سالاجىت
سالاجىت بولسا بىر خىل دەرەختىن ئېقىپ چىقىدىغان يىلىم دورا بولۇپ،ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە بارلىق ئەزالارغا قۇۋۋەت بېرىش، كۆڭۈلنى كۆتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سالاجىت بولسا ئېگىزلىكى 10 ~ 20 مېتىر ئەتراپىدا بولىدىغان، يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان غوللۇق بىر خىل دەرەختىن ئېقىپ چىقىدىغان يىلىم دورا بولۇپ، پۇرىقى سۇس، رەڭگى قارا، تەمى بىر ئاز ئاچچىق كېلىدۇ .لائوس، ۋېيتنام، تايلاند قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
تەبىئەتنى قۇۋۋەتلەش، زەھەر قايتۇرۇش، خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى توسۇش، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، يەل ھەيدەش، مەنىي ۋە سۈيدۈكنى تۇتۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە بارلىق ئەزالارغا قۇۋۋەت بېرىش، كۆڭۈلنى كۆتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئاساسلىق تەركىبى سىمۇلادىن ئىبارەت، سىمۇلا بولسا سۇمارىسنوك كىسلاتاسى ۋە كونقىر يىلىمىدىن تەركىب تاپقان.
1. كۈندۈر، مەستىكىدىن 10 گرام، تۇخۇم سېرىقىدىن 2 دانە، سالاجىتتىن 5 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سۇپۇپ تەييارلاپ يېسە، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. ئەرەب يېلىمىدىن 5 گرام، رۇببۇسۇس، زۇپادىن 7 گرام، سالاجىتتىن 3 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، يۆتەل ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. پىننە، بادىيان، ئوغرىتىكەندىن 7 گرامدىن، سالاجىتتىن 5 گرام ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ بەرسە، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.