ئاقچى ناھىيەسى

ئاقچى ناھىيىسى
ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر.

نامى ئاقچى ناھىيەسى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
نوپۇسى 34 مىڭ ( 2013 - يىلى )
خەنزۇچە نامى 阿合奇县
يەر مەيدانى 16 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر
قارىمىقىدىكى رايون بىر بازار، 5 يېزا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقچى ناھىيىسىئاقچى ناھىيەسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قىسمىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيەسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال، غەرب تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر) .

 ئومۇمىي يەر مەيدانى 16 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر . ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 32 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار % 88.96 نى، ئۇيغۇرلار % 4.55 نى، خەنزۇلار 6.28% نى، باشقا مىللەتلەر % 0.21 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئاقچى ناھىيىسىئاقچى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ساپار باي دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. ساپارباي غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ساپار باي ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭغار قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24-يىلى (1759-يىلى) ئاقچى بىلەن ئۇچتۇرپان بىردەك ئۇچتۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى دەپ ئاتالغان. مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىلى) نامى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 29-يىلى (1940-يىلى) ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ ئاقچى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 33-يىلى (1944-يىلى) دەرىجىسى ناھىيىگە ئۆستۈرۈلۈپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954-يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 

بۇ ناھىيىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، «ئىككى تاغ بىر جىلغىنى قورشاپ تۇرىدۇ» . پۈتۈن يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى تۆۋەن بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش. شىمالىي تەرىپىدە كوكسال تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 958 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپىدە قارا تېكەن تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ 679 مېتىر ئېگىز. ئوتتۇرىسىدا توشقان دەرياسى جىلغىسى بار. توشقان دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ پۈتۈن ناھىيەنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 680 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول بولۇپ، ئىككى تاغ، بىر جىلغىغا تارالغان ئۆسۈملۈك 200 خىلدىن كۆپرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ياۋا ئارپىبەدىيان، قىل يوپۇرماق، ئەمەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن سېرپېنتىن، گەز، مەرمەر تاش، ئىسلاندىيە تېشى، تۆمۈر، مانگان قاتارلىقلار بار. 

ئاقچى ناھىيەسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 36.4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 27.2-، كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2988.6 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2434.8، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 184.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2501.4 مىللىمېتىر.

ئاقچى ناھىيىسىبۇ ناھىيە تاغلىق رايون چارۋىچىلىق ناھىيەسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىڭ 300 گېكتار (64 مىڭ 500 مو) ، ئورمان كۆلىمى 760 مىڭ گېكتار(11 مىليون 400 مىڭ مو) ، ئوتلاق كۆلىمى 884 مىڭ 700 گېكتار(12 مىليون 670 مىڭ مو) ، يەنە دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان 8 مىڭ 700 گېكتار(130 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. مال-چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، قوتاز، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، يالىڭاچ، ئارپا، دادۇر(باقىلە) ، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار بار. 

ئاقچى ناھىيەسىنىڭ  ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە يولىدىن بىرى، چېگرا مۇداپىئەسى مەخسۇس يولىدىن ئىككىسى بار. پروگراممىلىق تېلېفون نۇر كابىللىق تېلېگراف يوللىرى ئىشلىتلىشكە كىرىشتۈرۈلدى. 

بۇ ناھىيەنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كىرگىن قەدىمىي قەلئەسى، ئۇچتۇرپان قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بالىگېندى قەدىمىي پوتىيى، ئىبراھىم قەدىمىي قەلئەسى، بەدەل بولال تۇراسى، قارلىق مۇز چوققا، جىلو سۇ ئارشىڭى، توشقان دەرياسى جىلغىسى مەنزىرىسى قاتارلىقلار بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/261453.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#