پىندۇق

پىندۇق بولسا قېـيىـن دەرىـخـى ئائىـلىسـىـدىـكى ئۆسۈملۈك ئورمان ياڭىقى (Gorylus avellana.L) نىڭ قۇرۇتۇلغان پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى پىندۇق
ئىنگلىزچە Siberian Filbert Seed
تەمى تاتلىق
خەنزۇچە نامى 欧榛
تونۇش تاش ياڭاق، جىلۇز (ئە)، بىندۇق (پ)، فىندۇق (ئو).
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا ھۆل ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىندۇقپىندۇق بولسا  قېـيىـن دەرىـخـى ئائىـلىسـىـدىـكى ئۆسۈملۈك ئورمان ياڭىقى (Gorylus avellana.L) نىڭ قۇرۇتۇلغان پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇيغۇرتېبابىتىدە پىندۇق ياكى تاش ياڭىقى، نامىدا ئىشلىتىلىدۇ. مېۋىسى سۇس سارغۇچ، خورما رەڭ. شەكلى قاتتىق، تەمى تاتلىق، مېغىزنىڭ ئازراق پۇرىقى بار.جۇڭگو، پاكىستان، ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا، روسىيە، ئۆز بېكىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

سۈت ۋە مەنىنى كۆپەيتىش، مېڭە ۋە نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

خىمىيىلىك تەركىبى

مېغىزى تەركىبىدە %71–58 ياغ، %51.4–18.9 ئاقسىل، 58–3 كاربۇن سۇ بىرىكىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا كاروتىن، ليۇئەسنۇ،تۆمۈر، تۇز قاتارلىق ماددىلار بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

پىندۇق1. بەدەننى سەمرىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پىندۇق مېغىزىنى چاي ياكى سۈت بىلەن كۈندە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. 2. جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش، مەنى كۆپەيتىش ئۈچۈن سۆئلەپ مىسىرىدىن 10 گرام، پىندۇق مېغىزىدىن 20 گرام، چىلغۇز مېغىزىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ، ئىچىپ بېرىلسە بولىدۇ. 3. بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پىندۇق مېغىزىدىن 10 گرام، سۆئلەپ مىسرىدىن 10 گرام، نارجىلدىن 10 گرام، ئاقىر قارھادىن 7 گرام، شاقاقۇل 10 گرام، تۇخۇم سېرىقىدىن 3 دانىدىن ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ، ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. 4. نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سەرپىستان، بادام مېغىزى، پىندۇق مېغىزىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

مېڭە ئاجىزلىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، جىنسى ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش، يۆتەل، زىققا، پەي، مۇسكۇل بوشاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى

12 – 4 گرامغىچە.

ساقلاش

كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا ئۇرىقىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ،ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، قۇرغاق جايسا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

پىننە، قەلەمپۇر.

ئورۇنباسارى

ياڭاق، چىلغۇزە مېغىزى.

لۇبۇبى كەبىر، ھالۋائى بېيزە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=535

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#