لايقا يېزىسى

لايقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، خوتەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى لايقا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى
رايۇن نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 拉依喀乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 30.4 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېزا دېھقانلىرىلايقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، خوتەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق تەرىپى بۇزاق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى، شىمالدا باغچى بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا كۆلىمى 30.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىنى جەمئىي 17 مەمۇرىي كەنىت قاپلاپ تۇرىدۇ، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، بىر تەرەققىيات رايونى، 124 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، نوپۇس سانى 6440 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 41775 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.1 مو؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، ياڭاق، ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلاردىن كىرىدۇ .2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1.0977 مىلىيۇن يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4421.09 يۈەنگە يەتكەن.

يىگىتلەر بەيگىدە2009-يىلى يېزا بويىچە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 23 مىڭ مو، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىڭ مو، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 6000 مو بۇلۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان پارنىكتىن 300 ى بار. يېڭىدىن كۆپەيگەن سەرخىل ياڭاق كۆلىمى 1500 مو، چىلان 500 مو، ئۇلانغان ياڭاق  137500 تۈپ بۇلۇپ، 45 مىڭ تۈپ ياڭاق شەكىل چىقىرىپ قىرقىلغان ۋە چاتالغان، ئۈزۈم 4500 مو، ھەر بىر كەنىتكە يېڭىدىن بىردىن كۆچەتخانا سېلىنغان، يېڭىدىن 185 مىڭ مو ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلىنغان. يېزا بويىچە مېۋىلىك دەرەختىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش كۆلىمى 60 مىڭ موغا يەتكەن. 77816 تۇياق چارۋا بار، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 1556.97 مىليۇن يۈەن بولغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 560.06 يۈەنگە يەتكەن. 

توقۇلغان ئەتلەسلەريېزىغا تەۋە 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، رەخت ئەترىتى كەنتى، شاپتۇلئېرىق كەنتى، باش لايقا كەنتى، ياڭاقچىلىق كەنتى، شاخلىق كەنتى، تاللىقئېرىق كەنتى، تۆۋەن لايقا كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، دامىتى كەنتى، چاقا كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، داكۈي كەنتى، كالۇبويى كەنتى، ئۇلۇغچات كەنتى، گۈزەم كەنتى، قۇرۇل كەنتى، ئىسسىق كەنتى، ئۇزۇنشور كەنتى قاتارلىقلار. [0]




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#