېي سۇلالىسىدىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەتكە بۆلۈنۈپ كەتتى. شەرقىي ۋېي سۇلالىسى يېچېڭ(ھازىرقى خېبېينىڭ لىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە) نى پايتەخت قىلدى، ئۇلۇغ سانغۇن گاۋ خۇەن ھاكىمىيەتنى كونترول قىلدى، غەربىي ۋېي سۇلالىسى چاڭئەننى پايتەخت قىلدى، ئۇلۇغ سانغۇن يۈي ۋېنتەي ھاكىمىيەتنى كونترول قىلدى، ئىككىلا پادىشاھ قورچاققا ئايلىنىپ قالدى. مىلادىيە550-يىلى گاۋ خۇەننىڭ ئوغلى گاۋ ياڭ شەرقىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، شىمالىي چى سۇلالىسىنى قۇردى. 557-يىلى يۈي ۋېنتەينىڭ ئوغلى يۈي ۋېنجۆ غەربىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، شىمالىي جۇ سۇلالىسىنى قۇردى. شىمالىي چى سۇلالىسى بىلەن شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن، جۇڭگونىڭ شىمالىدا دائىم ئۇرۇش پارتلاپ تۇردى.

شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گاۋ ياڭ ئىنتايىن زوراۋان پادىشاھ بولۇپ، ھاراق-شارابقا بەكلا ئامراق ئىدى، دائىم مەستلىكىگە تايىنىپ ئادەم ئۆلتۈرەتتى. كېيىنكى بىرنەچچە پادىشاھلارمۇ ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگەن مۇتتەھەملەردىن بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چىرىكلەشتى. شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ ئەكسىچە، شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ3-ئەۋلاد پادىشاھى جۇۋۇدى − يۈي ۋېنيۇڭ ئىنتايىن قابىلىيەتلىك پادىشاھ ئىدى، ئۇ18 يىل تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە قۇللارنى ئازاد قىلىپ ئەركىن پۇقرالارغا ئايلاندۇرۇش، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرىنى ئاجىزلىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇددا دىنى ۋە تويىن دىنىنى چەكلەپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق راھىب، تويىنلارغا يۇرتلىرىغا قايتىپ ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىشقا پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇتخانىلارنىڭ يېرى ۋە مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ دۆلەت ئىشلىرىغا ئىشلەتتى. جۇۋۇدىنىڭ ئىسلاھاتى شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. مىلادىيە577-يىلى جۇۋۇدى شىمالىي چى سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈردى. شىمالىي چى سۇلالىسى28 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، ئالتە پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.

شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شياۋۋېندى بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ باردى، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمىنى ۋە خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىدى. شياۋۋېندىنىڭ ئىسلاھاتى شىمالنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىمالدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى.

جۇۋۇدى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى يىلى ئۆلدى، شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاقسۆڭەكلەردىن كېلىپ چىققان ياڭ جيەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. مىلادىيە581-يىلى ياڭ جيەن شىمالىي جۇ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، سۈي سۇلالىسىنى قۇردى، شىمالىي جۇ سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى. شىمالىي جۇ سۇلالىسى25 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، بەش پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. 589-يىلى، سۈي ۋېندى − ياڭ جيەن جەنۇبىي سۇلالىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىقى چېن سۇلالىسىنى يوقىتىپ، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ بۆلۈنمە ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى، شۇنداقلا غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن بۇيانقى270 يىللىق بۆلۈنمە ۋەزىيەتكە خاتىمە بەردى، تارىخ يەنە بۈيۈك بىرلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#