كىراخمال

كىراخمال

كىراخمال بولسا بۇغداي ئۇنىنى خېمىر قىلغاندىن كېيىنكى چىلانمىسىىڭ تېگىگە ئولتۇرۇپ قاتقان رۇغىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن «نىشاستە» ياكى «كراخمال» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.كۆزدىكى قىچىشىشنى يوقىتىش، كۆزگە ماددا چۈشۈشتىن ساقلاش ۋە كۆزدىكى يىرىڭلىق چاقىلارنى قۇرۇتۇش رولى بار.

ئۇيغۇرچە نامى كىراخمال
ئەرەبچە نامى كىراخمال نىشائىل بابىلبوز
ئىنگلىزچە Amylum
تەمى تەمسىز
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 淀粉
پارسچە نامى نىشائى گەندۇم
ئوردۇچە نامى نىشاستە
چىقىش ئورنى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى تەييارلايدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىراخمالكىراخمال بولسا باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بۇغداي ئۇنىنى خېمىر قىلغاندىن كېيىنكى چىلانمىسىىڭ تېگىگە ئولتۇرۇپ قاتقان دۇغىدىن ئىبارەت.بۇ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن «نىشاستە» ياكى «كراخمال» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.  بۇ ياپىلاق، ئۆلچەمسىز ۋە ھەر خىل چوڭلۇقتىكى پارچىلار بولۇپ، رەڭگى ئاق،  يېڭى ئىشلەنگىنى ئاق رەڭلىك بولۇپ، بۇزۇلۇپ قالمىغىنى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.تەمسىز، ئۇيغۇر تېۋىپلىرى تەييارلايدۇ.

 ئىششىق قايتۇرۇش، ئۆپكە، كاناي ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، قان توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، جاراھەت پۈتۈرۈش، داغنى يوقىتىش، كۆزدىكى قىچىشىشنى يوقىتىش، كۆزگە ماددا چۈشۈشتىن ساقلاش ۋە كۆزدىكى يىرىڭلىق چاقىلارنى قۇرۇتۇش.

خاس تەسىرى

ئۆپكە -كاناينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

تەستە ھەزىم بولىدۇ، كۆپ ئىشلەتسە مەنىينى كېمەيتىدۇ. توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇندا سىڭىدۇ. سەۋدا پەيدا قىلىدۇ.

كىراخمال1. نىشاستىنى سۇغا چىلاپ ھالۋىدەك قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى بادام مېغىزىنى قوشۇپ ئىچسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. نىشاستىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، ناۋات ياكى بادام يېغى قوشۇپ ئىچسە، ئەزالاردىن كېلىدىغان قاننى توختىتىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، بوۋاسىر قاناش ۋە ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىدۇ.

3. مۇۋاپىق مىقداردىكى نىشاستىنى قورۇپ ماش بىلەن بىرگە قوشۇپ يېسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

مىقدارى

3 ~ 12 گرام

تۈزەتكۈچىسى

قەلەمپۇر، كەرەپشە، تاتلىق يېمەكلىكلەر.

ئورۇنباسارى

تۈگمەن تۇزى، يۇيۇلغان گۈرۈچ.

سۇپۇپى سۇئال

ھەر خىل جاراھەتلەردىكى قاناش، ئىچى سۈرۈش، ئۆپكە سىلـى، قـۇرۇق يـۆتـەل، قـان تـۈكـۈرۈش، قارا داغ كۆز كېسەللىكلىـرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=191

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#