ئۈمىد تۇرسۇن

ئۈمىد تۇرسۇن

ئىزدىنىشچان، خۇشچاقچاق رىياسەتچى ئۈمىد تۇرسۇن 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۈمىد تۇرسۇن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى
بوي ئېگىزلىكى 1.78
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 昱米提·吐逊江
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۇنى
كەسپى رىياسەتچى
قۇشۇمچە كەسپى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈمد تۇرسۇنئىزدىنىشچان، خۇشچاقچاق رىياسەتچى ئۈمىد تۇرسۇن 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى شۆبە مەكتىپىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىستىتوتىدا ئالىي مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ خەنزۇتىلى تەرجىمانلىق كەسپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.

خەلقئارالىق ئېنگىلىزتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئايلتىس ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 6 نومۇرغا ئېرىشكەن (تولۇق نومۇر 9 نومۇر). شۇنداقلا 2010-يىلىدىن باشلاپ، ئورخۇن چەتئەل تىللىرى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۈمد تۇرسۇنكىچىكىدىن باشلاپ رىياسەتچىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇ شۇنداق بىر پۇرسەتتە، شىنجاڭ مىلودىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئوكيان كۈيلىرى» پروگراممىسىنى ئىشلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. دەل مانا مۇشۇ جاي ئۈمىدنىڭ رىياسەتچىلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

ئۈمىد تۇرسۇن سەھنىدە

 شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا كىرگەندىن بۇيان، «گۈزەللىك سىزدە» پروگراممىسىنىڭ ئاپتورلۇق ۋە رېژىسسورلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر پروگراممىلاردىن 2- قارارلىق «يېپەك يولى ساداسى» پروگراممىسى، «پۇتبول دۇنياسى» پروگراممىسى ۋە «تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسىدا رىياسەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئىستانسىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل كېچىلىك ۋە پروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئۆز رىياسەتچىلىك يولىغا ئۇل سالغان شىنجاڭ مىلودىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىدە،مەركىزىي خەلق رادىيو  ئىستانسىسىنىڭ «ئوكيان كۈيلىرى»، «ئۈزۈلمەس مىلودىيە» ۋە «ئۇنتۇلماس مىلودىيە» پروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. 

كىچىكىدىن باشلاپ رىياسەتچىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇ شۇنداق بىر پۇرسەتتە، شىنجاڭ مىلودىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۇ يەنە «ئۆگىنىش» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى قولىغا ئالغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپنى تاشلاپ قويغىنى يوق، 2014-يىلى «سابا تىل تەربىيەلەش مەركىزى»دە داۋاملىق ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۈمىد تۇرسۇنئەڭ ياقتۇردىغان ئاكتىيورلار: Brad Pitt ،Angelina Jolie 

ئەڭ ياقتۇردىغان ناخشا چولپىنى:JaneZhang,Mariah Carey,Justin Bieber ، بارلىق ئۇستاز سەنئەتكارلار

ئەڭ ياقتۇردىغان كىتاب: پەلسەپىۋى خارەكتېردىكى كىتابلار

ئەڭ ياقتۇردىغان سۆز: كۆڭۈل تىنچلانغاندا، دۇنيامۇ تىنچلىنىدۇ

ئەڭ ياقتۇردىغان دۆلەت: جۇڭگو، ئامېرىكا، كانادا، كورىيە

قىزىقىشى: مۇزىكا ئاڭلاش، ساياھەت قىلىش، ناخشا ئېيتىش 

ئەڭ قايىل ئۇستاز: مۇنىرە غوپۇر، قەيسەر ھەبىبۇللا

ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: ئاتا-ئانىسى، ئۇستازلىرى 

ئۈمىد تۇرسۇن كەسىپداشلىرى بىلەنمەن ئاكتىپ ئېنىرگىيەدە ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى ئادەم ھامىنى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ، بۇنداق بولغانكەن، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەربىر ئويغانغان شۇ كۈننى مەنىلىك، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئاكتىپ ئېنىرگىيە ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئاندىن ئەتراپىمىزدىكىلەرگە خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.

شۈكرى-قانائەت قىلىشنى  ياخشى كۆرىمەن. «سىزگە تەۋە بولغىنى ھامىنى سىزنىڭ، تەۋە بولمايدىغان نەرسە ھامىنىباشقىلارنىڭ»، «بۇ دۇنيا كىمدىن قالمىغان دۇنيا». ھەربىر ئىنساننىڭ تۇرمۇشقا  تۇتقان يولى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، مېنىڭچە ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن دۇرۇس نىيەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان  كىشىلەرنىڭ ئۆزىلا بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىدۇر

ئۈمد تۇرسۇنمەن ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر يەنىلا شۇنچە كۆپ، جاھان بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك تار ئەمەس.

مەن دوست تۇتۇپ، سىردىشىشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بۇ ئارقىلىق

 مەن ھەقىقىي ئەينەككە ئېرىشىپ، ئىچكى دۇنيارىمنى تازىلاپ، يېڭىلاپ تۇرالايمەن.[0]

نادىر

نادىر

خەلقئارالىق ئېنگىلىزتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئايلتىس ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 6 نومۇرغا ئېرىشكەن (تولۇق نومۇر 9 نومۇر). شۇنداقلا 2010-يىلىدىن باشلاپ، ئورخۇن چەتئەل تىللىرى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (11 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    72.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    9.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    9.1%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    9.1%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#