شىنجاڭ خەلق سارىيى
شىنجاڭ خەلق سارىيى-ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوستلۇق شىمالىي يولىنىڭ شىمال تەرىپىگە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلقىئارا كۆرگەزمە مەركىزى بىلەن قوشنا بۇلۇپ، كوئېنلون مېھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ خەلق سارىيى-ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوستلۇق شىمالىي يولىنىڭ شىمال تەرىپىگە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلقىئارا كۆرگەزمە مەركىزى بىلەن قوشنا بۇلۇپ، كوئېنلون مېھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ئۇ قۇيۇق شىنجاڭ مىللى ئۇسلۇبىغا، يەرلىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىككە، شۇنداقلا چەتئەل قۇرۇلۇش پۇرىقىغا ئىگە بولغان ھەشەمەتلىك ساراي، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزشىدىكى مۇھىم ئورۇن ھېساپلىنىدۇ.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق سارىيى ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىلرىنى ئۈستىگە ئالغان، تاشقى ئىشلار پائالىيىتى كۈتىۋېلىش خىزمىتىنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ھۆكۈمەت دەرىجىلىك زىياپەت، ھاراق ۋە تاشقى ئىشلار پائالىيىتى ۋە چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. مەركەزنىڭ ھال سوراش ئۆمىكى تەشكىللەپ، چەت ئەل ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتى، نەپىس مۇزىكا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئويۇنلارنى قويغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە پائال مۇھىم رول ئوينىغان. شىنجاڭ خەلق سارىيى مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن 16 ۋىلايەت، شتات، شەھەر، نازارەت، يالغۇز مىللىي كېيىم ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغان تۈپەيلىدىن ئوخشاش بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىجتىمائىي مەدەنىيتى ئىپادىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرگەزمە ئېچىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.
شىنجاڭ خەلق سارىيى يېقىنقى 20 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، تاشقى ئىشلار، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى خاس مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ھازىر گەرچە سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق دېتالنى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. [1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10003/10003/10001/2006/760753.htm
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.