نەيزىۋازلىق

نەيزە ئاتما نەيزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. نەيزىنى ئىشلىتىش ئەپلىك، ئۆزگىرىشلىرى كۆپ بولغاچقا، خېلى كۆپ قوراللار بىلەن قارشىلاشقىلى بولىدۇ. شۇڭا، «قوراللار پادىشاھى» دەپ ئاتالغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نەيزىنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ نەيزە، نەقىشلىق نەيزە، ئىككى باشلىق نەيزە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەم ئۆرە تۇرۇپ بىلەكنى تىك كۆتۈرگەن ئېگىزلىكتە بولۇپ، نەيزە بېشى موكىسىمان پولاتتىن ياسىلىدۇ.

 نەيزە ماھارىتىدە توسۇش، تارتىش ئاساسلىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. توسۇش ۋە تارتىش «نەيزە يۆگەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مۇداپىئە ئۇسۇلىدۇر. نەيزىۋازلىقتا نەيزىنى تېز، كۈچلۈك، توغرا ھەرىكەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. نەيزە سانجىش نەيزىۋازلىقتىكى ھۇجۇم ماھارىتى بولۇپ، سانجىغاندا نەيزە تۈز تۇتىلىدۇ، نەيزە ئۇچى تۈز سانجىلىپ، تۈز تارتىلىدۇ، شۇڭا چامباشلىقتا «نەيزە سانجىش سىزىق تارتىش دېمەكتۇر» دېگەن تەمسىل بار. نەيزىۋازلىقتا يەنە چېكىش، ئايلاندۇرۇپ سانجىش، ئىلىش، يانغا ئۇرۇش، سىيرىش قاتارلىق ماھارەتلەرمۇ بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش، چېكىنىشكە ئەپلىك، قاتتىقلىق بىلەن ئەۋرىشىملىك ئۆزئارا ماسلاشقان ۋە كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#