تاماق سايمانلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق سايمانلىرى دېگەندە، تاماق راسلاش سايمىنى ۋە تاماق يېيىش سايمىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل سايمانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق سايمانلىرى دېگەندە، تاماق راسلاش سايمىنى ۋە تاماق يېيىش سايمىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل سايمانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن، تونۇر، زىخ، ئوچاق، كۆسەي، لاخشىگىر، سۇپىرا، ئاشتاختا، پۇزا، نوغۇچ، تۈكچە، رېپىدە، گەزنە داس(تەڭلە) قازان، داڭقان، تاۋا، ياغلۇغا(سەي قورۇيدىغان ساپلىق) ، مانتا قازىنى، چۆمۈچ، كەپكۈر، چويلا، قوشۇق، قوشۇقلۇق، پىلتە لېگىنى، سەي كورىسى، چۆگۈن، چېلەك، كۈب، ياغ تۇڭى، تۇز قاچىسى، پىچاق، قىڭراق، كەكە، پالتا، ئەلگەك، بەل، پېچىنە-پىرەنىك قېلىپى، دوخۇپكا، پەشتاما قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تاماق سايمانلىرى ھېسابلىنىدۇ.
قوشۇق
قوشۇقئۇيغۇرلاردا قوشۇق ھەممىدىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تاماق يېيىش سايمىنى بولۇپ، ئۇ ئۈجمە ياغىچى، ئۆرۈك، چىلان ياغاچلىرىدىن ئويۇپ، نەقىش چىقىرىپ ياسىلىدۇ. يېزىلاردا چوكا ئىشلىتىش ئانچە كۆپ ئومۇملاشمىغان. بەزى كىشىلەر(كۆپرەك ياشانغان ئاياللار) چوكا بىلەن يېيىلىدىغان لەڭمەن قاتارلىق تاماقلارنى قولى بىلەن يېيىشكە ئادەتلەنگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.