ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى

ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى تۆت چوڭ سەۋەب تۇغۇتتا قان كېتىش، چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش، ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى ۋە ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى بولۇپ، ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 妊娠合并心脏病
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلىھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى تۆت چوڭ سەۋەب تۇغۇتتا قان كېتىش، چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش، ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى ۋە ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى بولۇپ، ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا يۈرەك كېسىلى بار ئاياللارغا بولغان پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەپ، ئانا-بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئازايتىش لازىم. ھامىلىدارلىققا يۈرەك كېسىلىنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشىدە زور كۆپچىلىكى رېماتىزىم خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلى بولۇپ، تەخمىنەن 70% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن قالسا تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا يۈرەك كېسەللىكلىرى تۇرىدۇ.

1. ھامىلىدارلىق

تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىللىرىنىڭ يۈرەككە بولغان تەسىرى 1) ھامىلىدارلىق مەزگىلى. ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھامىلىدارلىق دەۋرىدە ئانىنىڭ قان سىغىمچانلىقى %50 ~ 30 گىچە كۆپىيىپ ھامىلىدارلىقنىڭ 43 ~ 23 ھەپتىلىرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ. قاننىڭ يۈرەكتىن چىقىرىلىش مىقدارى 20 ~ 30% گىچە كۆپىيىپ، يۈرەك سوقىشىمۇ تېزلىشىدۇ، بالىياتقۇ چوڭىيىپ، دىئافراگمىنى كۆتۈرۈپ، يۈرەكنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتكەچكە چوڭ قان تومۇرلارمۇ ئەگرى-بۈگىرىلىشىپ تولغۇشىدۇ. يۇقىرىقى ئامىللار سەۋەبىدىن ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ئايلىرىدا يۈرەكنىڭ خىزمىتى ئېغىرلىشىدۇ. 63-ھەپتىلىرىدىن كېيىن بارا-بارا تۆۋەنلەيدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى تۆت ھەپتە ئەتراپىدا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ مەزگىلدە ئوكسىگېننىڭ سەرپىيات مىقدارى ئېشىش، بەدەندىكى سۇ ۋە ناتىرىينىڭ يىغىلىشى، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى ئېشىش، بالا ھەمرىيىدە قان ئايلىنىشنىڭ شەكىللىنىشى يەنىلا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

2.تۇغۇت مەزگىلى

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلى تۇغۇتنىڭ بىرىنچى دەۋرىدە بالىياتقۇ ھەرقېتىم قىسقارغاندا ئەتراپ قان ئايلىنىشنىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە يۈرەككە قايتقان قان مىقدارى ئاشىدۇ. تۇغۇتنىڭ ئىككىنچى دەۋرىدە دىئافىراگما، قورساق مۇسكۇلى ۋە داس سۆڭەك تۈۋىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە قاتنىشىپ يۇقىرىقى ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۆپكە ئىچىدىكى قان سىقىپ چىقىرىلىپ، ئوڭ يۈرەك دالانچىسى تولۇپ جىددىيلىشىدۇ. ئىنجىقلاپ قورساق بېسىمى ئاشقاندا، ئىچكى ئەزالاردىكى قان يۈرەككە قاراپ ئاقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى تۇغۇت باسقۇچىدىكى يۈرەكنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى دەۋرىدە، تۇغۇتنىڭ ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىياتقۇ كىچىكلەپ قورساق بوشلىقىنىڭ ئىچكى بېسىمى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. قان ئىچكى ئەزالار قان تومۇرلىرى ساھەسىگە قاراپ ئاقىدۇ ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلىدىن زور مىقداردىكى قان بالىياتقۇ قان كاۋىكىدىن قان ئايلىنىشقا كىرىپ، يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى تۇيۇقسىز ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا يۈرەك زەئىپلىشىش پەيدا بولىدۇ.

3 چىللە مەزگىلى

1. تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە بولۇپمۇ 3 ~ 1 كۈن ئىچىدە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدىنىدىكى يىغىلىپ قالغان زور مىقداردىكى سۇلار تېزلىكتە قان ئايلىنىشقا كىرىپ بۆرەك ۋە تېرە ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن يۈرەكنىڭ خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. قىسقىسى، ھامىلدارلىقنىڭ 42 ~ 23-ھەپتىلىرى، تۇغۇت ۋاقتىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى دەسلەپكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يۈرەك كېسىلى بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللاردا يۈرەك زەئىپلىشىش ئوڭاي پەيدا بولىدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا داۋالاش، كۈتۈش جەريانىدا ھۇشيارلىقنى ئالاھىدە ئاشۇرۇش لازىم.

2. يۈرەك كېسىلىنىڭ ھامىلىدارلىققا بولغان تەسىرى ئەگەر يۈرەكتە زەئىپلىشىش پەيدا بولسا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن چالا تۇغۇش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقىشى، بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولماسلىق، ھەتتا ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلىكېسەللىك تارىخى-بەدەن بەلگىلىرى ۋە يۈرەك ئېلېكتىر رەسىمىدە تەكشۈرۈش، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا ۋە رېنتىگىن نۇرىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. ئاقىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار: ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى يۈرەكنىڭ ئورۇن بېسىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسى ۋە قوشۇلۇپ كەلگەن كېسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلىقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ئورۇن بېسىپ ئىشلەش ئىقتىدارى تۆت دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.

Ⅰ دەرىجە

ئادەتتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەر چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. كۈندىلىك خىزمەتلەردە بىئاراملىق ھېس قىلىنمايدۇ.

Ⅱ دەرىجە

ئادەتتىكى جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا يۈرىكى سېلىپ، دېمى سىقىلىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن يوقىلىدۇ.

Ⅲ دەرىجە

ئادەتتىكى جىسمانىي ھەرىكەتلەر كۆرىنەرلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. يەنى كۈندىلىك جىسمانىي ھەرىكەتتىمۇ ئازراق ھەرىكەتلەنسە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. يۈرەك سېلىپ، نەپەس سىقىلىدۇ، بۇ دەم ئالغاندىن كېيىنمۇ ياخشىلانمايدۇ ياكى يەڭگىل دەرىجىدە يۈرەك زەئىپلىشىش ئىپادىلىرى بولمىسىمۇ يۈرەك زەئىپلىشىش تارىخى بولىدۇ.

Ⅳ دەرىجە

 جىسمانىي ئەمگەك قىلىش قابىلىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ دەم ئالغاندىمۇ يۈرەك سېلىش، نەپەس سىقىلىش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئىپادىلىرى ئېنىق بولىدۇ.

يۈرەك خىزمىتى Ⅰ ، Ⅱ دەرىجىلىك بولغانلارنى ئادەتتە قاتتىق كۈزىتىش ئارقىلىق ھامىلدارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. Ⅲ دەرىجىلىك بولغانلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش روشەن ھالدا ئاشىدۇ. Ⅳ دەرىجىلىك بولغانلاردا پۈتۈنلەي يۈرەك زەئىپلىشىش كېتىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يەنە كەم قانلىق، يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ياكى يۈرەك قېرىنچىسى تالالىرىنىڭ تىترىشى، رېماتىزىم كېسىلى قوزغىلىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك زەئىپلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېسەلنىڭ ياش قورامى چوڭراق، كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغان، يۈرەك دائىرىسى چوڭايغان، ئىلگىرى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياكى روھىي ھالىتى جىددىي بولۇپ مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناچارئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ كەلگەن يۈرەك كېسىلىنى ئادەتتە تۇغۇت بۆلىمى بىلەن ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىش لازىم.

1.ھامىلىدار بولمىغان دەۋرى

 يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا پىلانلىق تۇغۇت تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش، ھەمدە ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، چىللە مەزگىلىنىڭ يۈرەككە بولغان تەسىرىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. يۈرەكنىڭ خىزمىتى Ⅰ ، Ⅱ دەرىجە بولغاندا، ئەگەر 2-1 پەرزەنتى بولسا ياكى ئىلگىرى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ياكى تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسىنى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش لازىم ياكى كېسەللىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلغان ئاساستا ھامىلىدار بولسا بولىدۇ. Ⅲ دەرىجە بولسا ھامىلىدارلىق دەۋرىدە ئوڭايلا يۈرەك زەئىپلىشىش پەيدا بولىدۇ. Ⅳ دەرىجىدە بولغانلار يۈرەك زەئىپلىشىش ھالىتىدە تۇرغاچقا ئۇلار ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدۇ. ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدىغانلار ھامىلىدارلىقتىن قەتئى ساقلىنىشى، يۈرەك خىزمىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇشنى ئويلىشىشى كېرەك. ئەگەر بالىلىرى بار بولسا تۇغماسلىق ئوپىراتسىيىسىنى ئىشلىتىش لازىم.

2. ھامىلىدارلىق دەۋرى

ئەگەر يۈرەك خىزمىتى Ⅰ ، Ⅱ دەرىجە بولۇپ ھەم پەرزەنتى بولمىسا، قاتتىق كۆزىتىش ئارقىسىدا ھامىلىدارلىقىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. لېكىن قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. ئالتە ئايلىقتىن ئىلگىرى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم، ئالتە ئايلىقتىن كېيىن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. يۈرەك زەئىپلىكنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، كەم قانلىق، ئاخىرقى مەزگىلدىكى ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، جىسمانىي ئەمگەڭ قىلىشتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، تۇزسىز تاماق ئىستىمال قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىيادە ئاچچىقلانماسلىق، زىيادە ھاياجانلانماسلىق، تەركىبىدە ۋىتامىن C ، ۋىتامىن B-1 كۆپ بولغان ۋە قان كۆپەيتىدىغان يىمەكلىكلەر ۋە دورىلارنى ئىستېمال قىلىش، ھەمدە ئەۋرىشىم شەربىتى، خېمىرى مەرۋايىت، ئەرقى گاۋزىبان، خېمىرى گاۋزىبان، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم قاتارلىق دورىلارنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلىش، تۇغۇت ۋاقتىدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بالنىستا يېتىپ تۇغۇتنى كۈتۈش. يۈرەك زەئىپلىكى Ⅳ ، Ⅲ دەرىجە بولغانلارنى ئۆز ۋاقتىدا بالنىسقا ئېلىپ داۋالاش، ئەگەر ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ئېيى ئىچىدە بولسا دورا بىلەن يۈرەك زەئىپلىكىنى تېزگىنلىگەندىن كېيىن، سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن بويىدىن ئاجرىتىش ئوپىراتسىيىنى ئىشلەش لازىم.

3. تۇغۇت دەۋرى

 پرىنسىپ بويىچە جىنسىي يولدىن تۇغدۇرۇش لازىم ياكى بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قورساقنى يىرىپ تۇغدۇرۇشنى ئويلىشىش لازىم. يۈرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا باشقا جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە يۈرەك كېسىلىنى كۈتۈش قائىدىلىرگە ئاساسەن كۈتكەندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. روھىي جەھەتتىكى كۈتۈش

 بىمارنىڭ روھىي ھالىتى كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ساغلام تۇتۇش، جىددىيلىكنى ۋە قورقۇشنى تۈگىتىپ، سالامەت تۇغۇش ئىرادىسىنى تىكلەش لازىم.

2. دەم ئېلىش جەھەتتە

 ياتاقنىڭ تىنىچلىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، ياخشى بولغان دەم ئېلىش مۇھىتىنى ھازىرلاش، مۇۋاپىق ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش يەنى كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 01 سائەتتىن ئاز بولماسلىقى، دائىم يېنىچە يېتىش، يۈرەك زەئىپلىشىش پەيدا بولغاندا كارۋاتتىن مۇتلەق چۈشمەسلىك، يىرىم ئولتۇرغان ھالەتتە يېتىش ياكى كارىۋاتتا يۆلىنىپ ئولتۇرۇش، كېسەلنىڭ كۆپ سۆزلىشىنى ۋە كېسەل يوقلىغۇچىلارنى مۇۋاپىق ھالدا چەكلەش لازىم.

3. يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە

 تۇزى كەم، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلاش تەسىرى بولمىغان، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، تاماقنى ئاز ۋە كۆپ قېتىم يىيىش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

4. تۇغۇتتىن ئىلگىرى تۇغۇت بەلگىلىمىلىرىگە دىققەت قىلىش

 ھەر 6 ~ 4 سائەتتە ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى بىرقېتىم تىڭشاپ تۇرۇش، تۇغۇت ۋاقتىدا بىمارنىڭ تومۇر سوقۇشى، نەپەس ھەرىكىتى ۋە قان بېسىمىنى قاتتىق كۆزىتىش ھەمدە ھەر 30 ~ 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ئۆلچەپ تۇرۇش، ئەگەر يۈرەك زەئىپلىشىش بەلگىلىرى كۆرۈلسە، دەرھال ئوكسىگىن پۇرىتىش، يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىپ، ئۆرە ئولتۇرغۇزۇش لازىم. ئوپىراتسىيە سايمانلىرىنى ۋە ئانا-بالىنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ قويۇش لازىم. ھامىلە تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، قورساققا قۇم خالتىنى قويۇش ياكى قورساقنى تېڭىۋېتىش(ئۇزۇن بولغاندا 24 سائەت) لازىم.

5.چىللە دەۋرىدىكى كۈتۈش

 تۇغۇتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلىنى كۈتۈشتىن سىرت، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىش، جىسنىي يولدىن قان كېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئەمچەكنىڭ ئىسىلىپ كېتىشىدىن ۋە زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى. بۆرەك خىزمىتى Ⅲ ، Ⅳ دەرىجىلىك بولغانلار بالا ئېمىتمەسلىكى لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1229

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1229

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#