گو مورو

گومورو

1919-يىلى كۈزدە ياپونىيە نىڭ قىيا-قولتۇقلار بىلەن تولغان دېڭىز بويىدا ياش، قامەتلىك بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بىپايان دېڭىزنىڭ غەرب تەرىپىگە ئۇزاقتىن ئۇزاق كۆز تىكىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قەلبى دولقۇنلاپ، يۈرىكىنىڭ قېتىدىن قايناپ چىققان شېئىر مىسىرالىرىنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇيتتى. بۇ ئوقۇغۇچى كېيىنلىكتە ئاتاقلىق شائىر، ئالىم، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان گومورو .

ئۇيغۇرچە ئىسمى گو مورو
باشقا نامى 郭开贞
تۇغۇلغان ۋاقتى 1892-يىلى
كەسپى ئەدىب، تارىخ ئالىمى، شائىر، ئالىم، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى
خەنزۇچە ئىسمى 郭沫若
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1978-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گومورو1919-يىلى كۈزدە ياپونىيە نىڭ قىيا-قولتۇقلار بىلەن تولغان دېڭىز بويىدا ياش، قامەتلىك بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بىپايان دېڭىزنىڭ غەرب تەرىپىگە ئۇزاقتىن ئۇزاق كۆز تىكىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قەلبى دولقۇنلاپ، يۈرىكىنىڭ قېتىدىن قايناپ چىققان شېئىر مىسىرالىرىنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇيتتى. بۇ ئوقۇغۇچى كېيىنلىكتە ئاتاقلىق شائىر، ئالىم، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان گو مورو (1892-1978-يىللار) ئىدى.

شۇ يىلى دۆلەت ئىچىدە «4-ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى قانات يايغانىدى. ئىدىيىنى ئازاد قىلىش چۇقانى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دولقۇنى تىنچ ئوكياننىڭ دولقۇنلىرىدەك جۇڭگودىن ياپونىيىگە يېتىپ كەلدى، گو مورو نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ گويا بېيجىڭنىڭ كوچىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىشچىلارنىڭ قوللىرىغا كىچىك بايراقچىلارنى ئېلىپ، مەشئەللەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نامايىش قىلىپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئېقىپ كېتىۋاتقىنىنى، نۇتۇق سۆزلەۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدى، شۇئان كۆكسىدە بىر پارچە ئوت يالقۇنلاپ، خۇددى يەر قېتىدىكى ماگمىدەك قايناپ كەتتى.

 ئاخرى ئۇ ۋولقاننىڭ ئېغىزىنى تاپتى، گو مورو ئۇزاقتىن بۇيان قەلبىدە يىغىلىپ تۇرغان ئوتلۇق ھېسسىياتىنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، بىرمۇنچە جۇشقۇن شېئىرلارنى يازدى، «يەر شارى نىڭ بىر چېتىدە تۇرۇپ چۇقان سالىمەن، خەيرلىك سەھەر، سۇمۇرغلار پاراغىتى، ئەرش ئىتى، كۆڭۈل چىرىغى، مەشتىكى كۆمۈر» قاتارلىق شېئىرلىرى «ئىلاھىيە» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلار توپلىمىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن تولغان، ئۇ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا بىر دەۋر شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنى ياراتتى. 

«ئىلاھىيە» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن گو مورو يەنە يۈ دافۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە داڭلىق يېڭى ئەدەبىيات تەشكىلاتى «ئىجادىيەت جەمئىيىتى» نى ئۇيۇشتۇردى، رومانتىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە ئىجاد قىلدى.

گومورو 1927-يىلى گو مورو قەلەمنى تاشلاپ ئەسكەر بولدى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ۋە نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشتى. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ياپونىيە گە چىقىپ 10 يىل تۇردى. ياپونىيىدىكى 10 يىل ئىچىدە ئۇ ئاساسلىق جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىنى ۋە قەدىمىي يېزىقىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى، نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەر يازدى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، گو مورو دەرھال ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، «چۈي يۈەن» قاتارلىق تارىخىي درامىلارنى يېزىپ، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان تەسلىمچىلەرنى غەزەپ بىلەن سۆكتى، خەلقنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى. 

گو مورو جۇڭگو يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ لۇشۈندىن كېيىن چىققان بىر پارلاق بايرىقى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىق ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#