ئەنجۈر شاپتۇل

ئەنجۈر شاپتۇل

ئەنجۈر شاپتۇل ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىمۇ تارقالغان، ئىلى رايۇنىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ خىل شاپتۇل يەنە توقاچ شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

خەنزۇچە ئاتىلىشى 蟠桃
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شاپتۇل ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى دەسلەپكى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
تۈرى شاپتۇل
كەنجى تۈركۈمى ئازغان كەنجى تۈركۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىخى 

ئەنجۈر شاپتۇلئەنجۈر شاپتۇلنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ ؛ دەرەخ شاخلىرى كەڭ ھەم تەكشى ؛ قوۋزۇقى قېنىق قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە ، تۈكسىز ، تاقىر ، يېشىل پارقىراق، كۈنگەي جايدىكىلىرى قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ، سىرتىنى قىسقا يۇمران تۈكچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ ، ئادەتتە 2 دىن 3 كىچە يۇپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ ، ئوتتۇرىسىدا يوپۇرماق بىخى ، ئىككى تەرىپى گۈل بىخى بولىدۇ.

 يۇپۇرمىقى 

ئەنجۈر شاپتۇليوپۇرمىقى سوقىچاق تېمىنە شەكىللىك ، ئېللىپسسىمان تېمىنە شەكىللىك ياكى تەتۈر تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك بۇلۇپ،  ئۇزۇنلۇقى 7-15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2 - 3.5 سانتىمىتىر ، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ ، تۈۋى قىسمى كەڭرى شىنا شەكىللىك، ئۇستى تەرىپى تۈكسىز ، يوپۇرمىقىنىڭ چۆرىسىدە ئىنچىكە ھەرە چىشىسىمان ياكى يىرىك ھەرە چىشىسمان شەكىلدە، يوپۇرماق سېپى توم ھەم ئۇزۇن.

چېچىكى 

ئەنجۈر شاپتۇلگۈلى يەككە ھالەتتە ئۆسىدۇ ، دىئامېتىرى 2.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ ؛ گۈل ساپىقى ئىنتايىن قىسقا، كاسا نەيچىسى قوڭغۇراقسىمان ، قىسقا يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ ،گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى سوقىچاق شەكلىدە ئۆسىدۇ ، ئۇچى يۇمۇلاق كېلىدۇ ، سىرتىنى قىسقا يۇمران تۈكچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ ؛ گۈل بەرگىسى سوقىچاق شەكىللىك ، كەڭلىكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ ، يۇلغۇن چېچىكى رەڭ  ۋە  ئاق رەڭلەردە چېچەكلەيدۇ؛ 

مېۋە شەكلى ۋە تەمى 

ئەنجۈر شاپتۇلمېۋە شەكلى ياپىلاق ، ئوتتۇرىچە يەككە ئېغىرلىقى 87 - 95 گرام ئەتراپىدا ، مېۋە سىرىتقى يۈزى رەڭگى سارغۇچ ، تۈكچىلىرى كۆپ ، شۆپىكى قېلىن ، ئاسان سويۇلىدۇ ، ئېتى ئاق سېرىق ، ئۈچكە قىسمى قىزغۇچ ، يۇمشاق ، تالاسى ئاز ، قېلىن ، شىرنىلىك ، خۇشبۇي ، تەملىك، قەنىت مىقدارى % 5.76 ، سۈپىتى ئوتتۇراھال . 

بالدۇر پىشىدىغان ئەلا سورتلۇق ئەنجۈر شاپتۇل 

شىۋىتسارىيە ئەنجۈر شاپتۇلى 2 -نومۇر: مېۋىسى خۇاڭخې رايونىدا 7 - ئاينىڭ ئاخىرى پىشىدۇ، مېۋە شەكلى يېسسى يۇمىلاق ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 156 گىرام . پوستى ئاق رەڭلىك ، تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 14.5 ، ساقلاشقا ، تۇشۇشقا چىداملىق . 

شىۋىتسارىيە ئەنجۈر شاپتۇلى 3- نومۇر:  مېۋىسى خۇاڭخې رايونىدا 7 - ئاينىڭ ئاخىرى پىشىدۇ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 200 گرام . مېۋە شەكلى يېسسى يۇمىلاق ، پوستى ئاق رەڭلىك ، يۈزى ئەتىرگۈلنىڭكىگە ئوخشاش قىزىل رەڭلىك . تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 14.5 ، تەمى تاتلىق . بالدۇر  مول ھوسۇللۇق مېۋە، ساقلاپ توشۇشقا چىداملىق. 

شىۋىتسارىيە ئەنجۈر شاپتۇلى  5 - نومۇر: مېۋىسى خۇاڭخې رايونىدا 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا  پىشدۇ ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 200 گرام . مېۋە شەكلى يېسسى يۇمىلاق ، پوستى قىزىل ئەتتىرگۈلنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش. تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 15 نى ئىگىلەيدۇ . 

ئەنجۈر شاپتۇلسۆسۈن ئەنجۈر شاپتۇل: مېۋىسى خۇاڭخې رايونىدا 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردا پىشىدۇ ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 195 گىرامدىن ئاشىدۇ. مېۋە شەكلى يېسسى يۇمىلاق ، مېۋە پوستىنىڭ ئاستى ساغۇچ ئاق ، بىنەپشە رەڭلەردە. تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 14.5 ، چۈرۈك ، تاتلىق .

خېبېي ئەنجۈر شاپتۇلى: مېۋىسى خۇاڭخې رايونىدا 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردا پىشىدۇ ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 148 گرام . مېۋە شەكلى يېسسى يۇمىلاق ، مېۋە پوستىنىڭ ئاستى ساغۇچ ئاق ، قېنىق قىزىل رەڭلىك . تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 15، تاتلىق . 

 ئامېرىكا چوڭ قىزىل ئەنجۈر شاپتۇلى :  ئامېرىكىنىڭ يېڭى سورتى بۇلۇپ، مېۋىسى چوڭ تىپلىق ئەنجۈر شاپتۇل ، مېۋىسى خۇاڭخې رايونىدا 7 - ئاينىڭ ئاخىرى پىشىپ يىتىلىدۇ. يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 220 گرام . مېۋە شەكلى يېسسى يۇمىلاق ، يۈزى ئوچۇق قىزىل ، تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 14.5 ، تاتلىق . 

كېيىن پىشىدىغان ئەلا سورتلۇق ئەنجۈر شاپتۇل 

ئەنجۈر شاپتۇل 4 - نومۇر: شىۋىتسارىيە ئەنجغر شاپتۇلى  يېتىلىش مەزگىلى ئەڭ كېچىككەن تۈرى بۇلۇپ، مېۋىسى خۇەيخې رايونىدا 9- ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ، مېۋىسى چوڭ ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 221 گىرام . تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 16 ، تەمى تاتلىق . بالدۇر مېۋە مول ھوسۇل ئېلىشقا، ساقلاش، توشۇشقا چىداملىق . 

تاۋۇز چاغىنى ئەنجۈر شاپتۇلى: جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل مەھسۇلاتى كېيىن پىشىدىغان ئەنجۈر شاپتۇل سورتى مېۋىسى خۇەيخې رايونىدا 9 -ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا پىشىپ ، دەل تاۋۇز چاغىنى بازارغا سېلىندىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان . مېۋىسى ياپىلاق ۋە تۈز ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 175 گرام ، مېۋە يۈزى قىزىل. تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 16.8 ، تەمى تاتلىق .9-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدىن باشلاپ 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە پىشىدۇ ھەم يىغۋېلىنىدۇ. 

ئەنجۈر شاپتۇلچوڭ ئەنجۈر شاپتۇل:  مىۋىسى پەۋقۇلئاددە زور ئەنجۈر شاپتۇل سورتى بۇلۇپ، مېۋىسى خۇەيخې رايونىدا 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پىشىدۇ ھەم بازارغا سېلىنىدۇ ، يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى سەرپىياتى 320 گرام بولدى . مېۋە پوستىنىڭ ئاستى ساغۇچ ئاق ، مېۋە يۈزى تۇرۇپ ئوچۇق قىزىل ، تەركىبىدىكى ئېرۇچان ماددا مىقدارى % 14.5 ، تاتلىق , خۇش پۇراق قويۇق . 

ئەنجۈر شاپتۇلئەنجۈر شاپتۇلى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىمۇ تارقالغان ، ئىلى رايۇنىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ ، بۇ خىل شاپتۇل يەنە توقاچ شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ سورتنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى ، سوغۇققا چىداملىق ، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى ، بىراق كېسەللىك ۋە ھاشاراتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ .

ئەنجۈر شاپتۇلھۆللۈك پەيدا قىلىش ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەنجۈر شاپتۇل ئىچىدىكى تۆمۈر تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى ، مېۋە تەركىبىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردۇ، شۇڭا شاپتۇل يەپ قان ئازلىق ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ. ئەنجۈر شاپتۇل تەركىبىدە مېۋە يېلىمى بولۇپ ، دائىم ئىستېمال قىلىنسا قەۋزىيەت ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 

ھەر 100 گرام شاپتۇل ئىتى تەركىبىدە : شېكەر 15 گرام ، ئورگانىك كىسلاتا  0.7 گىرام،  ئاقسىل 0.8 گىرام، ياغ 0.5 گرام ،  كالتسىي 8 مىللىگرام،  فوسفور 20 مىللىگرام ، تۆمۈر 1 مىللىگىرام ، ۋىتامىن س 3-5   مىللىگرام ، ۋىتامىن ب1  0.01 مىللىگىرام، ۋىتامىن ب2   0.02 مىللىگىرام . [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#