ساختا مېڭە پەردە ياللۇغى

ساختا مېڭە پەردە ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەدەندە ھاسىل بولغان بۇزۇق ماددا ياكى بۇخارات گازلارنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىپ روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىدىن ھەقىقىي مېڭە پەردە ياللۇغىدىكىگە ئوخشاش باش ئاغرىش، جۆيلۈش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ساختا مېڭە پەردە ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 假性脑膜炎, 虚性脑膜炎
كېسەللىك ئورنى مېڭە
ئاساسلىق ئالامىتى باش ئاغرىش، قىزىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، جۆيلۈش
تەۋە بۆلۈم مېڭە بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزادا پەيدا بولغان بۇزۇق ماددا ياكى بۇخارات گازلار مېڭىگە تەسىر قىلىپ، روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپساننىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قايسى خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە (مەسىلەن: ئاشقازان كېسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق كۆپۈش ئالامەتلىرى بىلەن بىرگە) جۆيلۈش، قىزىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھۆ بولۇش، تومۇرى تىترەپ قالايمىقان سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە باش ئاغرىش، قىزىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، جۆيلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. قايسى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بۇزۇق ماددىلار ۋە گاز-بۇخارالارنى ھەيدەپ چىقىرىش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭە ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

يەل تارقىتىش، بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش مەقسىتىدە ھەببى شەتىرەنجى كۈندە بىر قېتىم، يەتتە دانىدىن، ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قىزىتما پەسەيتىش، قەۋزىيەتلىكنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئاق لەيلىگۈلى، گۈلبىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، ئىتئۈزۈمى 10گرامدىن، گاۋزىبان بەش گرام، چىلان 15گرام، ئارپا 30گرام، خىيارشەنبەر 30گرام، تەرەنجىبىن 30گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، بادام ياكى بېدەنجىر يىغىدىن 15مىللىلىتىر قوشۇپ كىلىزما قىلىنىدۇ.

بەدەننى تازىلاش، مېڭە ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە ھەببى قوقىيا بىر كۈندە ئىككى قېتىم، 7-5 دانىغىچە، ئايارەنجى پەيقىرا كۈندە ئۈچ قېتىم، 7 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە ئۈچ گرام تەمرى ھىندىنى 180مىللىلىتىر ئەرقى نېلۇپەرگە چىلاپ، ئاق ناۋاتتىن 12گرام قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

يەل تارقىتىش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسىتىدە ئۇسۇڭ ئۇرۇقىدىن توققۇز گرامنى ئەرقى بەدىياندىن 180مىللىلىتىرغا چىلاپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئانار شەربىتىدىن 24مىللىلىتىر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە، ئاق سەندەل ۋە تاباشىردىن ئىككى گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئانار شەربىتى بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مېڭە ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە پاچاققا لوڭقا قويۇلىدۇ.

قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە نېلۇپەر يېغى ياكى بىنەپشە يېغى بىلەن باش ياغلاپ بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، باچكا گۆشى، كەكلىك گۆشى، كىيىك گۆشى، نوقۇت ئېشى، ئۈگرە، كوجا ئاش، چامغۇر، ئارپا ئېشى، پىننە، پالەك، ئالما، ئانار، ئەنجۈر، قوغۇن، بېھى، نەشپۈت، ئۆرۈك، بانان قاتارلىقلار ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. ھاۋالىق ئۆيدە بېشىنى ئېگىز قويۇپ ياتقۇزۇپ ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش لازىم.

4. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، كۆپ ئۇخلاشتىن، ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىش، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ۋە زىيادە ھېرىپ چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=758

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#