قارا بۆكەن

قارا بۆكەن

قارا بۆكەن يەنە جەنۇبىي ئافرىقا قارا بۆكىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارا بۆكەنلەر ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قارا بۆكەن
ئىنگلىزچە نامى Hippotragus niger
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑马羚
تارقالغان رايونلار جەنۇبى ئاجرىقا
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار
ئۇرۇقداشلىرى جەنۇبىي ئافرىقا بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا بۆكەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەر ئاز ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا ياشايدۇ.

قارا بۆكەنلەرنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 2.50 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.40 مېتىر، ئېغىرلىقى 260 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

قارا بۆكەنلەرنىڭ چىشىسىنىڭ رەڭگى ئادەتتە بېغىر رەڭ ياكى توق قوڭۇر رەڭ بولىدۇ، مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىرغا يېتىدۇ.

ئەركەك قارا بۆكەنلەرنىڭ رەڭگى قارا بولىدۇ، مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىرغا يېتىدۇ.

قارا بۆكەنلەر ئادەتتە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ.

قارا بۆكەنلەر جەمەت بويىچە توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋاناتلار تۈرىگە بولۇپ، بىر توپتا 30-10 غىچە قارا بۆكەن بولىدۇ.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى گۆشخور ھايۋاناتلارنىڭ ھەممىسى قارا بۆكەنلەرنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ قالغان.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#