بىلبائو
بىلبائو ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان چوڭ پورت. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان چوڭ پورت. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن نېرۋىئون دەرياسى ئېقىپ ئۆتۈپ بېسكەي قولتۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتر كېلىدۇ. بىلبائو بېسكەي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، باسىك خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي. بۇ جاي قەدىمىي دەۋرلەردە دەريانىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى خەلقلەرنىڭ دەريادىن ئۆتىدىغان مۇھىم بىر جايى بولغان. شۇڭا بۇ جاينى باسكىچە «گۈزەل كېچىك» دەپ ئاتىغان.
بىلبائو شەھىرى 1300-يىللاردىن باشلاپ قۇرۇلغان، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول بولغانلىقتىن، شەھەر ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. 1300-يىللاردىن باشلاپ قۇرۇلغان، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا تۆمۈر قاتارلىق كان بايىقلىرى ناھايىتى مول بولغانلىقتىن، شەھەر ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. 1872-يىلى شەھەرنىڭ پورت قۇرۇلۇشى باشلىنىپ دەريا ئېقىمىنى بويلاپ پاراخوتلارنىڭ شەھەر رايونىغا قاتناپ كىرىشىگە شارائىت يارىتىلغان. ھازىر بىلبائو شەھىرىنىڭ پاراخوت توختايدىغان پرىستانلىرىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى تۆت كىلومېترغا يېتىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 472 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر تارىختىن بۇيان پولات-تۆمۈر سانائىتى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۇدەسلەپكى دەۋرلەردە تۆمۈر رۇدىسى، پولاتتىن ياسالغان قورال-ياراقلارنى سىرتقا چىقىرىش بىلەن داڭقى چىقارغان. 14-ئەسىرگە كەلگەندە قوي يۇڭى ئېكسپورت قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسپانىيىىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكلىرى بىلەن بولغان سودا ئاساسىدا تېخىمۇ گۈللەنگەن.
ھازىر ئۇ ئىسپانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر، خىمىيە سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا كېمىسازلىق، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتى، توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ كونا قىسمىدا قەدىمكى قۇرۇلۇشلار، تار كوچىلار ساقلىنىپ قالغان. شەھەرنىڭ يېڭى قىسمى رەتلىك بولۇپ زامانىۋى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىنى(شىمال بىلەن جەنۇب) تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان چوڭ كۆۋرۈكلەر بار. ھازىرقى بىلبائو شەھىرى ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ تۇرماقتا. بۇ شەھەر ئارقىلىق ئىسپانىيىنىڭ ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.