ئىسرائىلىيە

ئىسرائىلىيە

ئىسرائىلىيە غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن رايونىدىكى دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرەپكە، ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، — ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئۈچ قىتئەدىن تۇتىشىش ئورنى.

ئۇيغۇرچە نامى ئىسرائىلىيە دۆلىتى
قىسقارتىلغان نامى ئىسرائىلىيە 以色列
ۋاقىت رايونى شەرقىي 2-رايون (UTC+2)
دۆلەت شېئىرى 《希望之歌》
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 以色列国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى ئېرۇسالېم
دۆلەت تىلى ئىبرانى تىلى
نوپۇسى 8 مىليون 500 مىڭ (2016-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە دۆلىتى (The State of Israel) قىسقارتىلىپ ئىسرائىلىيە دىيىلىدۇ. ئىسرائىلىيە غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن رايونىدىكى دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرەپكە، ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، — ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئۈچ قىتئەدىن تۇتىشىش ئورنى. يەر كۆلىمى 25740 كۋادرات كىلومېتىر (ئەمەلىي باشقۇرۇش تەۋەلىك كۆلىمى). ئىسرائىلىيە نۇپۇسى 8 مىليون 500 مىڭ (2016-يىلى) بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلار تەخمىنەن %75 نى، ئەرەبلەر %20 نى، باشقلار%5 نى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئېرۇسالىمنىڭ نوپۇسى 801400 / ئادەم، تېلاۋىف شەھىرىنىڭ نۇپوسى 400300 ئادەم، خەيفا شەھىرىنىڭ نوپۇسى 277400 / ئادەم.

ئورنى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن رايونىدىكى دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرەپكە، ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقا ، — ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئۈچ قىتئەدىن تۇتىشىش ئورنى. دېڭىز ياقىسى تار كەتكەن تۈزلەڭلىك، شەرقىي قىسمى تاغلىق ۋە ئېگىزلىك. ئىسرائىلىيە شىمالىي لىۋان، شەرقتە سۇرىيە ۋە ئىئوردانىيە، غەربىي جەنۇب تەرەپ بولسا مىسىر بىلەن چىگىرلىنىدۇ. 

كۆلىمى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي كۆلىمى 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نېگېۋ رايونىدىكى يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. كۆلىمى 12 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر چېگرا ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، خاماس كونتورۇللىقىدىكى گازا رايونىغا 51 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگرىسى بار. غەززە ۋە ئىئوردان ئۈچۈن 1947-يىلى  پەلەستىن رايونىدىن بىر قىسىم بۆلۈپ ئىدارە قىلغان كۆلىمى 27090 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1948-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە ئىسرائىلىيە 4-قېتىملىق ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا كەڭ ئەرەب دۆلەتلىرى زېمىن ئىشغال قىلغان. 80-يىللاردىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بىر قىسىملىرى چېكىنىپ چىقتى. ھازىر ئەمەلىي باشقۇرۇش تەۋەلىكى كۆلىمى 25740 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، گولان ئىگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

يەر شەكلى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە ئوخشىمىغان تۆت رايون ئايرىشقا بولىدۇ : دېڭىز قىرغىقى تۈزلەڭلىك، ئوتتۇرا قىسمى ئىدىرلىق، ئىئوردانىيە چوڭ جىلغا (شەرقىي ئافرىقا چوڭ جىلغىسى شىمالىي باشلىنىش نۇقتىسى) ۋە نېگېۋ قۇملۇقى. 

ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى دېڭىز قىرغىقى تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي شىمال لىۋان چېگرا تۇتۇشىدۇ. غەززا رايونلىرنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت ھەم نەم. دېڭىز قىرغىقى تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي قىسمى مەركىزىي ئېگىزلىك رايونى، ئېگىزلىكلەردە شىمال تەرىپىدە بولسا گالىلې تاغ تىزمىسى تاغ-ئېدىر تېخىمۇ جەنۇب تەرىپىدىكى رايونلاردا بولسا نۇرغۇن كىچىك تىپتىكى ۋە مۇنبەت مارىياپۇ تاغ تىزمىسى جىلغا رايونىدا تەركىب تاپقان يەنە جەنۇبقا قاراپ قاقاس جۇدەھ تاغ رايونىدا. ئىسرائىلىيە نېگېۋ قۇملۇقى تەخمىنەن 12 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇق تەركىب تاپقان. ئىسرائىلىيە  يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، جۇغراپىيەلىك جەھەتتە نېگېۋ قۇملۇقى سىناي يېرىم ئارىلى سوزۇلغان.

كىلماتى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە ياز پەسلى قۇرغاق، ئىسسىق بولغان ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە. تۈزلەڭلىكلەر ياز پەسلىدە ھۆل ئىسسىق، قىش پەسلىدە ئازراق سوغۇق يامغۇر، ئېدىرلىق رايونلاردا بەزىدە قار ياغىدۇ. ئىئوردانىيە جىلغا رايونى ياز پەسلى قۇرغاق ۋە ئىسسىق بولۇپ، جەنۇبىي رايوندا بولسا يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ.

ئىسرائىلىيە كىچىك ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە. ئالاھىدىلىكى ئۇزۇن ھەم قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ياز پەسلى ىسبەتەن  قىسقا ھەم سالقىن. قىش پەسلىدە يامغۇر كۆپ. ئىسرائىلىيە ھاۋاسى سۇبتروپىك بەلباغ سەھرايى كەبىر ۋە ئەرەب قۇملۇقىغا جايلاشقان بولۇپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سۇبتروپىك بەلباغ نەم-ئىسسىق كىلىمات ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ، كىلىمات ئەھۋالى ئىسرائىلىيە ئىچكى جايلارمۇ خېلى پەرقى بار.

 شىمالىي رايونى نازارېن؛

خەيفا رايونى خەيفا؛

مەركىزى رايونى راملا؛

تېلاۋىف رايونى تېلاۋىف؛

جەنۇبىي قىسمى بىرشېۋا؛

ئاساسلىق شەھەرلىرى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ شەھەرلەر :

      نامى                      نۇپۇسى

1. ئېرۇسالېم شەھىرى         801400 / ئادەم

2. تېلاۋىف شەھىرى          400300  ئادەم

3. خەيفا شەھىرى            277400 / ئادەم

4. زىئون شەھىرى             216900 / ئادەم

5. ئاشدود شەھىرى           204500 / ئادەم

6. بىرشېۋا شەھىرى           203200 / ئادەم

7. پاتاكىۋا شەھىرى           201900 / ئادەم

8. نېتانيا شەھىرى            200800 / ئادەم

9. خولون شەھىرى            200300 / ئادەم

بايرىقى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە دۆلەت بايرىقى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 3 : 2، بايراق تېگى ئاق رەڭلىك، ئۈستى بىر كۆك رەڭلىك كەڭ بەلۋاغ. كۆك، ئاق بۇ ئىككى رەڭ يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان يېپىنچا رەڭ. بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاق، بىر كۆك رەڭلىك ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز، بۇ قەدىمىي ئىسرائىلىيە ۋاڭ داۋىد يۇلتۇزى بولۇپ، ئىسرائىلىيە 2-نۆۋەتلىك پادىشاھى داۋىد (David) ئىسمىنىڭ مەنىسى «مۇھەببەت» يۇمۇپ، داۋىد يۇلتۇزى بولۇپ دۆلەتنىڭ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. 

گېربى 

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە دۆلەت گىربى ئىنجىل ئىچىدىكى يەتتە دانە ئالتۇن شامداندىن كەلگەن. دۆلەت گېربىدىكى شەكلى بولسا ئالتۇن چىراغداننىڭ بەلگىسى بۇلۇپ، ئالتۇن چىراغداندىكى بەلگە ئىسرائىلىيە ئىلاھغا شاھىد بولغان. ئالتۇن بەلگىسى ئىلاھنىڭ مۇقەددەس مىجەزى. يەتتە چىراغپاي دەل خاسىيەتلىك 7 كۆز. چىراغپاي ئىككى تەرىپىگە زەيتۇن شېخى بار، چىراغپاي ئۈستىدىكى ئالتۇن ماي چىقىرىپ بېردىغان ئىككى تال زەيتۇن شېخى بار.

ئىسرائىلىيەئىسرائىلىيە دائىملىق ئىسچوتى دائىم غايەت زور قىزىل رەقەم ساقلاپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ قىزىل رەقەم ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ۋە چەت ئەللەرنىڭ مەبلىغى مۇئامىلىسى شۇنىڭدەك چەت ئەللەردىن قەرز ئېلىشتىن بۇلۇپ، گەرچە بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە بۇ قىزىل رەقەم ئىسرائىلىيە پىشقان بازار ئىگىلىكىنى ئالاھىدە نامايەن قىلغان بولسىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ نېفىت ئايرىش، ئالماس قېزىش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش كەسپى ناھايىتى كەڭ. دۇنيا بانكىسىنىڭ ماتېرىيال ئاساسى ئىسىرالىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئەڭ ياخشى بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە. 

ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىردىنبىر تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئىسرائىلىيە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر دۇنياغا مەشھۇر، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار، پەن-تېخنىكا، ئېلېكترون، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، بىئو تېخنىكا قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىلغار تېخنىكىسىغا ئىگە بۇلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىنتايىن ئىلغار بۇلۇپ، دۇنيا مىقياسىدا يۇقىرى تەرىپىنى قىلىشىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#