دېڭىز مۈشۈكى ئارىلى

دېڭىز مۈشۈكى ئارىلى

 «دېڭىز مۈشۈكى» بىر خىل قارا قۇرۇقلۇق چايكا بولۇپ، ئۇنىڭ سايرىغان ئاۋازى مۈشۈكنىڭكىگە ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن دېڭىز مۈشۈكى دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى دېڭىز مۈشۈكى ئارىلى
ئورنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شىچېڭداۋ ئارىلى شەرقىي قىسمى
باشقا نامى 形人砣子
خەنزۇچە نامى 海猫岛
كۆلمى 0.03 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز مۈشۈكى ئارىلىلياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شىچېڭداۋ ئارىلى شەرقىي قىسمى ، بوخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى يىلان ئارىلى ئەتراپىدا يەنە تۆت كىچىك ئارال بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر-بىرىگە توپ-توپ دېڭىز مۈشۈكى دائىم قونۇپ يۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، دېڭىز مۈشۈكى ئارىلى دەپ ئاتالغان. «دېڭىز مۈشۈكى» بىر خىل قارا قۇرۇقلۇق چايكا بولۇپ، ئۇنىڭ سايرىغان ئاۋازى مۈشۈكنىڭكىگە ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن دېڭىز مۈشۈكى دەپ ئاتالغان.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دېڭىز مۈشۈكى ئارىلى بىلەن يىلان ئارلىنىڭ ئارلىقى شۇنچىۋالا يىقىن تۇرسىمۇ دېڭىز مۈشۈكى ئارىلىدا بىرەر تال زەھەرلىك يىلان يوق. يەرلىكلەرنىڭ چۈشەندۇرىشىچە، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، چايكا بىلەن زەھەرلىك يىلان بىر ئارالدا ياشىغان. ئاچكۆز زەھەرلىك يىلان بولسا ھەردائىم چايكىنىڭ چاڭگىسىغا بىرىپ، كىچىك چايكىلارنى ۋە چايكا تۇخۇمىنى ئوغۇرلۇقچە يەۋالىدىكەن. بۇ ئەھۋال چايكىنى ئەنسىرتىپ قويۇپتۇ، ئەمما رەھىمسىز قوشنىسىغا قارتا ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالماپتۇ يا ھەيدىۋەتكىلى بولماپتۇ، كېيىن چايكا قوشنىسىنىڭ پەقەت قۇرۇقلۇقتىلا نوچىلىق قىلالايدىغانلىقىنى، سۇ ئۇزۇپ دېڭىزدىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيىتىنى يوقلىقىنى كۆرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ زەھەرلىك يىلانلارنى چىشلەپ ئېلىپ، نەچچە دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى چەت بىر ئارالغا تاشلىېۋىتىپتۇ. 

شۇنىڭدىن كېيىن زەھەرلىك يىلان بىلەن دېڭز مۈشۈكى ھەر قايسسى ئايرىم-ئايرىم ئارالدا ياشايدىغان بولۇپتۇ، زەھەرلىك يىلان بىسىپ ياتقان كىچىك ئارال يىلان ئارىلى، چايكىلار بىسىپ ياتقان كىچىك ئارال بولسا دېڭىز مۈشۈكى ئارىلى بولۇپ قاپتۇ. 

قۇرۇقلۇق بىلەن يىلان ئارىلى ئاجرالىغان ۋاقىتتا، پاكارغىنە دېڭىز مۈشۈكى تېخىچە دېڭىز ئاستىدا بولۇپ، كېيىنچە يەر پوستىنىڭ يۇقىرلىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا كۆتۇرۇلگەن، خۇددى يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئەپسانىدىكىگە ئوخشاشلا، زەھەرلىك يىلاننىڭ راستىنلا سۇ ئۈزۈپ دېڭىزدىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيىتى يوق بولغاچقا، دېڭز مۈشۈكى ئارىلى چايكىلارنىڭ گۈزەل بېغىغا ئايلانغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#