يۈسۈپجان قېيۇم
يۈسۈپجان قېيۇم 1983-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ سانجى شەھىرى 701-كەنتىدە تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈسۈپجان قېيۇم 1983-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ سانجى شەھىرى 701-كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناھايىتى شوخ بولۇپ، پۇتبول ئويناشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى، ماھارىتى خېلى يۇقىرى، ئۇ 1997-يىلى ئىمتىھان بېرىپ بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئۆتكەن، لېكىن ئاتا–ئانىسىنىڭ پۇتبول ئوينىشىغا قارشى تۈپەيلى، 2001-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئۇسۇل كەسپىي بويىچە تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 2002-يىلىغا كەلگەندە، يۈسۈپجان ئىختىيارسىز ھالدا ئېرىلاندىيە تەپ ئۇسۇلىنى تەلۋىلەرچە ياقتۇرۇپ قالغان.
2008- يىلى ئۆزى قۇرغان تەپ ئۇسسۇلى كۇلۇبى تاقىلىپ قالغان.
2009- يىلى سول پۇتى ئوشۇقىدىن سۇنۇپ كېتىپ ئۇسسۇلدىن ۋاز كەچكىلى تاس قالغان يۈسۈپجان قەيسەر ئىرادە بىلەن 2010-يىلى يەنە ئۆزى ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە تەربىيىلەش كۇلۇبى (Rhythm Game) نى قۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر خېلى كۆپ ياراملىق شاگىرت ۋە 30 قا يېقىن (قىز، ئوغۇل) ئۇسسۇل ھەمراھى يېتىشتۈرگەن. 2013-يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ (شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى شۆبە مەكتىپى) تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ۋە تەپ ئۇسسۇلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان.
2002-يىلدىن باشلاپ تەپ ئۇسسۇلىنى ياقتۇرۇپ قالغان يۈسۈپجان 2004- يىلى7-ئايدا شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەپ ئۇسۇلى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان.
2004-يىلى 11-ئاينىڭ 17–كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو تەپ ئۇسۇلى شاھى تاللاش مۇسابىقىسىدا چېمپىيۇن بولۇپ، (جۇڭگو تۇنجى ئەۋلاد تەپ ئۇسسۇلى شاھى دەپ نام ئالغان. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە دۇنيا تەپ ئۇسسۇلى شاھى Michael Flatley) بولۇپ بىۋاستە باھالاپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2005-يىلى سول پۇتى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن ھېچقانداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمىغان. 2006- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەپ ئۇسسۇلى كۆرىكىدە ئەڭ ياخشى روھىي كەيپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.