شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى

شىمالغا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋۇ پېيفۇ، سۇن چۇەنفاڭ، جاڭ زولىندىن ئىبارەت ئۈچ مىلىتارىست ئىدى.

نامى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى
باشقا ئاتىلىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش
ئورنى جوڭگو
ۋاقتى 1926-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1928-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە
خەنزۇچە نامى 北伐战争
باش قوماندان جياڭ جيېشى ، لى زۇڭرېن ، بەي چۇڭشىلار ؛ ۋۇ پېيفۇ ، جاڭ زولىن
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى
ھەربىي كۈچ مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە تەخمىنەن 250 مىڭ، شىمال مىلىتارىستلار ئارمىيىسى تەخمىنەن 1 مىليون
نەتىجىسى ئاساسىي جەھەتتىن شىمالىي مىللىتارىستلار قوشۇنى يوقىتىلدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى1926-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ۋەزىيەتتە، گۇاڭدۇڭ مىللىي ھۆكۈمىتى «شىمالغا يۈرۈش قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، جاھانگىرلىك ۋە فېئودال مىلىتارىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنقىلابنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلدى. 9-كۈنى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە جياڭ جيېشىنىڭ باش قوماندانلىقىدا گۇاڭدۇڭدىن چىقىپ، رەسىمىي شىمالغا يۈرۈش قىلدى.

شىمالغا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋۇ پېيفۇ، سۇن چۇەنفاڭ، جاڭ زولىندىن ئىبارەت ئۈچ مىلىتارىست ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ پېيفۇنىڭ 200 مىڭ ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، خۇنەن، خۇبېي، خېنەن ئۈچ ئۆلكىنى ۋە شەنشى، خېبېينىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىگىلەپ تۇراتتى؛ سۇن چۇەنفاڭنىڭ 200 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى بەش ئۆلكىنى ئىگىلەپ تۇراتتى؛ جاڭ زولىننىڭ تەخمىنەن 350 مىڭ ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن رايونلىرىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، ئۈچ يولغا بۆلۈندى، بىر يول قوشۇن خۇنەن، خۇبېيغا، بىر يول قوشۇن فۇجيەن، جېجياڭلارغا، يەنە بىر يول قوشۇن جياڭشىغا ھۇجۇم قىلدى.

خۇنەن، خۇبېي ئاساسلىق جەڭگاھ بولدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى چاڭشانى ئېلىپ، خۇبېيغا كىردى. 4-جۈننىڭ يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، شيەننىڭدىكى تىڭسىچياۋ، خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكلىرىدە دۈشمەن ئارمىيىسىنى تارمار قىلدى. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ۋۇچاڭنى ئالدى. ۋۇ پېيفۇنىڭ ئاساسىي كۈچى خۇبېيدا تارمار قىلىندى. جياڭشى جەڭگاھىدا، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى جيۇجياڭ، نەنچاڭلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئىگىلەپ، سۇن چۇەنفاڭنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا ئۇدۇل نەنجىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 12-ئايدا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى فۇجيەن، جېجياڭلارنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېڭ يۈيشياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردىمىدە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ شەنشىنى ئالدى ھەمدە خېنەنگە يۈرۈش قىلىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە يىراقتىن ماسلاشتى.

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى يېرىم يىلغا قالمايلا جۇجياڭ ۋادىسىدىن چاڭجياڭ ۋادىسىغىچە بولغان جايلارنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. 1927-يىلىنىڭ بېشىدا مىللىي ھۆكۈمەت گۇاڭجۇدىن ۋۇخەنگە كۆچتى. 3-ئايدا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى نەنجىڭ، شاڭخەيلەرگە كىردى. مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى يىمىرىلىش گىردابىغا ئەكىلىپ قويدى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 7-ئاينىڭ 15-كۈنى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شاڭخەي، ۋۇخەنلەردە ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى تارتىۋېلىندى.

شىمال مىلىتارىستلىرى ئارمىيىسى

ۋۇ پېيفۇ بېسىپ ياتقان ئىككى كۆل، دەريا نەنجىڭ يولى بويىدىكى، ئەسكىرىي كۈچ 200 مىڭ. يەنىلا سۈن چۈەنڧاڭنىڭ فۇجىيەن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى، سۇ ( سۇجۇ شەھىرىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى )، ۋەن ( ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى )، جياڭشى مىلىتارىستلار تەركىب تاپقان، « بەش ئۆلكە بىرلەشمە قوشۇنى»نىڭ  ئەسكىرىي كۈچ يەنە تەخمىنەن 200 مىڭ. فېڭتيەن گۇرۇھىدىكى مىلىتارىست جاڭ زولىن چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بېسىپ ياتقان بېيجىڭ، تىيەنجىن، جىلى، رېخې ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تەخمىنەن 400 مىڭ. شەندۇڭ جاڭ زۇڭچاڭ بېسىپ ياتقان 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچى بار. 

مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە

 مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 8 - جۈن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ( ئۇرۇش جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ 40 نەچچە جۈن بىر مىليونغا يېقىن كىشى ) ، جياڭ جۇڭجېڭ باش قوماندان بولۇپ، لى جىشېي باش قۇماندانلىق شىتابىنىڭ شىتاب باشلىقىلىقىغا، بەي چۇڭشى مۇۋەققەت ئىشتاپ باشلىقى، دېڭ يەندا سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى، گو مورو سىياسىي بۆلۈم مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

 يېتەكچى ئىدىيە 

قانۇننى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش. سۇن جۇڭشەننىڭ ئەزەلدىن كۆرۈش « ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى » بىلەن دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم سىمۋولى ۋە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىشەنچىلىك كاپالىتى.  

 ھەربىي كۈرەشكە ئەھمىيەت بېرىش. سۇن جۇڭشەن ئاساسىي قانۇن ۋە پارلامېنتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم قانۇننى قوغداش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 

بىرلەشمە باشقا كۈچ. دەسلەپكى سۇن جۇڭشەن ئۆزىنىڭ ھەربىي قوراللىق كۈچ، ھەربىي ئىشلاردا يەرلىك شىمالى مىلىتارىستلارغا تايانغان. 

ئۇرۇش تاكتىكىسى 

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىككى كەڭ بازىسى تاكتىكىسى ئارقىلىق « ۋۇ پېيفۇ، سۈن چۈەنفاڭ، جاڭ زولىن بىلەن كارى بولمىدى » نى ئاساس قىلغان، ئۇلارنى پارچىلاپ ئۇجۇقتۇرغان.

ھەربىي قوماندانلىق جەھەتتە، شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى داۋامىدا، توختىماي، ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەننى يوقاتقان، توختىماي قوغلاپ، ئۇرۇشـنى تېز قىـلىـپ، تېز ئاخىرلاشتۇرماق، جەسۇر، ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرغان؛ ئەسكىرىي كۈچتىن جانلىق پايدىلىنىپ، دەل ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشتىكى ئۇرۇش، ساقلاشنى ئۇرۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. دۈشمەن ئۇلارنى پارچىلاش، قوشۇمچە كېڭەيتىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ مۇھىم ئامىلى.  

گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقى

 شىمالغا يۈرۈش قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتى بولسا گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىنقىلاب ۋەزىيىتى غەلىبىلىك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ پائال سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى غەلىبە ئۈچۈن ئاجايىپ تـۆھپـىلەرنى قوشقان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە : 

كومپارتىيە ئەزالىرى بىۋاسىتە قاتنىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى ئىچىدە، زور بىر تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ياكى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ياكى ئاساسىي قاتلام كوماندىر، جەڭچىلىرى قاتناشتى. 

ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلدى. خۇنەن، خۇبېي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى، 1926 - يىلى يىل ئاخىرى ئەتراپىدا، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن رايونلاردا ، ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىق چارلاش ئەترىتى قۇردى. 

دېھقانلار ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شىمالغا يۈرۈش ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئىشچىلارنىڭ ئىنقىلاۋىي ھەرىكىتى بىلەن دېھقانلار ھەرىكىتى، شۇنداقلا جۇڭگو جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى.  

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى

 شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى شاۋگۈن شەھىرى رايونى باش چوققىسى شىمالىي ئېتىكىدە، 2008 - قۇرۇلۇش باشلاندى، ئىككى يىلغا يېقىن  قۇرۇلۇش 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي پۈتتى. نۇرغۇن سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ۋە شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەرسە ۋە تارىخىي رەسىم، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدى.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#