كېنگۇرۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كېنگۇرۇ قوللىرى قىسقا، پۇتلىرى ئۇزۇن، چىشى كېنگۇرۇلارىنىڭ قورسىقىدا بالا بېقىش خالتىسى بار ھايۋان بولۇپ، خالتىلىق ھايۋانلار ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. سىز كېنگۇرۇنى پەقەت ھايۋانات باغچىسىدىلا كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، سىز ئۇنى ئېلىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى ئورمانلىقلار دەپمۇ ئۇچرىتالمايسىز.
ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كېنگۇرۇلار ئاۋسترالىيىنىڭ ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە يەنى سوغۇق كىلىمات يامغۇرلۇق ئورمان بىلەن قۇملۇق، تۈزلەڭلىك ئىسسىق بەلباغ رايۇنلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئەڭ ئېگىز ھەم ئەڭ يىراققا سەكرىيەلەيدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋاندۇر.
كېنگۇرۇ چۆپخور ھايۋانلار بولۇپ، كۆپ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنە زەمبۇرۇغلارنى ئۇزۇقلۇق قىلدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزى ئەتىگەن ۋە كەچلەدىمۇ كۆرۈنۈپ قالدۇ. ئادەتتە توپلىشىپ ياشاشنى ئاساس قىلىدۇ، بەزىدە كۆپ توپلاشقانلىرىنىڭ سانى 100 دىنمۇ ئېشىپ كېتدۇ. يەنە بەزى كىچىكرەك تىپتىكى كېنگۇرۇلامۇ ئۆزى يالغۇز ياشايدۇ.
كېنگۇرۇ ئاساسىي جەھەتتىن كېچىسى ھەركەت قىلدىغان ھايۋان بۇلۇپ ئادەتتە قۇياش پېتىپ بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇكۈن چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇۋىسىغا قايتىپ كېتدۇ. [0]
بۇنداق كېنگۇرۇغا ئوخشاش خالتىلىق ھايۋانلارنى پۈتكۈل يەر شارىدىكى پۈتكۈل يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىمۇ ئۇچراتقىلى بولمىسا، ئۇنداقتا، ئۇلار نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت بۇ بوستانلىقتا نۇرغۇن خالتىلىق ھايۋانلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلمەكتە. خاتىرىلىنشىچە، ئاسترالىيىدە تەخمىنەن 150 خىل خالتىلىق ھايۋان بار ئىكەن. بۇ يەردە كېنىگۇرۇدىن باشقا يەنە خالتىلىق بۆرە، خالتىلىق ئاغمىخان، خالتىلىق قارىغۇ چاشقان قاتارلىق ھايۋانلارمۇ بار بولۇپ، تۇرى خېلى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا، خالتىلىق ھايۋانلار ئامېرىكا قىتئەسىگىمۇ تارقالغان.
كېنگۇرۇئۇنداقتا، بۇ خالتىلىق ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاز ساندىكى رايونلارغىلا تارقالغان؟
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرستىلىشىچە، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، ياۋرۇپا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا مۇشۇنداق خالتىلىق ھايۋانلار ياشىغانىكەن. لېكىن ئۇلار بالا ھەمراھى بار ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە ۋە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەچكە، كېيىن تەدرىجىي يوقىلىپ كەتكەن. ئاۋىسترالىيە باشقا قۇرۇقلۇقلاردىن ناھايىتى يىراق بولغان چوڭ «ئارال» بولۇپ، كېنگۇرۇلار بۇ يەردە بالا ھەمراھى بار ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلمىگەچكە، داۋاملىق ياشاپ نۇرغۇن ئەۋلاد قالدۇرغان. شۇڭا، خالتىلىق ھايۋانلار پەقەت ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئاز ساندىكى رايونلارغىلا تارقالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.