قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل

قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل بولسا باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، تېز ئۆسۈپ، تېز پىشىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. قۇملۇققا ئازراقلا يامغۇر يېغىپ قالسا، يەنى يەر يۈزى سەل-پەل نەملىشىپ قالسىلا، ئۇ دەرھال بىخلىنىپ ئۆسۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل
تارقالغان رايونلار قۇملۇق
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 短命菊
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدە ياشايدۇ. ئۇ يەردە ئۇزاق مەزگىلگىچە قۇرغاقچىلىق بولۇپ، ھۆل-يېغىن ناھايىتى ئاز ياغىدۇ. نۇرغۇن چۆللۈك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ رودىمېنتلاشقان يوپۇرماقلىرى بار بولۇپ، سۇ ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارى قۇرغاق مۇھىتقا ماسلاشقان، قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل بولسا باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، تېز ئۆسۈپ، تېز پىشىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. قۇملۇققا ئازراقلا يامغۇر يېغىپ قالسا، يەنى يەر يۈزى سەل-پەل نەملىشىپ قالسىلا، ئۇ دەرھال بىخلىنىپ ئۆسۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ. ئۇنىڭ تىلسىمان گۈللىرى باشسىمان گۈل رېتىنىڭ ئەتراپىغا ھەرە چىشىغا ئوخشاش تىزىلىپ ئۆسىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈلنىڭ گۈلى نەملىككە ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ھاۋا قۇرغاق چاغدا دەرھاللا يۇمۇلۇۋالىدۇ؛ سەل-پەل نەملەشسە شۇ زامانلا ئېچىلىدۇ، ناھايىتى تېزلا مېۋىلەيدۇ. مېۋىسى پىشقاندا، قورۇلۇپ شار شەكلىگە كېلىدۇ-دە، شامالدا دومىلىنىپ باشقا جايلارغا بېرىپ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى قىسقا، بىرمەھەلگىچىلا بولغاچقا، «قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل» دەپ ئاتالغان. 

قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل دۇنيادىكى ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ئەڭ قىسقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆمرى بىر ئايغىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنداق ياشاش خۇسۇسىيىتى، ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ياشاش مۇھىتىغا ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#