دەپنە دەرىخى

دۇنيادا ھايۋانلارنى يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن 500 تۈردىن ئاشىدۇ، لېكىن زور كۆپچىلىكى بىرقىسىم ئۇششاق ھاشاراتلارنىلا يېيەلەيدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدا ئۆسىدىغان دەپنە دەرىخى بولسا تەپتارتماي ئادەم «يەيدۇ» .

ئۇيغۇرچە ئىسمى دەپنە دەرىخى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
خەنزۇچە ئىسمى 葬树

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

      دەپنە دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى  8 −9 مېتىر بو لۇپ، ناھايىتى كۆپ ئۇزۇن شاخلىرى يەرگىچە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، بەزىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىملىرىدەك شامالدا لەپەڭلەپ تۇرىدۇ. ئەگەر بەزى ئادەملەر ئېھتىياتسىزلىقتىن شاخلارغا تېگىپ كەتسە، دەرەختىكى بارلىق شاخلارنىڭ ھەممىسى ئالۋاستى چاڭگىلىدەك ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئۇزىراپ كېلىپ ئادەمنى چىرمىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى چىڭ چىرماپ، ئادەمنى قىمىرلىيالماس قىلىۋېتىدۇ. دەرەخ شاخلىرى ناھايىتى تېزلا يېپىشقاقلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل شىلىم سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئولجا قىلىنغان «يېمەكلىك» نى ھەزىم قىلىۋېتەلەيدۇ، ئادەم، ھايۋانلار بۇنداق سۇيۇقلۇققا يېپىشىپ قالسا، ئاستا-ئاستا ھەزىم قىلىنىپ، دەرەخنىڭ مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. دەپنە دەرىخىنىڭ شاخلىرى ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ بولغاندا، يەنە كەڭ يېيىلىپ لىڭشىپ، يەنە بىر نۆۋەتلىك يەردە قاپقان، ئاسماندا تورىنى يېيىپ، كېيىنكى بىر قۇربان بولغۇچىنى تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. 

     يەرلىك ئادەملەر ئۇنىڭ «مىجەز» ىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئۇنى بېلىق بىلەن بېقىپ تويغۇزغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ دەرەخ شىرنىسى(شىلىم سۇيۇقلۇقى) نى يىغىۋېلىپ، دورا ياسايدىغان ئەتىۋارلىق ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#