بىنەپشە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلتنى پوشۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، سەپرا ۋە قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، سۈرۈش، ئىششق قايتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆكرەكنى سىلىقلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، فىلاۋونىلا (Fiavonoid)، ئامىنو كىسلاتاسى (Amino acid)،ئالكالوئىدلار (Alka Loid) ۋە شىلىمشىق ماددىلارنى تۇتىدۇ.
1. بىنەپشە، چىلان، گۈلقەنت، تەمىرى ھىندى، ئەينۇلا قاتارلىقلاردىن15 گرامدىن ئېلىپ دەملەپ ئىچسە ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. بىنەپشە، چىلان، سەرىپىستان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمشىباھار ئۇرۇقى قىزىل گۈل قاتارلىقلاردـىن10 گـرامدىـن ئېلـىـپ دەمـلـەپ ئىچسە ئۆپكـە ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. بىنەپشە،مامىكاپ، ئوسما يوپۇرمىقى، ئوسما يىلتىزى، ئاق لەيلى گۈلى قاتارلىقلاردىن7 گرامدىن ئېلىپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلسا ئۆتكۈر يىرىڭلىق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. بىنەپشە، ئارپا، ئەينۇلا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە دەم سىقىلىش، ئېغـىـزى قۇرۇپ كۆڭـۈل ئېلىشىـش، يۈرەك چـالاڭغۇراش قاتارلـىـقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. بىنەپشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىستېمال قىلدۇرسا بالىلاردىكى كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتما، زۇكام كۆكرەك ئاغرىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىتما، زۇكام، نەزلە، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، يۆتەل، ئۇسسۇزلۇق ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بۆرەك ئاغرىقى، گال قۇرۇش، قان قويۇلۇش، يۈرەك ئاجىزلىقى، ئۆپكە ياللۇغى، كۆز قاراـڭغـۇلـۇشۇش، ئىسسىقتىن بولـغـان بـاش ئاغرىقى، قـەۋزىيـەت قـاتـارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.