مەجۇنى نۇجاھ
مەجۇنى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش، مېڭە قان تۇمۇر توسالغۇلىرىنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دورا جىگەر رەڭلىك مەجۇنات بولۇپ،ئالاھىدە پۇراقلىق، تەمى بىراز تاتلىق.
يۇقۇرىدىكى 26 خىل دورىنىڭ ئىچىدە مەرزەنجۇش، بىستىپايەچ، بادرەنجى بۇيا،ئاسارۇن، سازەچ ھىندى،ئۆشنە، بالەنگۇ ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى، قاقىلە، ھېلىلە كابىلە پوستى، ئۇدسەلىپ،يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى،تۇربۇت قاتارلىقلارنى 3قېتىم، ھەر قېتىمدا 1سائەتتىن سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى قۇيۇق قىيام ھالىتىگە 1.30~1.35(50~60℃) كەلگىچە قۇيۇلدۇرۇپ،قالغان 13 خىل دورىنى يۇمشاق تالقانلاپ، مۇۋاپىق چەككىلەنگەن ھەسەل ۋە يۇقۇرىدا تەييارلانغان دورا قىيامى بىلەن تەكشى
ئارىلاشتۇرۇپ 1000g مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.
سۇمبۇل 10g، ئۈستقۇددۇس 20g، رەيھان 30g، مەرزەنجۇش 30g، بىستىپايەچ 30g، بادرەنجى بۇيا 100g، ئاق سەندەل 30g، بەدىيان 30g، ئاسارۇن 10g، سازەچ ھىندى 20g ، ئۆشنە 10g، قىزىلگۈل 10g، گاۋزىبان 15g، گۈل گاۋزۇبان 15g، پەرەنجىمىشكى 10g، بالەنگۇ ئۇرۇقى 10g، رەيھان ئۇرۇقى 10g، لاچىندانە 10g، قاقىلە 10g، ھېلىلە كابىلە پوستى 30g، گۈلبىنەپشە 30g، ئەفتىمۇن 30g، ئۇدسەلىپ 30g، سۇقمۇنىيا 10g، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 15g، تۇربۇت 15g.
غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان نېرۋا ئاجىزلىق،ئۇنتۇغاقلىق، مالخۇلىيا، مېڭە قان تۇمۇر قېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.