لى گوخاۋ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. لى گوخاۋ (گۇمپا شاھى لى شياۋلوڭنىڭ ئوغلى)
  2. لى گوخاۋ ()
گۇمپا شاھى لى شياۋلوڭنىڭ ئوغلى

لى گوخاۋ

لى گوخاۋ

لى گوخاۋ 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قازا قىلغان. گۇمپا كىنو چولپىنى لى شياۋلوڭ نىڭ بىردىنبىر ئوغلى، كىنو ئارتىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى گوخاۋ
باشقا نامى Brandon Lee
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
يۇلتۇز تۈركۈمى سۇ بوتۇلكىسى تۈركىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 李国豪
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
يۇرتى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 183cm

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى گوخاۋ 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قازا قىلغان. گۇمپا كىنو چولپىنى لى شياۋلوڭ نىڭ بىردىنبىر ئوغلى، كىنو ئارتىسى.

لى گوخاۋ ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان، 8 ياشتىن بۇرۇن شياڭگاڭدا تۇرغان، ناھايىتى كىچىك ۋاقتلىرىدىلا دادىسىدىن گۇمپىدىن تەلىم ئالغان، 8 يېشىدا دادىسى لى شياۋلوڭ قازا قىلغاندىن ئاپىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن لوس ئانژېلىسقا كۆچۈپ كەتكەن. كېيىن بوستوندىكى كىنو مەكتىپىدە كىنو ئىشلەشنى ئۆگەنگەن، لېكىن يېرىم يولدا ئوقۇشنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.

لى شياۋلوڭ قازا قىلىپ 11 يىلدىن كېيىن لى گوخاۋ كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان، 1985-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۇمپا چەمبىرىكى» دە رول ئالغان. 1986-يىلى «گۇمپا:كىنو» دا رول ئالغان. لى گوخاۋ شياڭگاڭدىكى جامائەت پىكرىنى دادىسىغا ئادالەتسىزلىك قىلدى دەپ قارىغانلىقى ھەمدە يەنە بىر جەھەتتىن شياڭگاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنى دادىسى بىلەن سېلىشتۇرۇشىنى ئۆچ كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەسلىدە شياڭگاڭغا بېرىپ كىنو ئىشلەشنى پىلانلىمىغان. لېكىن كېيىن رېژىسسور يۈ رېنتەينىڭ قايتا-قايتا نەسھەت قىلىشى ۋە تەلەپ قىلىشى بىلەن 1986-يىلى شياڭگاڭغا بېرىپ، فىلىم «جاھانكەزدى ئەجدىرھا» دا باش رول ئالغان. 1987-يىلى بۇ فىلىم بىلەن 6-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو جىنشياڭ مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىسى مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان.

شۇنىڭدىن كېيىن لى گوخاۋ ئامېرىكىغا قايتىپ تەرەققىي قىلغان، 1987-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۇمپا:كېيىنكى ئەۋلاد» تا باش رول ئالغان. 1990-يىلى «چاقماق ھەرىكىتى» دە مايكول گولدنىڭ رولىنى ئالغان، شۇ يىلى يەنە «كىچىك توكيودىكى قاتىللىق» دا رول ئالغان. 1991-يىلى«شىددەتلىك ئوت» تا جەيك لونىڭ رولىنى ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پىشىپ يېتىلىپ، ئىلگىرى چۇس مىجەزىنى ئۆزگەرتكەن لى گوخاۋ بۇ ۋاقىتتا بۇرۇنقىدەك باشقىلارنىڭ دادىسىنى تىلغا ئېلىشى يامان كۆرىدىغان مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ ئاكتىپلىق بىلەن دادىسىنى تىلغا ئالىدىغان، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرىدىغان بولغان. بۇ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور روھىي بېسىمدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. لى گوخاۋ  بىر جەھەتتىن كەسپ جەھەتتە تۇنجى قېتىم ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەۋاتقان يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن تويلىشىپ كەسپ ۋە تۇرمۇش جەھەتتە چوڭ يۈكسىلىشنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئويلىمىغان يەردىن 1993-يىلىدىكى فىلىم «قاغا»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت قازا قىلغان.

شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى فىلىم سۈرەت مەيدانىدا فىلىم سۈرەت ئېلىۋاتقاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا فىلىمگە ئىشلىتىدىغان قورالدىن راست ئوق چىقىپ كەتكەن، 28 ياشلىق لى گوخاۋدىن قان كۆپ چىقىپ كېتىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. لى گوخاۋ  ۋاشىنگتون سېئاتىلدىكى كۆل مەنزىرىسى قەبرىستانلىقىدىكى دادىسنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان، بۇ ئورۇننى ئەسلىدە لى گوخاۋنىڭ ئاپىسى لىندا ئۆزى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئىدى. 13 –ئاپرىل لى گوخاۋ ئۈچۈن ئائىلىۋى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، لى گوخاۋنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى، ئاپىسى، سىڭلىسى، بولغۇسى ئايالى ئېلىزا خاتتون قاتارلىقلار مۇراسىمىغا قاتناشقان. لى گوخاۋ ئۆزىنىڭ توي باغىقى ئۈچۈن تەييارلىغان بىر ئابزاس سۆزى ئۇنىڭ قەبىرىسگە ئويۇلغان، ئەسلىدە 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇنىڭ تويى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى.

بۇ فىلىم ئەسلىدە لى گوخاۋنىڭ نام چىقىرىشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن بولۇپ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق ئېچىنىشلىق تراگدىيە يۈز بەرگەن. لېكىن لى گوخاۋنىڭ بولغۇسى ئايالى ئېلىزا خاتتون ۋە ئاپىسى لىندانىڭ تەلىپى بىلەن رېژىسسور بۇ فىلىمى تاماملىغان، فىلىم قويۇلغان ۋاقىتتا لى گوخاۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، لى گوخاۋغا ئوق تەگكەن كۆرۈنۈش چىقىرىۋېتىلگەن. لى گوخاۋ فىلىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قسىىم كۆرۈنۈشلىرىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئۇ سۈرەتكە ئالالمىغان ئاز بىر قسىىم كۆرۈنۈشلەر سىياقدىشى ۋە كومپيۇتېر تېخىنكىسى ئارقىلىق تاماملانغان، ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەر بۇنى بىلەلمەيلا قالغان.

لى گوخاۋ ۋە ئېلىزاغا تەقدىم قىلىنغان بۇ فىلىم 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى قويۇلغاندىن كېيىن بېلەت كىرىمى جەھەتتە ياخشى نەتىجە قازانغان ۋە قويۇلۇپ نۇرغۇن يىلدىن كېيىنمۇ زور ساندىكى سادىق ئەگەشكۈچىلەرگە ئېرىشكەن. لېكىن فىلىم نامىدىن تارتىپ كىشىنى شۈركۈندۈرىدىغان بۇ قاراڭغۇ، زۇلمەت ئۇسلۇبىدىكى فىلىمگە لى گوخاۋنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى قوشۇلۇپ نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن شۇم فىلىم دەپ قارالغان. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، لى شياۋلوڭنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى فىلىمىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم ئويۇنى» ئىدى، لى گوخاۋ لى شياۋلوڭ ئۆلۈپ نەق 20 يىلدىن كېيىن قازا قىلغان.

«قاغا» قويۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇلغان لى شىياۋلوڭنىڭ بىئوگرافىك فىلىمى ئەسلىدە لى گوخاۋنى لى شياۋلوڭنىڭ رولىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، لېكىن لى گوخاۋ بۇ فىلىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر ھېسسىيات بېسىمى ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلاپ دادىسىنىڭ رولىنى ئېلىشنى رەت قىلغان. بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن لى گوخاۋغا تەقدىم قىلىنغان.

ئەلۋەتتە، فىلىم مەيدانىدىكى يالغان تاپانچىدا راست ئوقنىڭ بولۇشىغا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. لى گوخاۋنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى «ئادەم ئالداش كۈنى» دىكى يالغان خەۋەر دەپ قالغان. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بولۇپمۇ كىنو مەستانىلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار قاتتىق غەزەپلىنىپ ساقچى تەرەپتىن لى گوخاۋنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. فىلىم مەيدانىدا لى گوخاۋغا ئوق چىقارغان ئارتىس مايكول ماسېس، فىلىم مەيدانى نازارەتچىسى، ئالاھىدە ماھارەت خادىمى قاتارلىق  لى گوخاۋنى قەستلەش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۈچ كىشى تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسپات يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ ۋەقە يۈز بەرگىنىگە ئۇزۇن يىل بولغانلىقى، ئىسپاتلار تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋەقەنىڭ زادى سۈيقەست ياكى تاسادىپىي ۋەقە قايسىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. لى گوخاۋنىڭ بىرەرسى بىلەن شەخسىي ئۆچى بارمۇ؟ ياكى لى شياۋلوڭنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قەستىگە ئۇچرىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا زادى كىم قەست قىلدى؟ بۇ گۇمانلىق نۇقتىلارغا جاۋاب بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق بولسا، 28 ياشلىق لى گوخاۋنىڭ تەلىينىڭ بۇنچە كاج كېلىپ، بۇنداق دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى نەچچە ئون مىليوندىن بىرگىمۇ يەتمەيدىغان ئىشقا يولۇقۇپ قالغانلىقى كىشىنىڭ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن لى گوخاۋنىڭ ئۆلۈمى لى شياۋلوڭ نىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر مەڭگۈ يېشىلمەس سىر، دۇنيا كىنو تارىخىدىكى ئەڭ غەيرىي ھادىسىلەرنىڭ بىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#