فرانسىيە ئۇرۇشى

فرانسىيە ئۇرۇشى

1940-يىلى 5-ئايدا كۈچ توپلىۋالغان گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي ياۋروپاغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلدى. فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، فرانسىيىنى ئوتتۇرىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىمغا بۆلۈۋېتىپ، شىمالىي قىسىمدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە ياردەمگە كەلگەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى.

نامى فرانسىيە ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە پادىشاھلىقى
ھەربىي كۈچ ئوق مەركىزى دۆلەتلەر 3350000، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر 3300000
نەتىجىسى ئىتالىيە ئارمىيىسى ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشتى. فىرانسىيە مۇنقەرز بولدى
باشقا ئاتىلىشى فرانسىيىنىڭ قولدىن كېتىشى
ئورنى ئۈچ پادىشاھلىق ، فرانسىيە
ۋاقتى 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈندىن 6-ئاينىڭ 22-كۈنگىچە
خەنزۇچە نامى 法国战役

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گېرمانىيە 155492 ئادەم ئۆلگەن ۋە يارلانغان. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر 360000 ئادەم ئۆلگەن ۋە يارلانغان. (ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

فرانسىيە ئۇرۇشى1939-يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشانى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، دۇنياغا زومىگەر بولۇشنى قەستلىگەن فاشىستلارنىڭ كاتتىۋېشى گىتلېر دەرھال «سېرىق لايىھە» نى تۈزۈپ، غەربىي ياۋروپادىكى فرانسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى كۈچەيتتى. ئۇلار ئاشكارا سورۇنلاردا تىنچلىق مۇقامى توۋلاپ، ئەمدىلا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان تاجاۋۇزچى ئارمىيىنى دەم ئالدۇرۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ، ئاستىرتىن يەنە بىر قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. ئەنگلىيە-فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش قىلىشتىن قورقۇپ، فرانسىيە-گېرمانىيە چېگرىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىر كېلىدىغان ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش خام خىيالىدا بولدى. 1939-يىلى9-ئايدىن 1940-يىلى4-ئايغىچە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ياخشى پەيتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ھەقىقىي ئۇرۇشالمىدى. 

1940-يىلى 5-ئايدا كۈچ توپلىۋالغان گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي ياۋروپاغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي قوشۇنى ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەسكىرىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قوشنا دۆلەت گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى ھەمدە فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، فرانسىيىنى ئوتتۇرىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىمغا بۆلۈۋېتىپ، شىمالىي قىسىمدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە ياردەمگە كەلگەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 400 مىڭ ئادىمى دېڭىزغا يېقىن بولغان دۇنكىرك رايونىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىپايان چوڭ دېڭىز، كەينىدە ۋەھشىي ھايۋاندەك قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەر بولغانلىقتىن تارمار قىلىندى. 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ھەربىي پاراخوتتىن تارتىپ ئادەتتىكى ياغاچ كېمىگىچە بولۇپ 800 دىن ئارتۇق كېمە-پاراخوتنى ئىشقا سېلىپ، ئايروپىلان ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ قاتتىق بومباردىمان قىلىشىغا قارىماي توققۇز كېچە-كۈندۈز جاپالىق جەڭ قىلىپ، 300 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇنىنى ئەنگلىيىگە چېكىندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قوشۇن كۆپلىگەن قورال-ياراغلىرىدىن ئايرىلىپ تولۇق يوقىتىلدى. ئارقىدىنلا گېرمانىيە ئارمىيىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1 مىليون كىشىلىكتىن ئارتۇق فرانسىيە ئارمىيىسى بىراقلا تارمار قىلىندى. 

فرانسىيە ئۇرۇشىمىللەت ھالاكەت خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ تەسلىم بولۇپ ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلىپ، گىتلېردىن سۈلھى تەلەپ قىلدى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى فرانسىيە پېتېن ھۆكۈمىتى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى، فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭ بىلەن يوقالدى. 3 مىليون كىشىلىك زور قوشۇنغا ئىگە، ياۋروپادىكىن 1-نومۇرلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە چوڭ دۆلىتى دەپ نام ئالغان فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ ئاجىز، ئىقتىدارسىز بولۇشى ۋە ئاسىيلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن، فاشىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#