ئاكتىپ ئېنېرگىيە

ئاكتىپ ئېنېرگىيە كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان، كىشىلەرگە مەنىۋىي قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان، ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئادەم ۋە ئىش-ھادىسىلەر.

ئۇيغۇرچە نامى ئاكتىپ ئېنېرگىيە
تۇنجى ئوتتۇرغا قويغۇچى دراك
خەنزۇچە نامى 正能量

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېلىپ چىقىشى

ئەمەلىيەتتە «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» دېگەن بۇئاتالغۇ فىزىكا ئىلمىغا تەۋە بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئەنگىلىيىلىك فىزىكا ئالىمى دراك (Paul Adrien Maurice Dirac)تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۋانت ئېلېكترو دىنامىكىسى نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. يەنى : ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا مۇناسىۋەتلىك ئەركىن ھالەتتىكى پاسسىپ ئېنېرگىيە ھامان بويلىما ھەرىكەتكە ئىگە ئەركىن ھالەتتىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيە تەرىپىدىن تولۇقلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پاسسىپ ئېنېرگىيە ئەمەلىيەتتە ئەزەلدىن ئىپادىلىنەلمەيدۇ.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور يازمىلىرىدىمۇ «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» ئاتالغۇسى ئۇچىراپ تۇرماقتا، بۇ ئاتالغۇئېنگىلىزچىدىن ئېستىمال قىلىنىپ خەنزۇلاردا خىلىدىن بۇيان تىلغا ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىزدە يېڭىدىن يورۇققا چىققانلىقى سەۋەبىدىن بەزىلەردە بۇنى ئارىمىزدىكى بىرەرسىنىڭ ياسىۋالغان سۆزى دەپ چۈشۈنۈش ئەھۋالى بارئىكەن. نۆۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلار ۋە ئاكتىپ بىشارەتچىلەر تىلغان ئېلىۋاتقان «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» بولسا–بىر تۈرلۈك ساغلام، ئۈمىدۋارلىق، ئاكتىپ ئېلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھېسىياتىنى (كەيپىياتى) كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگودا ئەڭ ئالدى بىلەن خەنزۇلاردا ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئاكتىپ، ساغلام، كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان، كىشىلەرگە مەنىۋىي قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان، ئۈمىدۋارلىققا تولغان ئادەم ۋە ئىش-ھادىسىلەرگە«ئاكتىپ ئېنېرگىيە» تامغىسىنى باسىدىغان بولدى. 2013-يىلى سودا نەشىرىياتى قاتارلىق نوپوزلۇق ئەپكارلارنىڭ ھەمكارلىقدىكى « خەنزۇتىلىگە نەزەر2013» تە «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» شۇ يىللىق « يىللىق سۆز» بولۇپ جاكارلاندى. روھىي ئېنېرگىيە ئاكتىپ ۋە پاسسىپ ئېنېرگىيە گە ئايرىلىدۇ. ئۇلار بەزىدە تۇغما ھالەتتە بەزىدە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. ئاكتىپ ئېنېرگىيە نىڭ ئۇلغىيىشى پاسسىپ ئېنېرگيىەنى كېمەيتكىنىدەك، پاسسىپ ئېنېرگىيە ئۇلغايسىمۇ ئاكتىپ ئېنېرگىيە نى كېمەيتىدۇ. بىزگە كىرىكى ئەلۋەتتە ئاكتىپ ئېنېرگىيە. ئۇ–ھاياتنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ، تەقدىرنى يۈكسەلتىدۇ.

«ئاكتىپ ئېنېرگىيە» ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاۋال كىمنىڭ ئىشلەتكىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇرچە ئىلھامبەخش يازمىلار ئىچىدە ئەلى قۇربان، سۇلايمان مۇھەممەد ئىزدەنلەرنىڭ ئىشلەتكىنىنى بىلىمەن. ئەڭ مۇھىمى بىز ئۈچۈن بۇ سۆزنىڭ لېكسىيىلەردىكى مودا ئاتالغۇ سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنىپلا قالماي، ماھىيىتىدىكى تەشەببۇسنىڭ توغرا ئىستىمال قىلىنىشنى، «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» تارقاتقۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ «كىتاب ئوقۇش يىلى»، «ئۆگىنىش ئىنقىلابى» قاتارلىق ئىجدىمائىيتىمىزنى ئالغا يېتەكلەيدىغان ئاڭ ئويغۇنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تاشپولات روزى ئەزىز سالونى 

http://t-rozi.com/?p=234%DB%88

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تاشپولات روزى ئەزىز سالونى

http://t-rozi.com/?p=234%DB%88

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#