بېللى كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە ئالىيجاناب تەنتەربىيە ئەخلاقى بىلەن «دۇنيا پۇتبول پادىشاھى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بېللى
باشقا نامى 球王,足球王者,O Rei do futebol
تۇغۇلغان ۋاقتى 1940-يىل
بەدەن ئېغىرلىقى 68 كىلوگرام
تەنھەرىكەت تۈرى پۇتبول
خەنزۇچە ئىسمى 贝利
دۆلەت تەۋەلىكى برازىلىيە
بوي ئېگىزلىكى 1.74 مېتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى سانتوس ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى
كوماندا برازىلىيە كوماندىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  بېللى كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە ئالىيجاناب تەنتەربىيە ئەخلاقى بىلەن «دۇنيا پۇتبول پادىشاھى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1961-يىلى بىر ياز كېچىسى بېللى تۇرۇۋاتقان سانتوس كوماندىسى كۈچلۈك كوماندا − فرومىنسەي كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. بىر قېتىم بېللى ھەمراھى بەرگەن پاس توپنى ئوڭ پۇتقا ئېلىپ، سولغا پىرقىراپ يالغان ھەرىكەت بىلەن ئۇدا ئۈچ مۇداپىئەچىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. تۆتىنچىسى كېلىپ توپ تالاشقاندا، بېللى ئەپچىللىك بىلەن توپنى بىر نىقتاپ تېپىپ ئۇنىڭ چاترىقىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ-دە، قارشى تەرەپنى ئەگىپ ئۆتۈپ، توپنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالىدۇ. ئۇلاپلا توپنى بەشىنچى ۋە ئالتىنچى مۇداپىئەچىلەردىن ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ. بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ يەتتىنچى ئەزاسى ئۇچقاندەك كېلىپ، غەزەپ بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ كۈرەك سالىدۇ. بېللى خۇددى بالېت ئويناۋاتقاندەك يەڭگىللىك بىلەن ئۇنىڭدىن تېز ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىنى بىردىنلا تورمۇزلاپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن توپنى ۋاراتارغا ھەيدەپ، قارشى تەرەپنىڭ سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى توپ تالاشقۇچىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بېللى توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ۋاراتار بىلەن بىر ھالەتتىكى پايدىلىق ئورۇنغا ئۆتكەنىدى. فرومىنسەي كوماندىسىنىڭ تەمتىرەپ قالغان ۋاراتارى ئېتىلىپ كېلىپ توپقا ئۆزىنى ئاتىدۇ. بېللى توپنى تېپىشكە تەمشىلىدۇ. كىم بىلسۇن، بۇ بىر يالغان ھەرىكەت بولۇپ، كەينىگە ئۇچۇرغان ئوڭ پۇتىنى تېزلىكتە يىغىپ توپنى يۇقىرىغا ئېلىپ، بەدىنىنى بىر چايقاپلا ۋاراتاردىن ئۆتۈپ توپنى ۋاراتاغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ. بېللىنىڭ ئۇدا ئون ئادەمدىن ئۆتۈپ توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس ماھارىتى توپ مەستانىلىرىنى كارامەت قايىل قىلىۋېتىدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇدا بىر يىل كۆرسىتىدۇ. 

 بېللى ئۆمرىدە جەمئىي  1000 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن، برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئېلىشىدا زور تۆھپە قوشقان. برازىلىيە دىكى ئەر-ئايال، قېرى-ياشلارنىڭ بېللىنى بىلمەيدىغانلىرى يوق. ئۇنىڭ «10-نومۇرلۇق» توپ كىيىمى، ئاياغ-پايپاقلىرىنىڭ ھەممىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ قىممەتلىك يىغىپ ساقلاش بۇيۇملىرى بولۇپ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا كىشىلەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تالىشىپ، ھەتتا بىر پارچە لاتا تەگسىمۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەجنۇنلاردەك خۇشال بولۇپ كېتىشىدۇ. بىر قېتىم بېللى نېگىرىيىگە بېرىپ توپ ئوينىماقچى بولىدۇ، ئەينى چاغدا ئۇ يەردە ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقانىدى، بېللىنىڭ توپ ماھارىتىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىككى كۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#