ئالما قورۇمىسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. ئالمىنى سويۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈچ قىرلىق قىلىپ چوڭ چوڭ قەلەمچە توغراپ، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىغا مىلەپ تەييارلىنىدۇ.
2. تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قاچىغا قۇيۇپ، ئۈستىگە ئازراق، سوغۇق سۇ، پۇرچاق ئۇنى، ئالىي ئاق ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، ئالمىنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
4. قازاننى قىزىتىپ ئازراق ياغ ياكى 75 گرام سۇ قۇيۇپ، ئاق شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، قىيام بولۇپ چېچەكلىگەندە، ياغدا پىشقان ئالمىنى سېلىپ ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېلىشتۇرۇپلا ئۈستىگە قورۇغان كۈنجۈتنى سېلىپ، شېكەر قىيامىنى تەكشى يۇقتۇرۇپ، ياغلىغان تەخسىگە ئېلىنىدۇ. بىر قاچا سوغۇق سۇ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. يېيىش ۋاقتىدا ئالما سوغۇق سۇغا چىلاپ يېيىلىدۇ.
ئەگەر ئالمىنىڭ ئورنىغا ياڭيۇ ئېتىش توغرا كەلسە، ياڭيۇنى قايناق سۇدا يېرىم پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئاندىن يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە تەييارلىسا بولىدۇ. بۇ سەينى ئاپېلىسىن(جۈزە) ، بانان(شاڭجاۋ) لاردىمۇ ياسايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.