يانار تاغ

يانار تاغ

يانار تاغ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان يەر شەكلى فورماتسىيەسىدىن شەكىللەنگەن. يەر پوستى ئاستىدا 100 ~ 150 كىلومېتىرغىچە «سۇيۇقلۇق رايونى» بۇلۇپ، مۇشۇ رايون ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم شارائىتىدىكى گاز پارلىنىش تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يانار تاغ بىر خىل ماگمىدىن ئىبارەت.ئۇ يەر پوستىنىڭ ئاجىز بۆلىكىدىن يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقماستىن، بەلكى يانار تاغنى شەكىللەندۈرىدۇ. يانار تاغ «ھەرىكەتتىكى يانار تاغ»، «ئۆلۈك يانار تاغ» ۋە «ئۇيقۇدىكى يانار تاغ» قاتارلىقلارغا بۈلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يانار تاغ
چەتئەلچە نامى Volcano
خەنزۇچە نامى 火山
باشقا نامى ۋولقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يانار تاغ يانار تاغ يەر شارىدىكى ئەڭ زور پارتلاش خاراكتېرلىك كۈچ، يانار تاغ پارتلىغان چاغدا ئېتىلىپ چىققىدىغان كۆپ خىل ماددىلار بۇلۇپ، بۇنىڭ زىيىنى بار، يانار تاغ پارتىلغاندا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، ئېرىگەن ماگما ئېقىمى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يانار تاغنىڭ شەكىللىنىشى بولسا بىر قاتار فىزىكىلىق-خىمىيىلىك جەريان. ئاساسلىقى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان زور مىقداردىكى رادىيو ئاكتىپلىق ماددىنىڭ تەبىئىي شارائىتتا يىمىرىلىش، زور مىقداردا ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش سەۋەبىدىن، بۇ ئىسسىقلىق يەر يۈزىگە تارقىلىشقا ئامالسىز، بۇنداق ئەھۋالدا تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ، ھەتتا ئۇ تاغ جىنسلىرى ئېرىپ، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. بۇ ماگما يەر پوستىدىن يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ  يانار تاغنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ماگما مەنبەسى

ماگما ئىپتىدائىي ماگما ۋە قايتا ھاسىل قىلغىلى بۇلدىغان ماگما دەپ ئايرىلىدۇ. 

ئىپتىدائىي ماگما يەر يادروسى قاتلىمىدىكى ئېرىگەن ماددىلاردىن شەكىللەنگەن. يەر يادروسى بولسا ئېرىتىلگەن ماددىلار ۋە باشقا بىر قىسىم ماددىلارنىڭ غايەت زور قېلىنلىقتىكى ئېرىش قەۋىتى. بۇ ماددىلارنىڭ تەركىبى تەكشى ئەمەس. ئەسلىدىكى ماگما قاتقاندىن كېيىن يەر شارىنىڭ سىرتقى قېپى ھاسىل بولىدۇ. ھەر خىل بۆسمە جىنسلار مەۋجۇت. مەسىلەن : ئۇلترا ئاساسلىق جىنس، ئاساسلىق جىنس، نېيترال جىنس، كىسلاتالىق جىنس ۋە ئىشقارلىق جىنس قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك يانار تاغدىن چىقدىغان ھەر خىل ماگمىلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قايتا ھاسىل قىلىشقا بۇلدىغان ماگما، پەقەت مەنبە چوڭقۇرلۇقى، ئۆتۈشمە يول، ماددىي تەركىبى ۋە ئايرىلىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. 

ماگما سىلجىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 

1. ماگمىلار يەر شارىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە يۆتكىلىپ يەر پوستى ئىچىدە شەكىللەنگەن بۆسمە جىنس ياكى يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ شەكىللەنگەن يانار تاغ. يەر شارىنىڭ سۇيۇق ھالەتتىكى قەۋىتى ۋە سىرتقى توپ ئىچىدىكى شارسىمان سالمىقى چوڭ، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ۋاقتىدا، باشتىن-ئاخىر ئېغىش يۆلىنىشى تارتىشىش كۈچىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بويچە بۇلىدۇ، سۇيۇق ھالەتتىكى قەۋىتى ئىچىدىن سىرتىغا سىقىپ چىقىرىش بېسىمى، ماگما ۋە باشقا گاز ئىمكانىيىتىگە ئىگە سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلار يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىرتقا قاراپ سىلجىيدۇ ياكى يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىدۇ. 

2. ماگمىدا كرىستاللىنىش ياكى باشقا فىزىكىلىق-خىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، بىر قىسىم سۇ ۋە گازدىن باشقا ماددىلار شەكىللەنگەن، كېڭىيىپ سىقىش كۈچى، ماگما ۋە باشقا گاز ئىمكانىيىتىگە ئىگە سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلار يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىرتقا قاراپ سىلجىيدۇ ياكى يەر يۈزىگە قاراپ ئېتىلىپ چىقىدۇ. 

يانار تاغيەر يۈزىدىن تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا چوڭقۇر ساقلانغان زور مىقداردىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇيۇق جىسىملار بار، تېمپېراتۇرىسى يېتەرلىك يۇقىرى بولغاچقا كۆپ قىسىم تاغ جىنسلىرىنى ئېرىتەلەيدۇ. تاغ جىنسلىرىنىڭ ئېرىشى تىخىمۇ چوڭ بوشلۇققا مۇھتاج . دۇنيانىڭ بەزى رايونلىرىدا تاغ تىزمىسى كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاغ ئاستىدىكى بېسىم كۈچى كىچىكلەپ، بۇ تاغ تىزمىسىدا ماگما ھاسىل قىلىدۇ. 

يانار تاغيانار تاغ بىر قاتار فىزىكىلىق-خىمىيىلىك جەرياندىن شەكىللەنگەن. يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈش جەريانىدا ئۇنىڭدا ئېرىگەن ماگما ئىچىدىكى پارلىنىدىغان تەركىب ئاستا-ئاستا ئېرىپ چىقىپ كۆپۈكچە پەيدا قىلىدۇ، ئۇ گاز كۆپۈكچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن ھەجىم ئۈلۈشى 75% بولغان چاغدا، سۇيۇقلۇق ئىچىدىكى كۆپۈكچىلەر تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇ پارتلاش خاراكتېرلىك كەلتۈرۈپ چىقرىلغان ئېتىلىپ چىقىش بۇلىشى مۇمكىن، گاز قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ماگما يېپىشقاقلىقى بەك تۆۋەن چۈشۈپ، ئاقما تۇربۇلېنتلىق ئېقىم ھاسىل قىلىدۇ.

تىنچ ئوكيان نى چۆرىدىگەن ۋولقان بەلبېغى؛ 

ئوكيان ئومۇرتقىسى يانار تاغ بەلبېغى؛ 

قىزىل دېڭىز قىرغىقى بىلەن شەرقىي ئافرىقا يانار تاغ بەلۋېغى؛

يەر ئوتتۇرا دېڭىزى-ھىندونېزىيە يانار تاغ بەلبېغى؛ 

ھەرىكەتلىنىش ئەھۋالى 

ئۆچمىگەن يانار تاغ (active volcano)؛

ئۆچكەن يانار تاغ (extinct volcano)؛

ئۇيقۇدىكى يانار تاغ (dormant volcano)؛

ئېتىلىپ چىقىش تىپى

چاك تىپلىق ئېتىلىپ چىقىش؛ 

كەپشەرلىنىش شەكىللىك ئېتىلىپ چىقىش؛ 

مەركەزلىك ئېتىلىپ چىقىش؛ 

ۋولقان لاتقا-شېغىللىق ئېقـىـىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ 

ئۇۋاق بۇلغىنىش يۈز بېرىدۇ؛

يانار تاغ ئۇۋىندى ئېقىمىنى ھاسىل قىلىدۇ؛

ماگما ئېقىمى ھاسىل قىلىدۇ؛ 

ئېتىلىپ چىقىشى 

يانار تاغ1. يانار تاغ پارتلاش جەريانى 

(1) ماگما شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى ئۆرلەش باسقۇچى؛

(2) ماگما خالتىسى باسقۇچى؛

(3) ماگما خالتىسىنى يەر يۈزىگە تارتىش باسقۇچى؛

2. يانار تاغ ئېغىزىنىڭ شەكىللىنىشى

(1) يانار تاغ ئېغىزىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى؛

(2) كېيىنكى باسقۇچ؛

(3) يۇقىرى پەللە باسقۇچى؛

(4) يانار تاغنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئەھۋالى؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#