wwe

دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى (World Wrestling Entertainment) پېيى بازارغا سېلىنغان  ئامېرىكىدىكى داڭلىق كەسپىي چېلىشىش شىركىتىدۇر. دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى كەسپىي چېلىشىشنى ئاساس قىلىپ، دراماتىك يوسۇندا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدىغان، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي چېلىشىش كارخانىسىدۇر. نۆۋەتتە دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى بايرىقى ئاستىدا نۇرغۇن پروگراممىلار بولۇپ، RAW ،SmackDown قاتارلىق پروگراممىلىرى ئەڭ داڭلىقتۇر. WWE بىر چېلىشىش بىرلەشمىسى

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى
شىركەت تىپى كۆڭۈل ئېچىش
باش شىتابى ئامېرىكا
قۇرۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى
خىزمەتچى سانى 58885(2011-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى WWE世界摔角娱乐
كەسپ تەۋەلىكى چېلىشىش/ كىنو/ مۇزىكا
قۇرغۇچىسى Vince McMahon
يىللىق ئوبوروتى 5.43 يۈز مىليون (2009-يىلى)
توربېكىتى www.wwe.com

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

WWE

دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى (World Wrestling Entertainment) پېيى بازارغا سېلىنغان  ئامېرىكىدىكى داڭلىق كەسپىي چېلىشىش شىركىتىدۇر، كىرىمى كەسپىي چېلىشى مۇسابىقىلىرىدىن باشقا، كىنو-فىلىم، مۇزىكا، نەشىر ھوقۇقى ۋە سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق تۈرلەردىن كېلىدۇ. دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى كەسپىي چېلىشىشنى ئاساس قىلىپ، دراماتىك يوسۇندا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدىغان، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي چېلىشىش كارخانىسىدۇر. نۆۋەتتە دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى بايرىقى ئاستىدا نۇرغۇن پروگراممىلار بولۇپ، RAW ،SmackDown قاتارلىق پروگراممىلىرى ئەڭ داڭلىقتۇر. WWE بىر چېلىشىش بىرلەشمىسى بولۇپ، WWE دېگەنلىك چېلىشىش دېگەنلىك ئەمەس (NBA ۋە ۋاسكىتبول دېگەندەك ئۇقۇمغا ئوخشاش).

WWE نىڭ ئەسلى ئىسمى (World Wrestling Federation «دۇنيا چېلىشىش جەمئىيىتى») WWF بولۇپ، ئامېرىكىلىق كەسپىي تەنھەركەتچىVince McMahon ، -1982يىلى ئاتىسى بىر قوللۇق قۇرغان (World Wide Wrestling Federation «يەرشارى چېلىشىش جەمئىيىتى») WWWF نى سېتىۋېلىپ WWF گە ئۆزگەرتكەن. 1999-يىلى يەنە بىر (WWF «دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار جەمئىيىتى») WWF دەپ قىسقارتىلما نام بىلەن بولغان پاتېنت دەۋا دېلوسىدا مەغلۇب بولۇپ، 20 نەچچە يىل ئىشلەتكەن ئىسىمنى  (World Wrestling Entertainment «دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى») WWE غا ئۆزگەرتكەن. 2002-يىلى 2 چوڭ چېلىشىش گورۇھى (Wrestling World Champion «دۇنيا چىمپيون چېلىشىشى») WCW بىلەن (Extreme Champion Wrestling «دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپيون چېلىشىشى») ECW نى سېتىۋېلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى غايەت زور WWE غا ئايلانغان.

WWE نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى پروگراممىلار











Raw

Raw نىڭ پۈتۈن نامى WWE Monday Night Raw بولۇپ، ئامېرىكا دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى شىركىتىنىڭ داڭلىق ۋە مۇھىم پروگراممىسىدۇر، بۇ پروگرامما 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 135 دۆلەتتە قويۇلىدۇ. ئامېرىكا ۋاقتى ھەر دۈشەنبە كەچ، بۇ يەر ۋاقتى ھەر سەيشەنبە ئەتتىگەن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. Raw دېگەن ئىسىم WAR نى تەتۈر ئۆرۈپ قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرگەندە RAW IS WAR (ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشتۇر) بولىدۇ. كېيىن بىر قىسىم سىياسى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، RAW IS WAR دېگەن نام RAW غا ئۆزگەرتىلگەن.




SmackDown

WWE SmackDown ئەسلىدە يەنە بىر كەسپىي چېلىشىش شىركىتى بولغان دۇنيا چىمپىيون چېلىشىشى (World Champion Wrestling) نىڭ پروگراممىسى ئېدى. 1994-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى قويۇلغان، دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى شىركىتىنىڭ باشقا پروگراممىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ ئەسلىدە بىۋاستە تارقىتىلىدىغان پروگرامما بولماستىن، بەلكى سىنغا ئېلىپ تارقىتىلىدىغان پروگرامما ئىدى بىراق 2016-يىلى 7- ئايدىن باشلاپ بىۋاستە تارقىتىلىشقا باشلىغان . ئامېرىكا ۋاقتى ھەر سەيشەنبە كەچ، بۇ يەر ۋاقتى ھەر چارشەنبە سەھەردە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

NXT

NXT ئەڭ دەسلەپتە WWE نىڭ «بىرلەشمە ئۈچۈن يېڭى خادىملارنى تەربىيلەش» نى باش تېما قىلىپ، ھەرخىل كومىدىيەلىك ئېلمېنتلار قوشۇلغان كەسپىي چېلىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئادەتتە دىيىلىدىغان كەسپىي چېلىشىشنى ئاساس قىلغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئېدى. NXT 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى syfy تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۇنجى قويۇلغان، 5 پەسىللىك مۇسابىقىغىچە، بۇ پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن WWE بۇ پروگراممىنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى قاتارىدىن قالدۇرۇپ، ئورگان تور بېكىتىدە قويۇلىدىغان ھەمدە ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلىدىغان پروگرامماغا ئۆزگەرتكەن. 2012-يىلى 8-ئايدا WWE تەرەققىيات بىرلەشمىسى FCW نى تاقاپ، NXT بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن NXT رەسمىي ھالدا ھالدا WWE نىڭ تەرەققىيات بىرلەشمىسى بولۇپ قورۇلغان. قۇرغۇچىسى WWE ماھىرى چۈپۈلئەيىچ يەنى HHH. ئامېرىكا ۋاقتى ھەر چارشەنبە، بۇ يەر ۋاقتى ھەر پەيشەنبە تارقىتىلىدۇ.

SLAM

SLAM نىڭ پۈتۈن نامى WWE Saturday Morning SLAM بولۇپ، ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە ھەر شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە قويۇلىدىغان بالىلار پروگراممىسىدۇر، پروگراممىدىكى چېلىشىش ماھارەتلىرىدە كومىدىيەلىك خارەكتېرى بولۇپ، قەبىھ ھەرىكەتلەر يوق.

Main Event

WWE ئىشلىگەن، 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلىشقا باشلىغان چېلىشىش پروگراممىسىدۇر. ئامېرىكا ۋاقتى ھەر پەيشەنبە، بۇ يەر ۋاقتى ھەر جۈمە قويۇلىدۇ.








2009-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى WGN ۋە WWE ھەمكارلىشىپ كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. WWE Superstars يېڭى بولغان پىروگرامما. باشتا بۇ پىروگراممىنى ھەر پەيشەنبە كۈنى قويماقچى بولغان.بۇ ۋاقىت Spike TV نىڭ TNA Impact دىن بىر سائەت بۇرۇن ئىدى.ھەر شەنبە قايتىلىماقچى بولغان. كېيىن ئامېرىكا ۋاقتى ھەر جۈمە، بۇ يەر ۋاقتى ھەر شەنبە قويۇلغان. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى Superstars پىروگراممىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سانى قويۇلغان، ھەمدە Superstars پىروگراممىسىنى قويۇشتىن توختاتقان. جەمئىي 398 سان قويۇلغان.


چېلىشىش تەنتەربىيە ماھارەت مۇسابىقىسىمۇ؟

80-يىللاردىن ئىلگىرى چېلىشىش، بوكسىيورلۇققا ئوخشاش بىر خىل تەنھەركەت تۈرى ئېدى، ئەمما ئەزەلدىن ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ باقمىغان، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. 1982-يىلدىن كېيىن بۇ تۈرلۈك تەنھەركەتنىڭ خارەكتېرى كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرىدىكى مۇسابىقىگە ئايلانغان، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا WWE بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىدۇر، WWE مۇ شەخىسكە تەۋە بولغان شىركەت، تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

WWE دا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدەك سىنارىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، WWE دىكى ھەربىر چولپاننىڭ بېكىتىلگەن رولى بار، ئەمما بۇ روللار مۇقىم ئەمەس، بەزىدە قەھرىمان ئوبرازلار سەلبىي ئوبرازلارغا ئايلىنىدۇ، سەلبىي ئوبرازلارمۇ قەھرىمان ئوبرازلارغا ئايلىنىدۇ.

PAY-PER-VIEW

WWE ھەر ئايدا ئالاھىدە مۇسابىقە (PPV (PAY-PER-VIEW نى ئۆتكۈزىدۇ، PAY-PER-VIEW بولسا تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى ھەر قېتىم PPV پروگراممىلىرىنى قويغاندا ئۇنىڭ قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ. مەسىلەن، تېلېۋىزىيە ئىستانىسى PPV نىڭ بىر يىللىق تارقىتىپ قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋالسا، ھەر بىر پروگراممىنى ئايرىم-ئايرىم سېتىۋالىدۇ، ھەرقايسى PPV پروگراممىلىرىنىڭ باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ، PPV دىكى ئەڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن WrestleMania نىڭ قويۇش ھوقۇقى ئاجايىپ قىممەت.

WWE نىڭ نۇرغۇن ماھىرلىرى بار، ئەمما ئاز بىر قىسىملىرىلا دائىم مۇسابىقىلەرگە چىقالايدۇ، بۇ ئاساسلىقى ماھىرنىڭ ئەمىلىي كۈچى، ئاۋاتلىقى ھەمدە WWE نىڭ سىنارىيە ئورۇنلاشتۇرىشىغا باغلىق.

PPV

2013-يىل( ئىسىملار مۇقىم ئەمەس، ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ)

1-ئاي Royal Rumble خان جەمەتى جېڭى

2-ئاي Elimination Chamber تۆمۈر قەپەس شاللىنىش مۇسابىقىسى

4-ئاي WrestleMania ئەسەبىي چېلىشىش

5-ئاي Extreme Rules ئەشەددىي قائىدە

6-ئاي Payback قانغا قان، جانغا جان

7-ئاي Money in the Bank چاماداندىكى پۇل

8-ئاي SummerSlam يازدىكى جەڭ

9-ئاي Night Of Champions چىمپيونلۇق كېچىسى

10-ئاينىڭ بېشى Battleground جەڭ مەيدانى

10-ئاينىڭ ئاخىرى Hell in a Cell كىچىك دوزاخ

11-ئاي Survivor Series يەڭگەن بەگ بولۇر

12-ئاي Tables, Ladders & Chairs (TLC) چەكلىمىسىز جەڭ

ئاساسى قائىدىلىرى

ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنىڭ ئايرىلىشى

قارشى تەرەپنىڭ ئىككى يەلكىسىدىن چېلىشىش سەھنىسىدە 3 سېكونت بېسىپ تۇرۇش (ئالاھىدە مۇسابىقىلەردە غەلبە قىلغانغا ھېساب ئەمەس)

قارشى تەرەپ مۇسابىقىدە ئەل بولۇش (قارشى تەرەپنى باش ئەگدۈرگەندە يەرنى ئۇرۇپ رەھىم قىلىشنى ئۆتۈنسە)

قارشى تەرەپنى ئۇرۇپ مۇسابىقىلىشالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسا (قارشى تەرەپنى ئۇرۇپ يىقىتقاندىن كېيىن، رېپىر ماھىرنىڭ قولىنى كۆتۈرىدۇ، 3 قېتىم ئەركىن چۈشسە شاللىنىدۇ)

قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتسە، رېپىر 5 سېكونت  ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئەگەر قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت يەنە توختىمىسا، رېپىر مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. (بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسىمىغا ھۇجۇم قىلسا بىۋاستە شاللىنىدۇ)

قارشى تەرەپنى چېلىشىش سەھنىسىدىن ئۇرۇپ چۈشۈرۋەتسە ياكى چېلىشىش سەھنىسىدىن ئايرىلغاندا، رېپىر 10 سېكونت قايتىپ كېلىش ۋاقتى بېرىدۇ، بۇ ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدە، رېپىر مۇسابىقىنى توختاتسا بولىدۇ. (يەرگە يىقىتىپ 10 سېكونتىن ئاشسىمۇ ھېساپ)

مۇسابىقە قوڭغىرىقى چېلىنىغانغاندىن كېيىن مۇسابىقە باشلانمىسا، رېپىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى مۇسابىقىنى بىكار قىلىدۇ.

 رېپىرنىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق قىلىنغاندا، رېپىر ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرش بېرىدۇ ياكى مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.

تاق كىشىلىك مۇسابىقىلەردە باشقا ماھىرلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىنسا، رېپىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.

مۇسابىقىدە قورال ئىشلەتسە رېپىر مۇسابىقىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرىدۇ. (چەكلىمىسىز مۇسابىقىلەردە ئۇنداق ئەمەس)

5 سېكونتلۇق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئاگاھلاندۇرۇشى

پۇتى ۋە تىزى بىلەن قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

قۇلىقىنى، چېچىنى ۋە يۈزىنى مۇجىۋالغاندا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

بارماقنى كۆزىگە سانچىغاندا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

چېلىشىش سەھنىڭ تۈۋرىكىگە چىقىپ قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

مۇشتۇمى ياكى پۇتى بىلەن قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

قارشى تەرەپ ماھىرنى چىشلىسە رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

گېلىغا ھۇجۇم قىلسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

چېلىشىش سەھنىسى ئارغامچىسىنى تۇتۇۋالغاندا ھەرقانداق ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

رېپىر 5 سېكونت ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت توختىمىسا، رېپىر مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرسا بولىدۇ.

10 سېكونت چېلىشىش سەھنىسىدىن ئايرىلسا ئۇتتۇرغانغا ھېساب.

قورال ئىشلەتسە ياكى باشقا ماھىرلار مۇسابىقىگە ئارىلاشسا رېپىر ئۇتتۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ماھىر، يەڭگىل ھالدا مۇسابىقىگە ئارىلاشسا، رېپىر مەيداندىن ئايرىلىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ.

قارشى تەرەپنىڭ ئىككى يەلكىسى ھەرقانداق شەكىلدە چېلىشىش سەھنىسىگە بېسىلغاندا رېپىر ساناشقا باشلايدۇ.

بېسىلغان ۋاقىتتا، ھەر قانداق بىر ماھىرنىڭ بەدىنى چېلىشىش مەيدانى ئارغامچىسىغا تېگىشسە، ساناش توختايدۇ.

قەستەن كۆزگە سانچىپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن رېپىر بايقاپ قالسا ھەمدە بۇ خىل ھەرىكەتنى قايتا قىلسا ئۇتتۇرىدۇ.

قورال ئىشلەتكەن ياكى مۇسابىقىگە ئارىلاشقان ماھىرلار ئۇتتۇرغان تەرەپ بولىدۇ، ئەمما چىمپىيونلۇق بەلبېغى قورال ئىشلەتكەن ياكى مۇسابىقىگە ئارىلاشقان ماھىردا بولسا، چىمپىيونلۇق بەلبىغى قارشى تەرەپكە ئۆتمەيدۇ، چىمپىيونلۇق بەلبېغى مۇسابىقىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۇتتۇرغاندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ، شۇڭىلاشقا نۇرغۇن سەلبىي ئوبرازدىكى ماھىرلار ياكى چىمپىيونلۇق بەلبېغى بار ماھىرلار قەستەن كېلىپ مۇسابىقىگە ئارىلىشىدۇ.

باشقا ئۇچۇرلار

ماھىرلار شۇنچە تاياق يېسىمۇ نېمىشقا ئۆلۈپ قالمايدۇ؟

مەلۇم بىر ماھىرلارنىڭ دائىم قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز، ھەتتا بەزى ماھىرلار ئۇرۇلۇپ ئاغىز بۇرنىدىن قان كېتىدۇ، ئەمما ئۆلۈپ قالمايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تەربىيلەشتىن ئۆتكەن بولۇپ، زەربىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، قارشى تەرەپنى ئۇرغاندىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرمايدۇ، چېلىشىش سەھىنىسىمۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ماھىرلار سەھنىگە قاتتىق يىقىلسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر WWE نى پۈتۈنلەي ساختا دەپ قارايدۇ، گەرچە ماھىرلارنىڭ ماھارەت ئورۇنلاش سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بەزى بىر قىسىملىرى راس، چېلىشىش سەھنىسى ئالاھىدە ياسالغان بولسىمۇ، ماھىرلارنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە يۈز كىلوغا يېتىدۇ، ئېغىرلىقىنىڭ زەربە كۈچىنى كونترول قىلىش تەس، ھەمدە سەكرەپ ئۇرغاندىكى ھۇجۇم كۈچىنىمۇ كونترول قىلىش تەس،ھېچ بولمىغاندا ماھىرنىڭ تىزى بىلەن بىلىكى ئاۋال يەرگە چۈشتى دېگەندىمۇ، ماھىرنىڭ پۇت قولى چوقۇم ئاغرىيدۇ.

WWE مەستانىلىرىدا بولۇشقا تىگىشلىك پوزىتسىيە

WWE نىڭ تولۇق نامى World Wrestling Entertainment، يەنى دۇنيا چېلىشىش تاماشاسى بولۇپ، تاماشا دىگەن ئىسىمدىنلا مەنىسىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ، يەنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىدىغان پروگرامما، شۇڭىلاشقا ھەر بىر ماھىر بىر ئاكتىيوردۇر، ئاتالمىش دۇنيا چىمپيونىمۇ پەقەتلا بىر نام خالاس، دۇنيا چېلىشىش تەشكىلاتىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشمىگەن.

ھەر ھەپتىلىك پروگراممىلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى (ئامېرىكا ۋاقتى)

WWE Monday Night Raw ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. (نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ)

WWE NXT ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. (توردا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ)

WWE Friday Night SmackDown ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتە قويۇلىدۇ (نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ)

داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ...

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (17 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    94.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    5.9%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#