قېرىن قورۇمىسى

قېرىن قورۇمىسى بولسا قوينىڭ قېرىنى ، تېتىتقۇ ، پالەك ، قارىمۇچ ، سۇڭپىياز ، كۈنجۈت يېغى ، سامساق، سۇ يېغى ، پۇرچاق ئۇنى ، تۇز  قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارقوينىڭ قېرىنى 500 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پالەك ئىككى تۈپ، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سامساق تۆت چىش، سۇ يېغى 500 گرام(خورايدىغىنى 70 گرام) ، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قوينىڭ قېرىنىنى ياخشى كۆپتۈرۈپ(تۆۋەندە چۈشەندۈرۈش بار) خىش شەكلىدە توغراپ، تور شەكلىدە تۆشۈك گۈل چىقىرىپ بولۇپ، نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، تۇز، تېتىتقۇ، كۈنجۈت يېغى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز، سامساق يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. پالەك قىسقا ياپراق توغرىلىدۇ.

2. بىر قاچىغا شورپىغا سوققان قارىمۇچ، تېتىتقۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، قېرىننى سېلىپ، چالا پىشۇرۇپ ئېلىپ قاچىدا قويۇلىدۇ.

4. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، پالەك سېلىپ قورۇپ، چالا پىشقان قېرىننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#