شەۋكىران

شەۋكىران

بۇ كۇچىلا ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان، ياغاچ غوللۇق، ئۇزۇنلىقى 3 ~ 5 مېتىر، پۈتۈن چۆپى تۈكسىز ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك شەۋكىراننىڭ يىلتىزى بولۇپ، بۇ «شەۋكىران» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شەۋكىران
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胡蔓藤

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كۇچىلا ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان، ياغاچ غوللۇق، ئۇزۇنلىقى 3 ~ 5 مېتىر، پۈتۈن چۆپى تۈكسىز ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك شەۋكىراننىڭ يىلتىزى بولۇپ، بۇ «شەۋكىران» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ھېكىم لوقماننىڭ «دابىئە» دېگەن كىتابىدا بۇ ئۆسۈملۈك «بۇ بىر خىل شىلىمشىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى بوغۇملۇق، ئارپابەدىيان شېخىغا ئوخشايدۇ، لىكىن ئۇنىڭدىن بىر ئاز يۇمىرانراق، ئۇششاق شاخلىرى چەللىدەك بولىدۇ، يوپۇرمىقى پىدىگەننىڭ يوپىرمىقىغا ئوخشايدۇ، بىر ئاز چوڭ، پۇرۇقى ئۆتكۈر، گۈلى ئاق، شەكلى سېرىق چىچەككە ئوخشايدۇ، ئۇرۇقى جۇۋىنىغا ئوخشاش ئاقۇش بولىدۇ» دىيىلگەن.

پۈتۈن چۆپىنىڭ تەركىبىدە ئالكالوئىد بار، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كوۋمىن (Kouminidine)، كوۋمىنتسىن (kouminocine)، كوۋمىندىن (kouminidine)، گلېسمىن (Glsenine)، سېمپېرۋىن (Sempervine)، كوۋىندىن (kounidine) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

شەۋكىراننىڭ ئاساسلىق زەھەرلىك تەركىبى، كوۋمىن، كوۋمىتسىن، كومىندىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كوۋمىنتىننىڭ ئۆي توشقىنىغا نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش مىقدارى ھەر بىر كىلوگىرام ئۈچۈن 0.8 مىللىگىرامدىن ئىبارەت.

تۆتىنچى دىرىجىدە قۇرۇق سوغوق.

ياللۇغ قايتۇرۇش، سىزىمسىزلاندۇرۇش، يەرلىك ئۇرۇننى مەست قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، تارتىشىشنى يوقىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش.

غىيرى تەبىئىي سەپرا خىلتىدىن بولغان ياللۇغلار، مەقەت ياللۇغى، بۇۋاسىر، بۇغۇم ئاغرىقى، تىتىرىمە كىسەل، ئەسەببىي كېسەللىكلەر، كونا يۈتەل، زىققا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. شەۋكىراننىڭ ھۆل يۇپۇرمىقى ۋە شاخلىرىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، غەيرى تەبىئىي سەپرادىن بولغان ياللۇغلارنى قايتۇرىدۇ.

2. شەۋكىراندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ گاۋزىبان ۋە خام زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، ئەسەبىي كېسەللىكلەرگە مەنپىئەت قىلىدۇ.

3. شەۋكىراندىن 15 گىرام، زەيتۇن يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئۇرۇننى مايلاپ بەرسە، مەقەت كېسەللىكلىرى ۋە بۇغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

1 ~ 0.5 گىرام.

سېزىمنى سۇسلاشتۇرىدۇ، ئەسەبلەرنى بوشىتىدۇ.

ھەسەل، ئەفسەنتىن، قۇندۇز قەھرى.

بەزۇرۇلبەنجى.

ئېلىمىزنىڭ شەرىقى جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەر، ياۋرۇپا، شىمالى ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

شەۋكىران قاينىتىلمىسى، مەلھىمى شەۋكىران.

بۇ بىر خىل زەھەرلىك دورا بولۇپ، مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى مىقدارى 6 گىرامغا يەتسە، گالنى بوغۇپ، نەپەس يولىنى توسۇپ، نەپەس بۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمارنىڭھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#