ئاق بەگزادە قوغۇن

ئاق بەگزادە قوغۇن

ئاق بەگزادە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورت وشۇشقا ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق بەگزادە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپان رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ، ئاساسىي 

پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 319 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.4 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئوتتۇراھال ،  پۈتكۈل يېتىلىش ۋاقتى 92 - 100 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 1.8 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ سەككىزىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ توققۇزىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 33 -38 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ئاق بەگزادە قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىسسىمان شەكىللىك ، دىئامىتېىر 13.8 * 21.2 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى كۈل رەڭ ، ئۈستىدە سۇس يېشىل رەڭلىك 10 تال تىلىم ئىزى شەكىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.5 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 3 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق شىرنىلىك ، تالاسى ئاز تەمى تاتلىق ، قەنت مىقدارى %14.2 -10 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.54 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنڭ ئېغىرلىقى 47 گرام كېلىدۇ . [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#