ئامرىش پۇرى

ئامرىش پۇرى

ئامرىش پۇرى 1932-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ھىندىستان كىنوچىلىقى غا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان داڭلىق ئارتىس، كىنو سەنئەتكارى، سەلبىي ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ دۇنيا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا چولپان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئامرىش پۇرى
باشقا نامى Amrish Puri
يۇرتى پەنجاپ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
كەسپى ئارتىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿莫瑞什·普瑞
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1932-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى سىملا ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامرىش پۇرىئامرىش پۇرى 1932-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ سىملا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاكىسىنىڭ قېشىغا پاناھلىق تارتىپ بارىدۇ، يەنە بوللىۋود ئىشلىمەكچى بولغان بىر فىلىمدە رول ئالماقچى بولىدۇ، بىراق ئۇ فىلىمنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىشتىلا مەغلۇب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئەمگەك ئىدارىسى ئارقىلىق بىر تىياتىرخانىدا ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ سەھنىدە خېلى ئۇتۇق قازىنىدۇ. نام قازىنىشقا ئەگىشىپ، ئۇ بىر قىسىم تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدا رول ئالىدۇ ھەمدە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆزىنىڭ شانلىق كىنوچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.

ئامرىش پۇرىئامرىش پۇرى 1971-يىلى بوللىۋودتا ئىشلەنگەن فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئالىدۇ. ئۇ 1978-يىلى ئىشلەنگەن، ئانىل كاپور بىلەن سرىدېۋى پاللاۋى باش رول ئالغان «ھىندىستانلىق ئەپەندى» ناملىق فىلىمدە «مۇگامبو»دىن ئىبارەت سەلىبىي شەخسنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ فىلىم شىمالىي ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئۇ يەنە 1980-يىللاردا ئاتاقلىق كىنو چولپانلىرىدىن ئامىتاب باچچان باش رول، مىتھۇن چاكرابورتى يانداش رول ئالغان «قانلىق قىساس» ناملىق فىلىمدە گەنگانىڭ قورو-جايلىرىنى تارتىۋېلىپ زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىدىغان تولىمۇ ياۋۇز، جازانىخور ھەسەن بەگنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. بۇ ھەسەن بەگ ئوبرازى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئوبراز بولسا كېرەك.

داڭلىق چولپان سۇنى دېئول باش رول ئالغان «تۈرمىدىكى غەزەپ ئوتى» ناملىق فىلىمدە زەھەر ئەتكەسچىسى پاراۋىننىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ فىلىممۇ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرگەن فىلىملەرنىڭ بىرى.

ئۇ يەنە 1996-يىلى ئىشلەنگەن، داڭلىق كىنو چولپىنى ئاجەي دېۋگان بىلەن سونالى بەدرو باش رول ئالغان «ئوت يۈرەك» ناملىق فىلىمدە «شاكا» قاتارلىق قاراقچىلارنىڭ كاتتىبېشى «دارا»نىڭ رولىنى ئالىدۇ.

شاھرۇھخان باش رولغان فىلىم «يالقۇنلۇق قىساس»تا جازانىخور، باسقۇنچى كۆمۈر كان خوجايىنىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. بۇ فىلىم ھىندىستان مىقىياسىدا قويۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ، ھىندىستان-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشتە مۇئەييەن رول ئوينىغان ھەمدە ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان.

ئامرىش پۇرى مۇشۇ تەرىقىدە ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن ئامىتاب باچچان، شاھرۇھخان، ئاجەي دېۋگان، سالمانخان، ئامىرخان، سۇنى دېئول، سانجاي دۇت، ھېرتىك روشەن، ئاكشاي كۇمار، ئانىل كاپور، مىتھون چاكرابورتى قاتارلىق تالايلىغان چولپانلار رول ئالغان نۇرغۇن فىلىملىرىدە قورال-ياراغ ئەتكەسچىسى، زەھەر ساتقۇچى، خىيانەتچى، پارىخور، قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلغۇچى، ئالدامچى، باسقۇنچى، زالىم، قانخور، زومىگەر قاتارلىق كىشى نەپرەتلىنىدىغان پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، شۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان.

ئۇ رول ئالغان فىلىملەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ خىلمۇ-خىل يامان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياخشى كىشىلەرنىڭ، ئاجىزلارنىڭ ئىشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ زار-زار يىغلىنىنى، ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يالۋۇرغىنىنى كۆرسە، خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلىدۇ، يايراپ كېتىدۇ. ئۇ ئەمەلدارلارنى پۇل بىلەن سېتىۋالىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى تەرىپىدىن شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولىدۇ.

ئامرىش پۇرى مۇتلەق كۆپ فىلىمدە سەلىبىي ئوبرازلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە خېلى كۆپ فىلىملەردە ئىجابىي ئوبرازلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان. ئۇ داڭلىق كىنو چولپىنى ئاجەي دېۋگان تۇنجى باش رول ئالغان، 1991-يىلى ئىشلەنگەن «گۈل ۋە تىكەن» ناملىق فىلىمدە، قارا جەمئىيەت كاتتىبېشىنىڭ، فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ ۋىجىنىڭ دادىسىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ.

ئاجەي دېۋگان بىلەن رېۋىنا تەندان باش رول ئالغان، 1996-ئىشلەنگەن «قارا نىيەت» ناملىق فىلىمدە، تولىمۇ مېھرىبان دادا، ئادىل تىجارەتچى سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ. ئۇ يەنە «قىزىل يوپۇرماق»، «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ» قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەردە تۈرلۈك ناملاردىكى ئىجابىي روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ.

ئامرىش پۇرىئامرىش پۇرى پۈتۈن ئۆمرىدە جەمئىي 254 فىلىمدە رول ئالغان بولۇپ، بوللىۋود ئىشلىگەن فىلىملەردە رەسمىي رول ئېلىشقا باشلىغاندا، ئاللىقاچان 40 ياشقا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئوبرازى، رول ئېلىشتىكى ئالاھىدە تالانتى بىلەن بوللىۋود تارىخىدا سەلىبىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چولپانغا ئايلانغان.

ئامرىش پۇرىئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق يۈرەك قېنىنى ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ كاتتا چولپان ـــ ئامرىش پۇرى 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى مېڭىدە قان توختاپ قېلىش كېسىلى بىلەن 72 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپاتىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن بىر قېتىم تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گەرچە ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياراتقان تالايلىغان ئوبرازلار مىليونلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ.

ھىندىستان ئۆزىنىڭ رەڭگاراڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپلا قالماي، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كىنوفىلىملىرى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر.

ھىندىستان فىلىملىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بىز كۆرگەن ھىندىستان فىلىملىرىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئامىتاب باچچان، شاھرۇھخان قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىر قاتار كىنو چولپانلىرى بىلەن بىر قاتاردا يەنە بىر چولپان، بىر سەلىبىي ئوبراز دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدۇ.

ئۇ بولسىمۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان داڭلىق ئارتىس، كىنو سەنئەتكارى، سەلىبىي ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ دۇنيا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا چولپان ئامرىش پۇرى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#