لاڭرۇ يېزىسى

لاڭرۇ يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قارا قۇرۇم تېغىىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە، جەنۇبىي قىسمى ئېگىز-پەس تاغ بەلبېغى ۋە ئېگىز تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى لاڭرۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى
نوپۇسى 17960
خەنزۇچە ئاتىلىشى 朗如乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 24648 كۋادىرات كىلومېتىر
رايۇن نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رەھبەرلەر سۆھبەتتەلاڭرۇ يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قارا قۇرۇم تېغىىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە، جەنۇبىي قىسمى ئېگىز-پەس تاغ بەلبېغى ۋە ئېگىز تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. يېزا قارىمىقىدا جەمئىي 14 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 51 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلە سانى 5160، نوپۇس سانى 17960 ئادەم. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 24648 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11300 مو كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر 0.6 موغىمۇ يەتمەيدۇ. يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر كۆلىمى %95 تىن ئاشىدۇ. غەربىي ۋە جەنۇبى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن ھىندىستان نىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى كەشمىر بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربتە قاراقاش، شەرقىي جەنۇبتا قاشتېشى يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي قىسمى لايقا يېزىسى ۋە بوزاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شەرقىي تەرىپى توساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 260 كىلومېتىر كېلىدۇ.

يېزا قىياپىتىئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 6249 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 648.4 مىليۇن يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %11.58 بولغان. پۈتۈن يېزىدىكى باغۋەنچىلىك كىرىمى 2504.3 مىليۇن يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە باغۋەنچىلىك ساپ كىرىمى 1536.95 يۈەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 271.81 يۈەن ئاشقان. ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 1046.3 مىليۇن يۈەن بولغان، يېزا بويىچە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 668.35 يۈەن بولغان، ئۆتكەن يىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 47.81 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %7.78 بولغان. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21 مىڭ كۋادرات مېتىر گىلەم توقۇلۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون 250 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، پايدا 350 مىليۇن يۈەن بولغان، پۈتۈن يېزىدىكى چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 2085.2 مىليۇن يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 549.65 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %1.34 ئاشقان. 

مۇكاپاتلاش ئەھۋالى «يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپنى ئاساس قىلىش» پىكىر يولى بويىچە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، لاڭرۇ يېزىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتىنى %98.5 كە يەتكۈزگەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتى %98 كە يەتكۈزگەن؛ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.6 كە يەتكەن. يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن؛ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىملىق يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرغان، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#