لو رۇڭخۇەن

1963-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو نىڭ داڭلىق ھەربىي ئالىمى لو رۇڭخۇەن كېسەل سەۋەبىدىن بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. جۇ دې، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق ئىنقىلابچىلار ئۇنىڭغا ئاتاپ مەرسىيە يېزىپ، ئۇنىڭ شانلىق ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لو رۇڭخۇەن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1963-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 罗荣桓
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1902-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى ھەربىي ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لو رۇڭخۇەن (1902-1963-يىللار) خۇنەننىڭ خېڭشەن دېگەن يېرىدىن. 1927-يىلى ۋۇچاڭ جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، شۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. ھەربىي ئىشلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ پىكىر بايان قىلىشقا ناھايىتى ھېرىسمەن بولغاچقا، بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنى «قەغەز يۈزىدە چىڭ تۇرغۇچى» دەپ مازاق قىلغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن گۇاڭدۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى تۇڭچېڭ، چۇڭياڭ دېگەن جايلاردا دېھقانلار قوزغىلىڭىنى كۆتۈرۈپ، دېھقانلار قوغدىنىش قوشۇنى قۇرغان. ئىلگىرى ئۇنى مازاق قىلغانلارمۇ لو رۇڭخۇەنگە قايىل بولماي تۇرالمىغان. گۇاڭدۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جىڭگاڭشەنگە كەلگەن. 1930-يىلى، قىزىل ئارمىيە 4-جۈنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. 1934-يىلى 10-ئايدا، 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، قىزىل 4-ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، لو رۇڭخۇەن 8-ئارمىيە 115-شىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، سىياسىي كومىسسارى ۋە شەندۇڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1941-يىلى قوشۇننى باشلاپ ئۇدۇل شەندۇڭغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازا قۇرۇپ، بەش يىل جاپالىق ھەم ئىنتايىن غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ لىن بياۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن باشلاپ شەرقىي شىمالغا بېرىپ، شەرقىي شىمال خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋە 4-ئارمىيە دالا ئۇرۇشى ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. 1948-يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە، ئۇ لىن بياۋ بىلەن بىللە لياۋشېن ئۇرۇشىغا كونكرېت تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلغان، ئارقىدىن يەنە لىن بياۋنىڭ قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ پىڭجىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 520 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلغان. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لو رۇڭخۇەن مەملىكەتلىك ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. لو رۇڭخۇەن پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#