موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى

موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرىسى
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى تىكەس دەريا  ۋادىسى، تىكەس-مۇڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان.

نامى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
يەر مەيدانى 11200 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى نەم
خەنزۇچە نامى 昭苏县
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى
نوپۇسى 189102 (2012-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى تىكەس دەريا  ۋادىسى، تىكەس-مۇڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان.  مۇڭغۇلكۈرە شەرق تەرەپتە تىكەس ناھىيەسى،جەنۇبدا  ئونسۇ، باي ناھىيەسى، شىمالدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غەربتە قازاقىستان (چىگرا پاسىل ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق)، غەربىي جەنۇبتا  قىرغىزىستان بىلەن چىگىرىلىنىدۇ.  جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى غەرب تەرەپ ئىگىز شەرق تەرەپ پەس. تىكەس دەرياسى پۈتۈن چىگرانى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى تاغلىق، ھاۋاسى يېرىم نەم، يايلاق كىلىماتىغا تەۋە. قىش ئۇزۇن ياز قىسقا، تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلمىغان، ھاۋا ئۆزگىرىشى تۇراقسىز. ناھىيە بازىرى بىلەن مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 879 كىلومېتىر،پۈتۈن ناھىيەنىڭ يەر كۆلىمى 11200 كىۋادرات كىلومېتىر. 2012–يىللىنىڭ ئاخىردىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 189102 ئادەم.  ناھىيەدە قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، قىرغىز، خۇيزۇ، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، رۇس، تاجىك قاتارلىق 21 مىللەت بار.

 2012 - يىلنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى  189102 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلارنىڭ نوپۇسى 131670 ئادەم، ناھىيە بازىرىدا ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ نوپۇسى 28283 ئادەم. قازاقلارنىڭ نوپۇسى 82013 ئادەم بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %47.55 نى، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 49418 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %28.65 نى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 16654 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %9.66 نى ئىگەلليدۇ.

 
يېزا نامى

بىۋاستە تەۋەلىك رايونلار
ناھىيە بازىرى دۆڭمەھەللە مەھەللىسى، كان يولى مەھەللىسى، ئازات كوچا مەھەللىسى، كونا بازار مەھەللىسى، ئاقچوققا مەھەللە، [2]تۇغۇرچىن كەنتى، قۇرۇئۆرەك كەنتى، جامانتاي كەنتى، چولىمتا كەنتى
خونىخەي يېزىسى تۇغۇرچىن بۇلاق كەنتى، بەشقارغاي كەنتى، ئاقتاش كەنتى، قاراسۇ كەنتى، تۆۋەنكى خونخەي كەنتى، يۇقىرىقى خونخەي كەنتى، كىسىك 1-كەنتى، كىسىك 2-كەنتى 
ئۇزۇنبۇلاق يېزىسى ئۇزۇنبۇلاق كەنتى، مىس كەنتى ، قاراقات كەنتى، سەكسەن كەنتى، مازار كەنتى، يار مەھەللە كەنتى

                  ئاقدالا يېزىسى

 تالدىساي 1 - كەنتى، تالدىساي 2-كەنتى ، ئاقدالا كەنتى، خوتۇرقاي كەنتى، يۇقارقى قىزىلمويناق كەنتى، ئوتتۇرا قىزىلمويناق كەنتى، تۆۋەنكى قىزىلمويناق كەنتى ،  كەڭساي كەنتى، يۇغان تۆبە كەنتى، قاراباستاۋ كەنتى، سۇلساي كەنتى 
                  سارقۇب يېزىسى سارقوبۇ كەنتى، قوڭىردۆڭ كەنتى، قىز توغان كەنتى، مويىنساڭ كەنتى، كۆل كۈنبۇلاق كەنتى، كۆرك قاراغاي كەنتى، سۇغاق توقاي كەنتى 
                   قاشايار يېزىسى سىنتاس كەنتى، ئۇزاتماڭ كەنتى، ئۆتەك گرام جار كەنتى، كۆك يار كەنتى، سارئۆلېڭ كەنتى كەنتى
                   قاراسۇ يېزىسى تاش ئارنا كەنتى، قاراسۇ كەنتى، بارغىلجىن كەنتى، باش قارا سۇ كەنتى، ئاياق قاراسۇ كەنتى، دۆڭ قىرمان كەنتى، كىچىك سارقوبۇ كەنتى، ئاقساي كەنتى
               شوتا قىزغىز يېزىسى

 يېڭى نسۈن كەنتى، داپغۇر كەنتى، قاراتۆپە كەنتى، بەشقارغاي كەنتى، تۆۋەن شىنسۇن كەنتى، مارالتى كەنتى، قوش تۆبە كەنتى، تالدى تاس ئانارى كەنتى 
     چاغان ئۇسۇ موڭغۇل يېزىسى  تۆۋەنكى چاغان ئۇسۇ كەنتى، قوتۇرقالا خوجىنىڭ كەنتى، دالىتى كەنتى، تاشبۇلاق كەنتى، ساپىيۇم كەنتى، تاش ئارنا كەنتى، بارغىلجىن كەنتى 
 خوسۇمتۇخارسون موڭغۇل يېزىسى  قاراتۆپە كەنتى، مۇزارت كەنتى، قاراسۇ كەنتى، توسۇن تولغا كەنتى، قوش تۆبە كەنتى، قارابۇلاق كەنتىى، قارا كىمىر كەنتى، ئاقتاش كەنتى

يەر بايلىقى

2012-يىلغىچە، پۈتۈن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 87000 گېكتار، ناھىيەگە قاراشلىق تېرىلغۇ يەرمەيدانى 34000 گېكتار ، ئومۇمىي ئوتلاق كۆلىمى 542000 گېكتار، ناھىيەگە تەۋە ئوتلاق كۆلىمى 40600 گېكتار. ئورمان كۆلىمى 14000 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئي ئورمان كۆلىمى 13700 گېكتار، مۇزلۇق كۆلىمى 32000 گېكتار، باشقا يەرلەرنىڭ كۆلىمى408000 گېكتار. 

كان بايلىقلىرى

2013-يىلغىچە، موڭغۇلكۈرەدىن بايقالغان  زاپاس كان بايلىقلىرى كۆمۈر، مانگان، ئالىيۇمىن، تۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، ھاكتېشى، بېرىل، چىرىمتال، خىرۇستال، ئىسلاندىيە كرىستالى، كۆك ياقۇت، كېكوشاڭ  قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر، مىس، مانگان، چىرىمتال،ئالتۇن، كۈمۈش، ئالىيۇمىن، كېكوشاڭ قاتارلىق بايلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارى بىرقەدەركۆپ، سۈپەتلىك ۋە ئېچىش قىممىتىگە ئىگە.

ھايۋاناتلار بايلىقى

تۇلپار: موڭغۇلكۈرە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيسۇن خانلىقىنىڭ جايلاشقان ئورنى ئىدى. پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق ئىلى ئېتى مانا مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. موڭغۇلكۈرەدە ھازىر بەش خىل سورتلىق ئات بار بولۇپ: ئىلى ئېتى، ساپ سورتلىق ئەنگىلىيە ئېتى، قىرغىزىستان، ئالدېن، گىرمانىيە شالغۇت ئاتلىرى قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئېتى 60 مىڭدىن ئارتۇق. ئىلى ئېتى  دۆلىتىمىزدىكى ئېسىل سورتلىق ئات تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى  قازاق، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ قان تەر ئاققۇزۇپ  پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.

ياۋايى ھايۋانلار: 2013-يىلغىچە موڭغۇلكۈرە چىگرىسى ئىچىدە بايقالغان ھايۋانلاردىن بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، يىلپىز، سۇغۇر، ئونداترا، ئۇلار، موڭغۇل جەرىنى، ئارقار قاتارلىق ئاز ئۇرايدىغان ھايۋانلار بار.

ئۆسۈملۈك بايلىقى

موڭغۇلكۈرەدە زىرائەتلەردىن بۇغداي، قىچا، ئارپا، زىغىر تالاسى، زىغىر، ياڭيۇ، سامساق، دادۇر قاتارلىقلار بار. ئوتلاقلاردىكى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن  75 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بار.

سۇ بايلىقى

موڭغۇلكۈرەنىڭ سۇ قۇرۇلۇشى ناھايىتى تەرەققىي  قىلغان بولۇپ، سۇ بايلىقى ناھايىتى مول. تىكەس دەرياسىدىن باشقا يەنە 24 دەريا  ئېقىمى ناھىيەنىڭ جەنۇب شىمالىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن موڭغۇلكۈرەدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ ئېقىم مىقدارى ھېساب بىلەن ھەر سىكۇنىتىغا 110.6 كۇب مېتىر بولۇپ، ناھىيە بويىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان يىللىق  سۇ ئېقىم مىقدارى 4.073 مىليارد كۇب مېتىر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى ھۆكۈمەت تورى 

http://www.xjyl.gov.cn/info/1192/12316.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى ھۆكۈمەت تورى

http://www.xjyl.gov.cn/info/1192/12316.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#