سۇ قانۇنى

سۇ قانۇنى

2002-يىلى 8–ئاينىڭ 29-كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا تۈزىتىلىپ ماقۇللانغان، 2002-يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 74-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدى .

ئۇيغۇرچە نامى سۇ قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国水法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ قانۇنى(2002-يىلى 8–ئاينىڭ 29-كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا تۈزىتىلىپ ماقۇللانغان، 2002-يىلى 8–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 74-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدى) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھىتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سۇ بايلىقنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ بايلىقى يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3–ماددا سۇ بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. سۇ بايلىقى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆلى ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياساپ باشقۇرغان سۇ ئامبىرىدىكى شۇ سۇدىن يېزا كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتلىرى پايدىلىنىدۇ.

4-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تىزگىنلەش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، ئۈنۈمگە ئەھىمىيەت بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تۇرمۇشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەتكە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كېرەكلىك سۇنى ئوبدان تەڭشەش لازىم.

5–ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق ئۇل–ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

6–ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئېچىش ۋە پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. سۇ بايلىقىنى ئاچقان، پايدىلانغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

7-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىدا سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. لېكىن، يېزا كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ شۇ كوللېكتىپ ئىقتسادىي تەشكىلاتنىڭ كۆل ۋە سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى ئىشلىتىشى بۇنىڭ سىرتىدا. گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

8–ماددا دۆلەت سۇنى قاتتىق تېجەيدۇ، سۇ تېجەش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش يىڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنىرىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجىلىدىغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ تېجىلىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، سۇ تېجەش كەسپىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.

ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ تېجەش مەجبۇرىيىتى بار.

9-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراپ، كۆچەت تىكىپ، ئوت–چۆپ تېرىپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ، سۇ–تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلايدۇ.

10-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

11-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.

12-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ۋادى بويىچە باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىيق رايون بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. 

گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەردە تەسىس قىلغان ۋادى بويىچە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى(تۆۋەندە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەپ قىسقارتىلىدى) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يۈكلىگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئادا قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

13-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش ۋە قوغداشقا دائىر خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب سۇ بايلىقىنى پىلانلاش

14–ماددا دۆلەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقى ئىستراتېگىيىلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، ۋادى ۋە رايون بويىچە بىر تۇتاش يىرىك پىلان تۈزۈش لازىم. يىرىك پىلان ۋادى يىرىك پىلانى ۋە رايون يىرىك پىلانى دەپ ئايرىلىدۇ. ۋادى يىرىك پىلانى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن ۋادى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ رايون يىرىك پىلانى رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن رايون مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مەخسۇس يىرىك پىلان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تىزگىنلەش، سۇغرىش، سۇ ترانسپورتى، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇدىن توك ھاسىل قىلىش، ياغاچ ئېقىتىش، بېلىقچىلىق قىلىش، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ–تۇپراقنى ساقلاش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، سۇ تېجەش پىلانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

15-ماددا ۋادى دائىرىسىدىكى رايون يىرىك پىلانىنى ۋادى يىرىك پىلانىغا بويسۇندۇرۇش، مەخسۇس پىلاننى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانغا بويسۇندۇرۇش لازىم.

ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە رايون ئۇنىۋېرسال پىلانى، شۇنىڭدەك يەر ئىشلىتىشكە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلاننى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، شەھەر ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇش، جايلار ۋە ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

16-ماددا يىرىك پىلان تۈزۈشتە سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش شەرت. سۇ بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى گىدرولوگىيە ۋە سۇ بايلىقى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپارات سۇ بايلىقىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆلچشنى كۈچەيتىشى لازىم.

ئاساسلىق گىدرولوگىيە ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشكارىلاش لازىم.

17-ماددا دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان باشقا دەريا كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ دەريا، كۆل بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن رايون ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

مەخسۇس يىرىك پىلاننى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كەلكۈن مۇداپىئە يىرىك پىلانى، سۇ–تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلىتىش كەلكۈن مۇداپىئە يىرىك پىلانى، سۇ–تۇپراقنى ساقلاش پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلىتىش كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنى ۋە سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

18-ماددا يىرىك پىلان تەستىقلانغان ھامان قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى شەرت.

تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپى بويىچە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.

19-ماددا سۇ قۇرۇلۇشى ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەر ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان دەريا، كۆللەردىكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان–بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە پىكىرىنى يېزىشى لازىم؛ باشقا دەريا، كۆللەردىكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان–بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە پىكىرىنى يېزىشى لازىم. سۇ قۇرۇلۇشلىرىدىن كەلكۈن مۇداپىئەسىگە چېتىلىدىغانلىرىدا كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باشقا رايون ۋە ساھەگە چېتىلىدىغانلىرىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلاردىن پىكىر ئېلىشى لازىم.

3-باب سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

20-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا، پايدا كۆرۈش بىلەن زىياننى تۈگىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى–تۆۋەن ئېقىندىكىلەرنىڭ، ئوڭ-سول قىرغاقتىكىلەرنىڭ ۋە ئالاقىدار رايونلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش كېرەك.

21-ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا، ئالدى بىلەن شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەمدە يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە سۇ ترانسپورتى ئېھتىياجلىرىغىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىشى لازىم.

قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشتا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كېرەكلىك سۇ ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش لازىم.

22-ماددا ۋادى ھالقىپ سۇ تەڭشەشتە، ئومۇميۈزلۈق يىرىك پىلانلاش ۋە ئىلمىي دەلىللەش، سۇ بېرىدىغان، ئالىدىغان ۋادىلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىغا بىر تۇتاش پىلانلاش تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

23-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ سۇ بايلىقى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى بىر تۇتاش تەقسىملەپ ئېچىش، مەنبەنى ئېچىش بىلەن ئېقىم تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئېقىم تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ھاسلىي سۇدىن پايدىلىنىش پرىنسىپى بويىچە، سۇ بايلىقىنى ئېچىشنى مۇۋاپىق تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى لازىم. 

خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش، چوڭ–چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقى شارائىتى ۋە كەلكۈن مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى ئىلمىي دەلىللەش كېرەك؛ سۇ بايلىقى يېتەرسىز جايلاردا شەھەر كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش سۇ سەرپىياتى كۆپ بولغان سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇلازىمەتچىلىك تۈرلىرىگە چەك قويۇش كېرەك.

24-ماددا دۆلەت سۇ بايلىقى كەمچىل جايلارنىڭ يامغۇر سۈيى ۋە قىرتاق سۇنى توپلىشى، ئېچىشى، پايدىلىنىشى ھەم دېڭىز سۈيىنى ئىشلىتىشى، تۈزسىزلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

25-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇغىرىش، زەي چىقىرىش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئاسان شورلىشىپ ۋە زەيلىشىپ كېتىدىغان جايلاردا تەدبىر قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنىنى تىزگىنلىشى ۋە تۆۋەنلىتىشى لازىم.

يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرى قانۇن بويىچە شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئىگدارلىقىدىكى كوللېكتىپ يېرىدە ياكى ھۆددە ئالغان يەردە مەبلەغ سېلىپ سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلسا، كىم مەبلەغ سالسا شۇ باشقۇرۇش ۋە مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپى بويىچە، سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا يىغىلغان سۇنى ئۆزى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ.

يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى سۇ ئامبىرى ياساشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

26–ماددا دۆلەت سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ. سۇ ئېنېرگىيىسى مول دەريالاردا سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى پىلانلىق ھالدا كۆپ نىشان بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە ئېچىش كېرەك.

سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىنى قۇرۇشتا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغرىش، سۇ ترانسپورتى، ياغاچ ئېقىتىش ۋە بېلىقچىلىق قىلىش ئېھتىياجلىرىغا تەڭ ئېتىبات بېرىش كېرەك.

27–ماددا دۆلەت سۇ ترانسپورت بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ. سۇ جانىۋارلىرىنىڭ كۆچۆش يولى، پاراخوت قاتنايدىغان ياكى ياغاچ ئاققۇزىدىغان دەريالارنىڭ مەڭگۈلۈك دەريا توسۇش چۈشۈرگىسىنى ياساشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بېلىق ئۆتىدىغان، پارخوت ئۆتىدىغان، ياغاچ ئاققۇزىدىغان ئەسلىھەلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن، باشقا ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ۋە سۇ يىغىلىۋاتقان مەزگىلدىكى سۇ جانىۋارلىرىنى قوغدىشى، سۇ ترانسپورتى ۋە ياغاچ ئاققۇزۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

كېمە–پاراخوت قاتنىمايدىغان دەريا ئېقىنى ياكى سۈنئىي سۇ يوللىرىغا توما ياسالغاندىن كېيىن كېمە-پاراخوت قاتنىسا، توما ياساتقۇچى ئورۇن پاراخوت ئۆتىدىغان ئەسلىھەلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى ياكى پاراخوت ئۆتىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئورنىنى قالدۇرۇپ قويۇشى لازىم. 

28-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ باشلاش، توسۇش(يىغىش) ، چىقىرىۋېتىشتە، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشى كۆچمەنلىرىنى ئېچىش خاراكتېرلىك كۆچۈرۈش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە تۆلەم، ياردەم پۇل بېرىش بىلەن كېيىنكى مەزگىلدە يار–يۆلەك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە، كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن قۇرۇلۇشقا تەڭ تۇتۇش قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان رايوننىڭ مۇھىت سغىمچانلىقىغا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پرىنسپىغا ئاساسەن، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۈزۈپ، قانۇن بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يولغا قويۇشى لازىم. كۆچمەنلەرگە كېرەكلىك خىراجەت قۇرۇلۇش مەبلىغى پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

4-باب سۇ بايلىقى، سۇ دائىرىسى ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنى قوغداش

30-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتە، دەريانىڭ مۇۋاپىق ئېقىن مىقدارىنى ۋە كۆل، سۇ ئامبىرى، شۇنىڭدەك يەر ئاستى سۈيىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، سۇنىڭ تەبىئىي تازىلىنىش ئىقتىدارىنى ساقلىشى لازىم. 

31–ماددا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تېجەش، قوغداش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەستىقلانغان يىرىك پىلانغا ئەمەل قىلىشى لازىم؛ يىرىك پىلانغا خىلاپلىق قىلىپ دەريا ۋە كۆل سۈيى دائىرىسىنىڭ ئىشلىتىلىش رولىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ زىيادە تارتىلىشى، يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ئوڭشاش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

كان بايلىقى قازغاندا ياكى يەر ئاستى قۇرۇلۇشى قىلغاندا، سۇ چىقىرىۋېتىش مەقسىتىدە يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كېتىش، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كېتىش ياكى يەر ئويۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كان بايلىقى قازغۇچى ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم؛ باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى لازىم.

32-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋادى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقىنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ رولىنى رايونلارغا ئايرىش لايھىسىنى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ رولىنى رايونلارغا ئايرىش لايىھىسىنى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ دەريا، كۆل بار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرۈش پىكىرىنى قويغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ رولىنى رايونلارغا ئايرىش لايىھىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەييارلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ رولى رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىگە بولغان تەلىپى ۋە سۇنىڭ تەبىئىي ساپلىشىش ئىقتىدارىغا قاراپ شۇ سۇ رايونىنىڭ بۇلغىما سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى بېكىتىپ، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا شۇ سۇ رايونىنىڭ بۇلغىما چىقىرىۋېتىش ئومومىي مىقدارىغا چەك قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ رولى رايونىدىكى سۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەپ، نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ياكى سۇ رولى رايونىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ سۇ دائىرىسىنىڭ ئىشلىتىلىش رولىنىڭ سۇنىڭ سۈپىتىگە بولغان تەلىپىگە يەتمىگەنلىكىنى سەزگەندە، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى لازىم.

33-ماددا دۆلەت ئىچىملىك سۇ مەنبە مۇھاپىزەت رايونى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىچىملىك سۇ مەنبە مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئايرىپ چىقىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ سۇ مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەھەر–يېزا ئاھالىسى ئىچىدىغان سۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

34–ماددا ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىدا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

دەريا، كۆللەردە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى يېڭىدىن قويۇش، ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىشتە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

35-ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇشتا يېزا ئىگىلىك سۇ مەنبەسى، سۇغىرىش–سۇ چىقىرىۋېىتش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان ياكى سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش مەنبەسىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەنلىرى مۇناسىپ ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى لازىم. 

36–ماددا يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان جايلاردا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىشنى قاتتىق تىزگىنلىشى لازىم. يەر ئاستى سۈيى بەك زىيادە تارتىلغان جايلاردا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يەر ئاستى سۈيى تارتىشنى مەنئى قىلىش ياكى تارتىشقا چەك قويۇلىدىغان رايونلار ئايرىلسا بولىدۇ. دېڭىز بويىدىكى جايلاردا يەر ئاستى سۈيى تارتىشنى ئىلمىي دەلىللەش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ يەرنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىۋېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

37–ماددا دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قانال، ئۆستەڭگە كەلكۈننى ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ، دۆۋىلەپ قويۇش ۋە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان دەل–دەرەخ تىكىش، شۇنىڭدەك غوللۇق زىرائەت تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىش، شۇنىڭدەك دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، قىرغان مۇداپىئە توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ۋە دەريا يولىدا كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

38–ماددا دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كۆۋرۈك، پرېستان ۋە باشقا دەريا توسۇيدىغان، دەريادىن ئۆتىدىغان، دەرياغا يېقىن ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلمىلار، دەريا ئاستى تۇرۇبا يولى، كابېللىرىنى دۆلەت بېكىتكەن كەلكۈن مۇداپىئە ئۆلچىمىگە ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىكى تېخنىكا تەلىپى بويىچە ياساش، قۇرۇلۇش لايىھىسى كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىغا يوللاش لازىم.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشكە، ئۆزگەرتىشكە، چېقىۋېتىشكە ياكى بۇزۇشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە زىيان تۆلىمى بېرىشى لازىم. لېكىن، ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

39-ماددا دۆلەت دەريادىن شېغىل ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دەريادىن شېغىل ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە شېغىل ئېلىپ دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتسە ياكى توسمىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتسە، ئالاقىدار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شېغىل ئېلىش مەنئى قىلىنىدىغان رايون ۋە شېغىل ئېلىش مەنئى قىلىنىدىغان مەزگىلنى بېكىتىشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى لازىم. 

40-ماددا كۆل دائىرىلەپ يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. دائىرىلەپ يەر ئاچقانلار دۆلەت بېكىتكەن كەلكۈن مۇداپىئە ئۆلچىمى بويىچە، پىلانلىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم. 

دەريا دائىرىلەپ يەرئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. دەريا دائىرىلەپ يەر ئېچىش زۆرۈر بولسا، ئىلمىي دەلىللەپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.

41-ماددا ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار، مۇداپىئە قىرى، مۇداپىئە قېشى، كەلكۈن مۇداپىئەسى، گىدرولوگىيىلىك ئۆلچەش، گىدروگېئولوگىيىلىك ئۆلچەش قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۇغان، مۇداپىئە قىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، خەتەرنى سۈرۈك ئىچىدە تۈگىتىشى لازىم. سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

43-ماددا دۆلەت سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى قوغدايدۇ. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم.

گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرىدىغان سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى مەسئۇل تارماق ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا سۇ قۇرۇلۇشلىرىدا قۇرۇلۇش مۇھاپىزەت دائىرىىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىش كېرەك.

سۇ قۇرۇلۇشلىرى مۇھاپىزەت دائىرىسىدە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يېتىدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش، توپا ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

5-باب سۇ بايلىقىنى تەقسملەش ۋە تېجەش

44-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات–پىلان مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ بايلىقىنى ماكرولۇق تەقسىملەشكە مەسئۇل بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىيدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات–تەلەپ يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سۇ تەرەققىيات–پىلان مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ. يەرلىكنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات–تەلەپ پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات–تەلەپ يىرىك پىلانىغا ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلي ئەھۋالىغا قاراپ تۈزۈپ، شۇ دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات–پىلان مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.

ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات–تەلەپ يىرىك پىلانىدا سۇ تەمىنات–تەلەپ ئەھۋالى، خەلق ئىگلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ۋادى يىرىك پىلانى، رايون يىرىك پىلانىغا ئاساسلىنىش، ئۇنى سۇ بايلىقى تەمىنات–تەلەپ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيىنى قوغداش، قاتتىق تېجەش، مەنبەنى مۇۋاپىق ئېچىش پرىنسىپى بويىچە تۈزۈش لازىم.

45-ماددا سىرغىم سۇنى يىغىش ۋە سۇ تەقسىملەشتە، ۋادى يىرىك پىلانى بىلەن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك سۇ تەمىنات–تەلەپ يىرىك پىلانىغا ئاساسلىنىش، سۇ تەقسىملەش لايىھىسىنى ۋادىلارنى بىرىلىك قىلىپ تۈزۈش كېرەك. 

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغاندا، سۇ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ، گوۋۇيۈەن ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. مەمۇرىي رايون ھالقىغان باشقا سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغاندا، سۇ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ.

سۇ تەقسىمات لايىھىسى ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغاندا، سۇ تەڭشەش لايىھىسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىشى شەرت.

ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل دەريادا سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش تۈرلىرى شۇ ۋادىنىڭ تەستىقلانغان سۇ تەقسىمات لايىھىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى لازىم.

46–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلانغان سۇ تەقسىمات لايىھسىگە ۋە يىللىق مۆلچەرى سۇ مىقدارىغا ئاساسەن، يىللىق سۇ تەقسىمات لايىھىسى تۈزۈپ، سۇنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا بويسۇنۇشى شەرت.

دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا، كۆللەرنىڭ يىللىق سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم.

47–ماددا دۆلەت سۇ ئىشلىتىشتە ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش بىلەن نورمىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار ساھە مەسئۇل تارماقلىرى شۇمەمۇرىي رايوندىكى سۇ نورمىسىنى بېكىتىپ، تەڭ دەرىجلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن سۈپەت نازارەتچىلىك پېرىيوم مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك پېرىيوم مەمۇرىي مەسئۇل تامىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات–پىلان مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، سۇ نورمىسى، ئىقتىساد–تېخنىكا شارائىتى، شۇنىڭدەك سۇ تەقسىمات لايىھىسىدە بېكىتىلگەن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۇ مىقدارىغا قاراپ، يىللىق سۇ ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يىللىق سۇ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ.

48-ماددا دەريا، كۆل ياكى يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن بىۋاسىتە سۇ ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئورۇن ۋە شەخس دۆلەتنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ھەمدە سۇ بايلىقى ھەققى تاپشۇرۇپ، سۇ ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى لازىم. لېكىن، ئائىلە تۇرمۇشىغا، چارۋا ۋە ئۆي قوشلىرىنى تارقاق بېقىش، قوتاندا بېقىش قاتارلىقلارغا ئاز مىقداردا سۇ ئېلىش بۇنىڭ سىرتىدا. 

سۇ ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمى ۋە سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش-باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

49–ماددا سۇ ئىشلىتىشتە ئۆلچەم بولۇش ھەمدە سۇنى تەستىقلانغان پىلان بويىچە ئىشلىتىش لازىم. 

سۇ ئىشلىتىشتە ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىش ۋە نورمىدىن ئېشىپ كەتسە باھا قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

50–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېجەپ سۇغىرىش ئۇسۇلى ۋە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ يىغىش، سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىدا زۆرۈر سۇ سىڭمەس تەدبىرى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

51-ماددا سانائەتتە سۇ ئىشلىتىشتە ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، سۇنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، سۇنى تەكرار ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

دۆلەت قالاق، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى تەدرىجىي شاللايدۇ، بۇنىڭ كونكرېت مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. ئىشلەپ چىقارغۇچى، ساتقۇچى ياكى ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەتتە ئىشلەتكۈچىلەر مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىشنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توختىتىشى كېرەك.

52-ماددا شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورلىرىنىڭ سۇ قېچىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىپ، ھاسلىي سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

53-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇتېجەش لايىھىسى تۈزۈپ چىقىش، سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش كېرەك. سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇلۇش گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشقا كىرشتۈرۈش كېرەك. 

سۇ تەمىنات كارخانىلىرى ۋە سۇ تەمىنات ئەسلىھەلىرىنى ئۆزى سالغان ئورۇنلار سۇ تەمىنات ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇنىڭ زايە بولۇشىنى ئازايتىشى لازىم.

54-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر–يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم.

55-ماددا سۇ قۇرۇلۇشلىرى تەمىنلىگەن سۇنى ئىشلىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۇ بەرگۈچى ئورۇنغا سۇ ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. بېرىلگەن سۇنىڭ باھاسىنى تەننەرخىنى تولۇقلاش، مۇۋاپىق مەنپەئەتلىنىش، ياخشىسىغا يۇقىرى باھا قويۇش، ئادىل ئۈسىتىگە ئېلىش پرىنسىپى بويىچە بەلگىلەش كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە دەرىجىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ بەرگۈچى باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ.

6-باب سۇ ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

56-ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۇ ماجىرالىرىنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ مەسلىھەتتىن نەتىجە چىقمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىشى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۇنى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشى شەرت. سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلماي ياكى ئۇلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىماي تۇرۇپ، مەمۇرىي رايون پاسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مەلۇم دائىرىدە ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش، سۇ تۇتۇش، سۇ ئېلىش ۋە سۇ توشۇش(ساقلاش) قۇرۇلۇشى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

57-ماددا ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا، شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا، ئورۇنلار بىلەن شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۇ ماجىرالىرىنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ ئالاقىدار مەسلىھەتلىشىشنى خالىمىسا ياكى مەسلىھەتتىن نەتىجە چىقمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ مۇرەسسەسىدىن نەتىجە چىقمىسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسابولىدۇ.

سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

58–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماق سۇ ماجىراسىنى بىر قىلىشتا ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تەرەپلەر ياكى ئالاقىدارلار بۇنىڭغا بويسۇنۇشى شەرت.

59-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

سۇ نازارەتچىلىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇندىن ئالاقىدار ھۆججەت، گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(2) تەكشۈرۈلىدىغا ئورۇندىن مۇشۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشقا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرش سورۇنىغا كىرىپ تەكشۈرۈش؛

(4) تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.

61-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشى لازىم، سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشقا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

62-ماددا سۇ ئىشلىرى نازارەتچىلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشتا تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەرگە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.

63-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلىش ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى سەزگەندە، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى لازىم. 

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

64-ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل–مال ۋە باشقا نەپ ئالسا ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئىجازەتنامە بېرىپ، تەكشۈرۈپ قوشۇلۇش پىكىرى يازسا، سۇنى تەقسىمات لايىھىسىگە قارىماي تەقسىم قىلسا، سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىسا، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سەزگەن بولسىمۇ بىر تەرەپ قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمنىڭ ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

65-ماددا دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلما ياسىغانلار ياكى دەريا ھالىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، قىرغاق مۇداپىئە قىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ۋە دەريادىكى كەلكۈننى ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، قانۇنغا خىلاپ ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلمىنى سۈرۈك ئىچىدە بۇزۇپ تاشلاپ، ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بۇزۇۋەتمىسە، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرمىسە، مەجبۇرىي بۇزۇۋېتىلىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇ قۇرۇلۇشى قىلغان ياكى كۆۋرۈك، پرېستان ياسىغان ۋە باشقا دەريا توسۇيدىغان، دەريادىن ئۆتىدىغان، دەرياغا يېقىن جايغا ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلما ياسىغان، دەريا ئاستىغا تۇرۇبا، كابېل ئورناتقانلار ھەققىدە كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلىمە بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى سۈرۈك ئىچىدە تولۇقلاپ بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بېجىرمىگەن ياكى بېجىرگەن بولسىمۇ تەستىقلانمىغانلارنى قانۇنغا خىلاپ ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سۈرۈك ئىچىدە بۇزۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بۇزۇۋېتىلمىگەنلىرى مەجبۇرىي بۇزۇۋېتىلىدۇ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپ قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان بولسىمۇ، تەلەپ بويىچە ياسالمىغان ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر–يېنىكلىكىگە قاراپ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

66-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشىنڭ بىرىنى سادىر قىلغان ھەم كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، توسالغۇنى سۈرۈك ئىچىدە تازىلاشقا ياكى باشقا ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، قانال، ئۆستەڭلەرگە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ، دۆۋىلەپ قويغان ۋە كەلكۈن ئاققۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان دەل–دەرەخلەرنى تىككەن ۋە غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىغانلار؛

(2) كۆل دائىرىلەپ يەر ئاچقان ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ دەريا دائىرىلەپ بوز يەر ئاچقانلار.

67-ماددا ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى ئىچىدە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە بۇزۇۋېتىشكە، ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ بۇزۇۋەتمىگەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرمىگەنلەرنى مەجبۇرىي بۇزۇۋېتشكە، ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، دەريا، كۆللەردە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يېڭىدىن قويغان، ئۆزگەرتكەن ياكى كېڭەيتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىي ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

68-ماددا دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن قالاق، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

69-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە ئوڭشاش تەدبىر قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇ ئالغانلار؛ 

(2) سۇ ئېلىشتا تەستىقلانغان سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن شەرتكە ئەمەل قىلمىغانلار.

70-ماددا سۇ بايلىقى ھەققىنى تاپشۇرمىغان، كېچىكتۈرگەن ياكى نېسى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلاردىن كېچىكتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنىگە كېچىكتۈرگەن قىسمىنىڭ ‰20 ى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇپ ئېلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە تاپشۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇ بايلىقى ھەققىنىڭ بىر ھەسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

71-ماددا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرى پۈتمىگەن ياكى دۆلەت بېكىتكەن تەلەپكە يەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، ئىشلىتىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانى قويۇلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىغا جىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ :

(1) سۇ قۇرۇلۇشى ۋە مۇداپىئە قىرى، مۇداپىئە قېشى ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، نابۇت قىلىۋەتكەنلەر، كەلكۈن مۇداپىئە، گىدرولوگىيە، گىروگېئولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەر:

(2) سۇ قۇرۇلۇشىنى ئاسراش دائىرسىدە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىلىشگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش، توپا ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار 73-ماددا تاشقىن مۇداپىئە ئەشيالىرى، كەلگۈن مۇداپىئەسى، ئېتىز–ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشى، گىدروگېئولوگىيە ۋە ئۆلچەش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش ئۈسكۈنە–سايمانلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئوغلاپ ياكى تاتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، كۆچمەنلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش پۇلنى خىيانەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

72-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرۈگەنلەرنىڭ جىنايە جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇننىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان ھەمدە كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغان خىلاپ قىلمىشنى توختىتىپ، ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: 

(1) سۇ قۇرۇلۇشى ۋە مۇداپىئە قىرى، مۇداپىئە قېشى ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، نابۇت قىلۋەتكەنلەر، كەلكۈن مۇداپىئە، گىدرولوگىيە، گىدروگېئولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەر؛ 

(2) سۇ قۇرۇلىشىنى ئاسراش دائىرسىدە، سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغان ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارتىلىتىش، قۇدۇق قېزىش، تاش، توپا ئېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار.

73-ماددا تاشقىن مۇداپىئە ئەشيالىرى، كەلكۈن مۇداپىئە، ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشى، گىدروگېئولوگىيە ۋە ئۆلچەش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش ئۈسكۈنە-سايمانلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئوغرىلاپ ياكى تارتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىش، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىش، شۇنىڭدەك باشقا سۇ قۇرۇلۇش پۇلىنى خىيانەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

74-ماددا سۇ ماجىراسى يۈز بەرگەندە ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا باشقىلارنى قۇترىتىپ جېدەل چىقىرىپ، توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ پۇل-مېلىنى تارتىۋېلىپ ياكى بۇزۇۋېىتپ، باشقىلارنىڭ جسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايەت ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلىرىغا ج خ ئوگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

75-ماددا ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلار ئوتتۇرىسىدا سۇ ماجىراسى يۈز بېرىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى سادىر بولسا، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) سۇ تەقسىمات لايىھىسىنى ۋە سۇ تەڭشەش لايىھىسىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلار؛ 

(2) سۇنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنماي تۇرۇۋالغانلار؛

(3) يۇقىرى دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلار؛

(4) سۇ ماجىراسى ھەل قىلىنىشىتىن ئىلگىرى، ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلماي ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇنىڭ ھازىقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر.

76-ماددا سۇ باشلاش، توسۇش(يىغىش) ، چىقىرىۋېتىشىتە، جامائەت مەنپەئىتىگە ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە ياكى زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

77-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىدىكى دەريادىن شېغىل ئېلىش ئىجازەت تۈزۈمىگە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

78-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا ياكى دۆلەت چېگىرىسىدىكى پاسىل دەريا، كۆللەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنغا ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمىلەر بولسا، خەلقئارالىق شەرتنامە، كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ساقلاپ قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. 

79-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇ قۇرۇلۇشى دەريا، كۆل ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تىزگىنلەش، تەڭشەش ۋە سۇ بايلىقىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. 

80–ماددا دېڭىز سۈيىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئالاقىدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

81-ماددا كەلكۈن مۇداپىئەسى كەلكۈن مۇداپىئە قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

82-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىلى 10–ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#