سىۋاھلىلار

سىۋاھلىلار

سىۋاھلىلار ئافرىقىنىڭ شەرقى رايونىدىكى تانزانىيەنىڭ زانزىبار ئارىلىغا توپلىشىپ، شەرقى ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە  چىگرا ھالقىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەت.

ئۇيغۇرچە نامى سىۋاھلىلار
ئىنگىلىزچە نامى Swahele
دىنى ئىتىقادى ئىسلام دىنى
خەنزۇچە نامى 斯瓦希里人
تارقىلىشى ئافرىقىنىڭ شەرقى
نۇپۇسى 2 مىليون (2010-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىھاۋىللار سىۋاھلىلار ئافرىقىنىڭ شەرقى رايونىدىكى تانزانىيەنىڭ زانزىبار ئارىلىغا توپلىشىپ، شەرقى ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە  چىگرا ھالقىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەت بولۇپ 2010-يىلدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ئاران 2 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار بولسىمۇ ئەمما بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلار 100 مىلىيۇندىن ئاشىدىغان بولۇپ ئافرىقىدىكى ئەڭ تەسىرى چوڭ يەرلىك تىل ھسابلىنىدۇ. شەرقى ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىدىكى تانزانىيە، كېنىيە، ئۇگاندا ئۈچ دۆلەت سىۋاھلى تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ماداگاسقار، كومورو، موزامبىك، كونگو (كىنشاسا) دىكى نەچچە ئون مىلىيۇن ئادەم بۇ تىلنى ئىككىنچى تىل قاتارىدا ئىشلىتىدۇ. بۇرۇندى، رۋاندا، مالاۋى ۋە زايىر قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنە مىلىيۇنلىغان ئاھالە سىۋاھلى تىلىدىن پايدىلانالايدۇ. قىسقىسى ئافرىقىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى بانتۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئافرىقىلىقلارغا نىسبەتەن سىۋاھلى تىلى ئەڭ تەرققى قىلغان شۇنداقلا مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان ئورتاق تىل بولۇپ سىۋاھلى تىلى ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى تەرىپىدىن ئورگان تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

  سىۋاھلى سۆزى ئەرەبچە دېڭىز بويى دىگەن مەنىدىكى ساھىل دىگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن بولۇپ دەسلەپتە شەرقى ئافرىقا دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەرنى كېيىنچە بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدىغان بولغان.«سىۋاھلىي» ___  ئەرەپچە  «دېڭىز بويى ئاھالىلىرى» دىگەن مەنىدە. 

سىۋاھلىلارنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئېفىئوپىيە ئىرقى نېگىرلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئارلاشما تىپىغا تەۋە. تېرىسىنىڭ رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭ، كۆپرەك ئاھالە قارا دولقۇنسىمان چاچلىق بولۇپ ئىلگىرى تانزانىيەدىكى زانزىبار ئارىلىنىڭ ئىسمى بىلەن زەڭگى دەپ ئاتالغان.

 سىۋاھلىلار  نېگىر- كونگو تىللىرى سېستىمىسى، ئاتلانتىك كونگو تىللىرى ئائىلىسى، بانتو تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە  سىۋاھلىي تىلىنىڭ تەخمىنەن 20 خىل دىئالىكتىنى قوللىنىدۇ. سۋاھلىلار 10-ئەسردىن باشلاپ ئەرەب خەت شەكلىنى قوللانغان، 20-ئەسردىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن. 

 ئىسلام دىنى بىلەن 7-ئەسىردىلا ئۇچرىشىپ قوبۇل قىلغان،كۆپ ساندىكى ئاھالە ئىسلام دىنىنىڭ سۈۈنى مەزھىبى شافى فىقسىھىگە ئىتىقاد قىلىدۇ.

سىۋاھلىلار بۇرۇن ئوتتۇرا ئەسىردە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاق ھالدا ئازانىيە مەدەنىيىتىنى ياراتقان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار شەرقىي ئافرىقىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان. ئۇلار تۇرۇشلۇق بۇ رايونلار ئەينى ۋاقىتتا ئافرىقا، ئاسىيا سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، جوڭگو بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئالاقىسى بار ئىدى. سىۋاھلىي مىللىتى ئافرىقا، ئاسىيا ئىقتىساد مەدەنىيەت ئالمىشىشىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر، ئۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە ھىندونوزىيە ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

 ياۋروپالىقلار ئافرىقىنى بۆلۈشۈشكە باشلىغاندا سىۋاھلىلار ياۋروپالىقلار بىلەن يەرلىكلەر ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىشى بىلەن بىللە سودىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرغان ۋە سىۋاھلى تىلىنىڭ تەسىرىنى ئوتتۇرا ئافرىقىغا قەدەر كېڭەيتكەن. سىۋاھلىلارنىڭ ئافرىقىنىڭ ھىندى ئوكيان بويلىرىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ مەدەنىيەت كۈچىنى نامايەن قىلغان بولسا سىۋاھلىلارنىڭ يازغۇچى شائىرىلىرى سىۋاھلى تىلىدا نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ ئافرىقىدا ئەڭ بۇرۇن ياۋروپانىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە زامانىۋىلاشقان مىللەت ھىسابلىنىدۇ. ئولتۇراق ئۆيلىرى كۆپرەك چاسا شەكىللىك قورۇ بولۇپ دەھلىزى بار، ئۆي ئىچى كۆپرەك ئەرەب پوسۇنىدا ياسالغان. قىز-ئاياللىرى ئۈستىگە رەخت ئورايدۇ.

 سىۋاھلىلار ئافرىقىدىكى ئاڭ بالدۇر شەھەرلەشكەن مىللەت بولۇپ ئاساسلىق سودىگەرچلىك، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھىندى ئوكياندىكى شىمالدا يەمەندىن تارتىپ موگادىشو، دارىسسالام ، موزامبىك ۋە ماداگاسكار ئاراللىرىغا قەدەر بولغان رايوندا  ئازبولمىغان سىۋاھلىلار شەھەر ۋە پورتلاردا ئولتۇراقلىشىپ، سودا ياكى ھەرخىل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك (ساپالچىلىق، سېۋەت،تور توقۇش، ياغاچ ئويمىچىلىق قاتارلىق) بىلەن شۇغۇللانغان .[1][0]

 

سىۋاھلىلار
سىۋاھلىلار

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/296725.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#