چاچ كېسەللىكلىرى

چاچ كېساللىكلىرى

چاچ كېسەللىكلىرىمۇ باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشاشلا خىلتىسىز ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولسىمۇ، بىراق بۇ باسقۇچلاردىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئانچە كۆپ ئۇخشىمايدۇ . ھەم ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق بولمايدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاچ كېسەللىكلىرىمۇ باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشاشلا خىلتىسىز ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولسىمۇ، بىراق بۇ باسقۇچلاردىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئانچە كۆپ ئۇخشىمايدۇ . ھەم ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق بولمايدۇ . شۇڭا بۇ يەردە پەقەت خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكى ۋە شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرىلا سۆزلىنىدۇ .

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرى سەپرا ، قان ، بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگىرىشىدىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بۇ خىل مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردە خىلىتتا غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش بولغاچقا ، قان خىلىتىدىن باشقا خىلىتلارغا ئالدى بىلەن مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىلىدۇ . قان خىلىتىغا قارىتا قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ . مۇنزىچ ، مۇسھىل ياكى تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ،قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

 1) غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى (1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي سەپ خىلىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار بېرىلىپ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .

(2) قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ، چاچ ئۆستۈرگۈچى دورىلار ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئىچىدىن ئىتتىرفىل سەغىر، ئىتتىرىفىل كەبىر، مەجۇنى شۇنىز قاتارلىقلار بىرىلىدۇ . سىرتىدىن سىيادان مېيى ، ئامىلە ، تۇخۇم قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .

 (3) يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتكۈچى ، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، بېلىق گۆشى ، شوۋىگۈرۈچ ، ئارپا ئېشى ، كەرەپشە، يۇمغاقسۇت ، بېھى ، قارىئۆرۈك، چىلان قاتارلىقلار.

(4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش روھىي داۋلاش، ئۇخلىتىپ داۋلاش ، ياغلاپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

(5) پەرھىز ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، قۇرۇق ئسىسىق تەبىئەتلىك يەككە مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن - قارىمۇچ ، پىلپىل ، زىرا ۋەندى … مۇرەككەپ دورىلاردىن - جاۋارىش جالنوس ، مەجۇنى بالادۇر، ھەببى ئازاراقى …يېمەل- ئىچمەكلەردىن ئات گۆشى ، تۆگە گۆشى ، سامسا ، تۇخۇم پوشكىلى ، سامساق ، پىياز، لازا ، ياڭاق ، خورما قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلاش ، ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ .

 2) غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

 (1) تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان تەڭشىگۈچى دورىلار تەركىبىگە چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ، چاچ ئۆستۈرگۈچى دورىلار قوشۇپ بەدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ . مەسىلەن، كىبرىت مۇنساپپا ، ئامىلە، قارا ھېلىلە قاتارلىق .

 (2) قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش . خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ، چاچ ئۆستۇ رگۈچى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن،ئىچىدىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن - ئامىلە نۇشدارى ، ئىتتىرىىفىل، سەغىر، ئىتتىرىفىل كەشىنىز قاتارلىقلارم سىرتىدىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن – قاپاق يېغى، گۈل يېغى قاتارلىقلار (3) يېمەك - ئىچمىكى ھارارەت پەسەيتكۈچى ، ئاسان سىڭىدىغان قۇرۇق. سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، بېلىق گۆشى ، كۆك ماش ئېشى ، ئارپا ئېشى ، يۇمغاقسۈت ، كەرەپشە ، موگۇ ، ئاپېلسىن ، ئالقات قاتارلىقلار.

 (4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش روھىي داۋالاش ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

 (5) پەرھىز ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن- بالادۇر، زەنجىۋىل ، جۇۋىنە ، مۇرەككەپ دورىلاردىن - مەجۇنى بالادۇر، ھەببى پەرفىيۇن قاتارلىقلار

3) غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

(1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار بېرىلىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلارنى تەركىبىگە چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ، چاچ ئۆستۈرگۈچى دورىلار قوشۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، قىچا، ئاقىرقەرھا، سىيادەن قاتارلىقلار. بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، قىچا ، ئاقىرقەرھا ، سىيادان قاتارلىقلار.

(2) قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ، چاچ ئۆستۈرگۈچى ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن، ئىچىدىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار – سىيادان يېغى، تۇخۇم يېغى قاتارلىقلار.

(3) يېمەك - ئىچمىكى ھاارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن، ئوغلاق گۆشى ، كەپتەر گۆشى ، شورپا ، گۆشلۈك پولۇ، سامساق ، سەۋزە ، پىدىگەن ، بادام، ياڭاق مېغىزى ، خورما قاتارلىقلار.

 (4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش ، روھىي داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

(5) پەرھىز ھارارەت پەسەيتكۈچى ، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، يەككە دورىلاردىن - لىمون ، قارىئۆرۈك، مامكاپ . مۇرەككەپ دورىلاردىن – لىمون شەربىتى ، قۇرسى كافۇر، ئەرقى نېلۇپەر. يېمەك - ئىچمەكلەردىن - بېلىق گۆشى ، كالا گۆشى ، لەڭپۇڭ ، قېتىق ، شويلا، تۇرۇپ، ياڭيۇ ، ئۆرۈك ، تاۋۇز، ئەينۇلا قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆل - يېغىنلىق سوغۇق مۇھىتتا ئىشلەش ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىش ، سوغۇق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلاش ، كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ .

 4) غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

 (1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار، تەركىبىگە چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ، چاچ ئۆستۈرگۈچى دورىلار قوشۇپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ . مەسىلەن ، سىيادان ، ئامىلە ، ئوسما قاتارلىقلار.

(2) قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار بېرىلىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ، چاچ ئۆستۈرگۈچى ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ . مەسىلەن ، ئىچىدىن ئىشلىتىلىدىغان دورلاردىن ھالۋائى بەيزى ، داۋائى تەرەنجىبىن سىرتىدىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن شاپتۇل يېغى ، زەيتۇن يېغى ، خوراز يېغى . . .قاتارلىقلار.

 (3) يېمەك - ئىچمىكى ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى ، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئوغلاق گۆشى ، كەپتەر گۆشى ، شورپا ، پەرمۇدە ، سەۋزە ، چامغۇر، بېدە، بادام مېغىزى ، ئەنجۈر قاتارلىقلار.

 (4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

(5) پەرھىز ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدىغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . مەسىلەن يەككە دورىلاردىن– بالادۇر، ۋاڭ ئۇرۇقى، مۇرەككەپ دورىلاردىن – قۇرسى كافۇر،ھەببى پەرقىيۇن قاتارلىقلار. يېمەك - ئىچمەكلەردىن - كالا گۆشى ، بېلىق گۆشى ، كوچا ئېشى ، ئارپا ئېشى، ياڭيۇ ، جاڭدۇ ، موگۇ ، ئەينۇلا ، ئاپېلسىن ، چىلان قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە سوغۇق مۇھىتتا ئىشلەش ، سوغۇق سۇ ئىچىش ، ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بەرمەىىىلىك، كۆپ خىيال قىلىش ، غەم - ئەندىشە ، روھىي ئازاب چېكىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ .

 2. شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈسۇللىرى بۇ خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، كېسەللىكنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلاشقان باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچتا كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق ئاشكارىلىنىدىغان بولغاچقا ، داۋالاشنى چىڭ تۇتۇش زۆرۈر. بۇ خىل شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە :

1) مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىش بۇنىڭدا ، كېسەللىك قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا سۆزلەنگەن ، شۇ خىل خىلىتقا خاس بولغان مۇنزىچ ، مۇسھىل دورىلار بېرىلىپ ، بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .

 2) ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بېرىش بۇنىڭدا مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، كېسەللىكنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .

 ① مەسىلەن ، غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغان چاچ چۇشۈپ كېتىش ئەھۋالى بولغان بولسا ، چاچ چۈشۈپ كەتكەن ئورۇنغا ياۋا پىياز سۈيى سۈركىلىدۇ ، قىچا ، ئاقىرقەرھا ، پەرپىيۇن ۋە كالا ئۆتى سۈركىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا گۈل يېغى ، شاھى بەللۇت، ئاق موم، گۈل سەۋسەن يوپۇرمىقىنىڭ سۇلىرىنى تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ سىرتتىن سۈركىلىدۇ .

 ② سەپرا خىلىتىدىن بولغان چاچ چۈشۈپ كېتىش بولسا ، سىرتىدىن گۈل يېغى بىلەن سىركە ، ئاق لەيلىگۈلى ، ھەببۇلئاس سۈيى ، بۇغداي كېپىكى شىرىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈركىلىدۇ .

 ③ غەيرى تەبئىي قان خىلىتىدىن بولغان چاچ چۇشۈپ كېتىش بولسا ، بادام يېغى، بىنەپشە يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ . ياۋا پىياز سۈيى ، خوراز يېغى ، ئېيىق يېغى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ سۈركىلىدۇ. ئۇنىڭدش باشقا يەنە پەرپىيۇن ، قومۇش يىلتىزى ، مىھرىگىياھ گۈلى ، تۇرۇپ سۈيى قاتارلىقلار كونا زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ چاچقا سۈركىلىدۇ .

 ④ غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان چاچ چۈشۈشكىمۇ يۇقىرىقى قان خىلىتىدىكى چاچ چۈشۈشكە بېرىلگەن دورىلار ئىشلىتىلسە بولىدۇ . ئەگەر چاچ سۇنۇپ چۈشۈش ئەھۋالى بولسا ، ئاچچىق بادام يېغى ياكى ئامىلە يېغى سۈركىلىدۇ . ئەگەر چاچ يېرىلىپ كېتىش ئەھۋالى بولسا ، بادام يېغى ، بىنەپشە يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ.

 3) يېمەك - ئىچمىكى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ خىلىت ئېتىبارى بويىچە مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەك– ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ خىلتىلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك چاچ كېسەللىكلىرىدە سۆزلەنگە يېمەك - ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، ئوغلاق گۆشى، كېيىك گۆشى ، شورپا ، ئارپا ئېشى ، ھۆل زەنجىۋىل ، شوۋىگۈرۈچ ، كۈدە ، پىياز، ياڭاق، ئامۇت ، بادام مېغىزى ، شاپتۇل قاتارلىقلار.

 4) باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش روھىي داۋالاش ، ياغلاپ داۋالاش، لوڭقا قويۇپ ياكى قان ئېلىپ داۋالاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغالانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ .

 5) پەرھىز زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، مايلىق يېمەك - ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ ( دورا ھەم يېمەك - ئىچمەك پەرھىزى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك. چاچ كېسەللىكلىرىدە سۆزلەنگەن پەرھىز قائىدىسى بويىچە بولىدۇ ) . مەسىلەن ، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە دورىلار - لىمون ، كافۇر، ۋاڭ ئۇرۇقى. مۇرەككەپ دورىلار - لىمون شەربىتى ، قۇرسى كافۇر، ھەببى شىپا . زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يەككە دورىلار – قارىمۇچ، پىلپىل... مۇرەككەپ دورىلاردىن مەجۈنى بالادۇر، ھەببى ئازاراقى . . . قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ خىيال قىلىش ، دەرد - ئەلەم ، روھىي ئازاب چېكىش، زىيادە ئاچچىقلىنىش ، ھاراق ئىچىش ، تاماكا چېكىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ . 6) ئاخىرىدا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى ، چاچقا ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ . مەسىلەن ، لوبوبى كەبىر، مەجۈنى سۆئلەپ ، ماددەتۇلھايات ، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش زەرئۇنى قاتارلىقلار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1144

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#