سۇ زۈلۈكى

سۇ زۈلۈكى

سۇ زۈلۈكىنىڭ ئاددىي ئاتىلىشى زۈلۈك «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى»دا، ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق سۇ رايونلىرىدا ئىچىدە ياشاپ كۆپىيىدۇ، جۇڭگو نىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە دورىلىق سۇ جانلىقى.

ئۇيغۇرچە نامى سۇ زۈلۈكى
ئىنگلىزچە نامى Leech
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى زۈلۈكلەر سىنىپى
تۈرى گناتوبېلىدا تۈرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水蛭
تارقالغان رايونلار جۇڭگو
تىپى زۈلۈكلەر تىپى
ئائىلىسى زۈلۈك ئائىلىسى
باشقا نامى زۈلۈك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ زۈلۈكىسۇ زۈلۈكى، ئاددىي ئاتىلىشى زۈلۈك «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى»دا، ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق سۇ رايونلىرىدا ئىچىدە ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە دورىلىق سۇ جانلىقى، ئۇنى قۇرۇتۇپ چىلىغاندىن كېيىن جۇڭگو تېبابىتىدە دورا قىلىنىدۇ، سەكتە، يۇقىرى قان بېسىمى، خۇن چىگىلىش، يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردا بايقالغان زۈلۈك يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە دورا ئۈنۈمگە ئىگە.

تارىختا تەبىئىي تۇتۇش ئاساس قىلىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك «ئۈچ كېرەكسىز»نىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ياۋا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ زۈلۈكمۇ ئازىيىپ كەتكەن، دورىلىق قىممىتىنىڭ چوڭقۇر ئېچىش، بازار ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن. جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى 1995-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، تەبىئىي بېلىجانلىرىنى تۇتۇش باشلانغان، تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىپ، مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. شىمالدىكى رايونلارنىڭ باقمىچىلىق ۋە تېخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىزچىل مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ باقمىغان.

سۇ زۈلۈكىزۈلۈكنىڭ تېنى سەل ياپىلاق، سىلىندىرسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 ~ 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 ~ 2 مىللىمېتىر. ئارقا تەرىپى يېشىل قارا، 5 تال ئۇزۇن سېرىق سىزىقى بار، قورسىقى تۈز، كۈل رەڭ يېشىل، ئالا-چىپار يوق، ئومۇمىي ھالقا سىزىقچىلىرى روشەن، تەن بوغۇمى بەش ھالقا، ھەر بىر ھالقا كەڭلىكى ئوخشاش.

10 كۆزى بار، ∩ شەكىلدە تىزىلغان بولۇپ، ئېغىزى ئىچىدە ئۈچ يېرىم چەمبەر ئايلانمىسى بىر Y شەكىللىك تاڭلاي پلاستىنكىسى بار، ئۇ ھايۋان تېنىنى شۈمۈرگەندە، تاڭلاي پلاستىنكىسى ئارقىلىق تېرىگە كىرەلەيدۇ، گەۋدىسى چوڭ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 ~ 120 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 13 ~ 14 مىللىمېتىر. ئارقا تەرىپى سۇس يېشىل رەڭدە، بەش تال ئۇزۇنسىغا كەتكەن سىزىقچە بار، قان شوراپ، يۇتقۇنچاق قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ھەم پۈتكۈل ھەزىم قىلىش يولى ۋە ساقلاش خالتىسىدا ساقلايدۇ. بەدەننىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە چىقىرىۋېتىش تۆشۈكى بار، ئېغىزى قورسىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە. ئىككى جىنىسلىقنىڭ كۆپىيىش تۆشۈكىنىڭ ئارىلىقى تۆت ھالقا، ھەر قايسى ھالقىسى بىلەن چەمبەر ئوتتۇرسىدا ئېغىز ئېچىلغان. ئالدى تەرەپتىكى شورىغۇچى تەخسىسىنىڭ بىرقەدەر روشەن، كېيىنكى شورىغۇچى تەخسىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك.

ياپونىيە زۈلۈكى، كەڭ تەنلىك سېرىق زۈلۈك، چاي رەڭ زۈلۈك قاتارلىقلار بار.

سۇ زۈلۈكىشەندۇڭ ۋېيشەن، دۇڭپىڭ، نەنياڭخۇ كۆلى قاتارلىق كۆللەردە، ۋېيشەنخۇ كۆلىدە مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ كۆپ، مەزكۇر ئۆلكىنى تەمىنلىگەندىن باشقا، شەرقىي شىمال، خېبېي، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى شەھەر ئەتراپى، ۋۇشىيەن قاتارلىق جايلاردا يەنە بىر قىسمى سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جېجياڭ، ئەنخۇي، خۇانەن، كوخوگۇ، سىچۇەن، شەنشى، خېبېي، لىياۋ نېڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ ھەممىسى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىپ ساتىدۇ.

سۇ زۈلۈكى شاللىق، ئـۆستەڭ، سازلىق، ئازگال قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ، تېيىز سۇخۇمار ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شورايدۇ، ھەرىكىتى ناھايىتى چاققان، دولقۇنسىمان ئۈزىدۇ، قۇرۇتلاردەك ئۆمىلىيەلەيدۇ. ھەر يىلى باھار ئىللىغاندا دەرھال جانلىنىدۇ، تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، كۆپ ھاللاردا قىرغاققا يېقىن نەم توپىدا  يىمەي، مىدىرلىمايدۇ ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك.

سۇ زۈلۈكى بوغۇم تەنلىك سوغۇق قان ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدىشى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى تاتلىق سۇ ئامبىرى، ئـۆستەڭ، سۇلۇق ئېتىز، كۆل، سازلىقلاردا، ئورگانىك ماددا مول بولغان كۆلچەك ياكى بۇلغانمىغان دەريا ئىچىدە ئەڭ كۆپ ياشايدۇ. يېرىم كۆپىيىشىگە مۇۋاپىق بولغان تېمپېراتۇرىسى ℃10 ~ 40، شىمال رايونلىرىدا ℃3 تۆۋەن بولغان چاغلاردا سېغىز توپىغا كىرىپ قىشلىق

ئۇخلايدۇ، كېيىنكى يىلى 3 ~ 4 ئايلاردا 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا يۇقىرى بولغاندا ئويغىنىدۇ.

سۇ زۈلۈكىئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چان ساقلايدۇ، ئادەتتە سۇدىكى لەيلىمە جانلىقلار، قۇرت-قوڭغۇز، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى ئاساس قىلىدۇ، سۈنئىي شارائىتتا ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، پىششىق تۇخۇم سېرىقى، ئارىلاشما يەم-خەشەك، ئۆسۈملۈك قالدۇقى، تاتلىق سۇ قۇلۇلىسى، قۇلۇلىلەر، بېلىقلار تۈرلىرى، سازاڭ قاتارلىقلارنى يەمچۈك قىلىدۇ.

سۇ زۈلۈكىزۈلۈكنىڭ كۆپىيىش ئادىتى بىر تەندە، يات تەن ئارقىلىق چېتىشىپ، تېنى ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوشۇمچە ئەركەك، چىشى كۆپىيىش ئەزاسى بولىدۇ، چېتىشىش ۋاقىتتا، بىر-بىرىگە قارشى يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىپ، ھايات تارىخىدا «جىنسنىڭ تەتۈر ئۆزگىرىشى» ھادىسىسى بار، جىنسىي رول ئالماشتۇرۇىدۇ، بىر زۈلۈك ئانا، ھەم دادا بولىدۇ، بىر ئۆمۈر ئوخشىمىغان مەزگىلدە ئوخشىمىغان پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ. جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئاي ئەتراپىدا چىشىسىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى شالاڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، تۇخۇم بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن ئورالغان، «پىلە غوزىسى» شەكىللىك، بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، ھۆل لاي ئىچىدە، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغاندا، تەخمىنەن 16 ~ 25 كۈن ئەتىراپىدا غوزەك ئىچىدە زۈلۈك بالىلىرى تۇخۇمدىن چىقىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ (كۆپىيىش شەكلى بىلەن سازاڭ ئوخشىشىپ كېتىدۇ).

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى

سۇ زۈلۈكىزۈلۈكنىڭ تېنىدە ناھايىتى يۇقىرى بولغان دورىلىق قىممىتى بار، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن تېنى دورا قىلىنىدۇ، تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيزنى راۋان قىلىشقا، قان ئۇيۇش، قورساق ئاغرىش، يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئاساسلىق تەركىبى

سۇ زۈلۈكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل، ھەم تەركىبىدە تۆمۈر، مانگان، سىنىك قاتارلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بار. سۇ زۈلۈكىنىڭ ساپ شۆلگەي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە بىر خىل قان ئۇيۇشقا قارشى ماددا بار، پولى پېپتىد تەۋە، ئۇنىڭ مولېكۇلا تەركىبىدە ترىپتوفان ۋە ئارگىندا يوق، شۇڭا قان ئۇيۇشقا قارشى رول ئوينايدۇ. لېكىن قۇرغاق ئايرىۋېلىنغىنىدا بۇ خىل ماددا بۇزىۋېتىلگەن. زۈلۈكنىڭ شۆلگىيدە يەنە ھېستامىندەك ماددا بار، گېپارىن بىلەن زۈلۈك ئەزەلدىن ماسلىشىپ قان نۆكچىسىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

كىلىنىكىدىكى قوللىنىلىشى

سۇ زۈلۈكى جىددىي خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردىدىكى ئاق داغنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#