كەيت شوئېك

كەيت شوئېك (Kait Schoeck): مىكروسوفتنىڭ سانائەت لايىھەلىگۈچىسى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەيت شوئېك (Kait Schoeck): مىكروسوفتنىڭ سانائەت لايىھەلىگۈچىسى

كەيت شوئېك ئەسلىدە مىكروسوفتتا خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكا رودې ئارىلى ئىشتاتلىق لايىھەلەش ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەندە بىر رەسسام ياكى قىستۇرما رەسىم رەسسامى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى پىلانلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن سانائەت لايىھەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەيتتم». ئۇ مەكتەپكە يېتىپ كەلگەندە ئاندىن سانائەت لايىھەسىنى چۈشەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسپىنى ئالماشتۇرغان، كېيىنچە مىكروسوفتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ شىركەت ئۇنىڭ ئالاھىدە ئۆزگىچە ئەسەرلەر توپلىمىنى ياقتۇرۇپ قالغان، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.

ئۇ بۈگۈنكى كۈندە مىكروسوفت شىركىتىنىڭSurface نى لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، ئۇ شىركەتكە ياردەملىشىپ ئۇلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھەل قىلالمايۋاتقان بىر ئىشنى، يەنى لايىھە جەھەتتە ئالمىدىن ئېشىپ كېتىشنى ئۇرۇنلاشقا كۈچ سەرپ قىلغان. شوئېك ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى كومپيۇتېر لايىھەلەش يۈكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغان ھەرقانداق نەرسىنى ياساپ چىقالايدۇ. شۇڭا شوئېك مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ياساپ چىققانلىرىمىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن تۇتۇپ باققان ۋاقتىڭىز دەل سىزنىڭ بۇ لايىھەنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلەلەيدىغان ۋاقتىڭىز».

مىكروسوفتتا خىزمەت قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، شوئېك ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئاشۇ چۇۋۇشقا بولىدىغان Surface Bookنى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئايلانما زەنجىرگە ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ كوللېكتىپى يەنە چارە-تەدبىر تېپىش ئارقىلىق سېزىمچان ئېكرانلىك خاتىرە كومپيۇتېرنى تېخىمۇ تەبىئىيلا ئاسان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، بۇنىڭ بىلەن تاختا كومپيۇتېرنى ھەقىقىي خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئۈستەل كومپيۇتېرىنى خۇددى چېرتيوژ سىزىش ئۈستىلىگە ئوخشاش نەرسىگە ئايلاندۇردى. شوئېكقا بۇنداق لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن، مىكروسوفتنىڭ ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى پەقەت ياخشى ئىشلىتىلىشچان بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى كۆركەملەشتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#