جۇغراپىيە

جۇغراپىيە

جۇغراپىيە ھەم ئاساسىي پەن ھەم ئەمەلىي پەن ھېسابلىنىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيا مۇھىت، بايلىق مەنبەسى، نوپۇس، ئېنېرگىيە، ئاشلىقتىن ئىبارەت بەش چوڭ مەسلىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا، جۇغراپىيەنىڭ كۆرۈنەرلىك رولى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇغراپىيە
باشقا نامى گېئوگرافىيە
پىنيىنچە يېزىلىشى dì lǐ
تۈرلىرى تەبىئەت جۇغراپىيەسى، ئېتنوگرافىك جۇغراپىيە ۋە ئىقتىسادىي جۇغراپىيەسى
خەنزۇچە نامى 地理
چەتئەلچە نامى Geography
ئوقۇتۇشتا تۈرگە ئايرىش جۇڭگو جۇغراپىيەسى، دۇنيا جۇغراپىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇغراپىيەجۇغراپىيە ماكان نۇقتىنەزىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇغراپىيە ناھايىتى زور ھەم مۇرەككەپ بولغان جۇغراپىيە پەنلىرى سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. جۇغراپىيە جۇغراپىيە ئۇمۇمىي نەزەرىيەسى، تارماقلار جۇغراپىيەسى، رايونلار جۇغراپىيەسى دەپ ئايرىلىدۇ. 

تارماقلار خۇغراپىيەسىنى جۇغراپىيە ۋە  ئېتنوگرافىك جۇغراپىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماققا بۆلگەندىن سىرت يەنە، بىر قانچە تارماق پەنلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 

رايونلار جۇغراپىيەسى

رايونلار جۇغراپىيەسى مەمىلكىتىمىزدە جۇڭگو جۇغراپىيەسى ۋە دۇنيا جۇغراپىيەسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى يەنىمۇ تەپسىلىي ھالدا بىر قانچە تارماق پەنلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. 

ئىلىم-پەنننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن كۆزەتكەندە، جۇغراپىيە يەنە كىلاسسىك (ئەنئەنىۋى) جۇغراپىيە، يېقىنقى زامان جۇغراپىيەسى ۋە ھازىرقى زامان جۇزراپىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. 

كىلاسسىك جۇغراپىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ناھايىتى بۇرۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەدەبىي تەسۋىرلەشنىلا ئاساس قىلىدۇ. 

يېقىنقى زامان جۇغراپىيەسى غانائەت ئىنقىلابى ۋە جۇغراپىيەلىك چوڭ بايقاشلار بىلەن بىر ۋاقىتتا مەيدانغا كېلىپ، تەسۋىرلەش خارەكتېرىدىكى چۈشەندۈرۈشكە قەدەم قويغان؛ 

ھازىرقى زامان جۇغراپىيەسى

ھازىرقى زامان جۇغراپىيەسى بولسا، تېخى يېقىنقى زامانلاردا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، ئۇ يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى قاتارلق زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋە ماتىريالىزىم، سىستېما نەزەرىيەسى، كونتىرول نەزەرىيەسى، ئۇچۇر نەزەرىيەسى قاتارلىق ھازىرقى زامان نەزەرىيەلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. 

جۇغراپىيە ھەم ئاساسىي پەن ھەم ئەمەلىي پەن ھېسابلىنىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيا مۇھىت، بايلىق مەنبەسى، نوپۇس، ئېنېرگىيە، ئاشلىقتىن ئىبارەت بەش چوڭ مەسلىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا، جۇغراپىيەنىڭ كۆرۈنەرلىك رولى بار. 

ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي شارائىتى مۇرەككەپ، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مۇتلەق مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما كىشى بېشىغا تەقسىملەنگەندە نىسپىي ھالدا يېتىشمەيدۇ. كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئېكىلوگىيەلىك سېستىمىسى خېلىلا ئاجىز. رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا روشەن پەرىقلىق مەۋجۇت. 

جۇغراپىيە ئىلمى تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق پەن. ئۇ يەر شارىنىڭ سىرتىقى يۈزدىكى جۇغراپىيەلىك مۇھىتنى تەتقىق قىلىدۇ. جۇغراپىيەلىك مۇھىت ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي مۇھىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى تەبىئىي جۇغراپىيەنىڭ تەتقىق قىلىش ئونىكتى، كېيىنكىسى ئېتنوگرافىك جۇغراپىيەنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىكتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

تەبىئىي جۇغراپىيە 

جۇغراپىيەتەبىئىي جۇغراپىيە __ جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بۇلۇپ، يەر شارى يۈزدىكى تەبىئىي ھادىسىلەر (قۇرۇقلۇق، سۇ، ئاتموسفېرا، جانلىق ئورگانىزىم ۋە تۇپراقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى تەتقىق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتنى تەتقىق قىلىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى زامان تەبىئىي جۇغراپىيەسى يەنە تەبىئىي مۇھىتنى ئۆزگەرتىش، بايلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىدىن پايدىلىش ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئانالىز قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، خەلقارانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن. 

ئېتنوگرافىك جۇغراپىيە 

ئېتنوگرافىك جۇغراپىيە ___ جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىقتىساد جۇغراپىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېتنوگرافىك جۇغراپىيە ئىنسانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتى نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ تارقىلىشى، ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانلار پائالىيىنىڭ ماكان قۇرۇلمىسى ئۇستىدە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. 

جۇغراپىيەمەمىلكىتىمىزدە ئىنسانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا قەدىمدىن بېرى خىلمۇ خىل نۇقتىنەزەرلەر بار. لېكىن يېقىنقى زامان ئېتنوگرافىك جۇغراپىيەسى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىنسانلار بىلەن بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىققان كۆز قاراشلار توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بىلەن بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەنتېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققەي قىلىشى، بۇلۇپمۇ سىستېما نەزەرىيەسى، كونترول نەزەرىيەسى، ئۇچۇر نەزەرىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇلارغا ماركىسىزىمنىڭ قۇشۇلۇشى ئىنسانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتى نەزەرىيەسىنى يېڭى ئاساسقا ئىگە قىلغان. 

ئېتنوگرافىك جۇغراپىيە  يەنە نوپۇس جۇغراپىيەسى، ئىقتىساد جۇغراپىيەسى، سىياسەت جۇغراپىيەسى، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت جۇغراپىيەسى، شەھەر ۋە يېزا كەنت جۇغراپىيەسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. 

ئېتنوگرافىك جۇغراپىيەسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ، شۇڭا ئېتنوگرافىك جۇغراپىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر جەريانىدا مۇھىم رولى بار. 

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قوللانمىسى ___ جۇغراپىيە

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#