شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى» 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى
ئېلان قىلغان ئورگان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区邮政条例
پىنيىنچە يېزىلىشى xīn jiāng wéi wú ěr zì zhì qū yóu zhèng tiáo lì
قوللىنىلغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى» پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلار ۋە پوچتا كارخانىسى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (35 – نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى» 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

          2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلار ۋە پوچتا كارخانىسى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى پوچتىچىلىق يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەر قانداق باھانە، سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يوللانما ۋە پېرېۋوت پۇلىنى تەكشۈرۈشىگە، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانىنى چىقىرىش ۋە پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پوچتىلىقنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، پوچتا كارخانىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە مۇلازىمىتىگە ياردەم پۇل بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى؛ مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلار، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چەت-ياقا جايلارنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى، زېمىن بايلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش-تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم.

تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ كۆلەملەشكەن، كۇرسلاشقان ۋە تورلاشقان تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ھەم يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

6-ماددا پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى يەتكۈزۈش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەرز قىلىش ھالقىلىرىدىكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئابۇنىچىلارغا تېز، توغرا، بىخەتەر ۋە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشى لازىم.

7-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پوچتا ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، پوچتا خەۋەرلىشىشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە ئۇلار پوچتا ئەسلىھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە پوچتا خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توسۇش، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

8-ماددا پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تاموژنا ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

2-باب پىلانلاش ۋە قۇرۇش

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پوچتا ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، پوچتا خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشىنى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ پوچتا ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى شۇ جايدىكى يېزا (بازار)، كەنتلەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان نەرسىلەرنى ساقلاش ۋە يەتكۈزۈش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ھەم مەدەت بېرىلىدۇ.

10-ماددا شەھەردىكى مەھەللىلەر، مۇستەقىل زاۋۇت كان رايونى، تەرەققىيات رايونى، ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭ بازارلارنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشتە پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان يانداش پوچتا ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش ۋە ياساش كېرەك.

11-ماددا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئاجرىتىپ بېرىدۇ. شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى بويىچە سېلىنغان، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىدىغان پوچتا ئەسلىھەلىرى ئۆيى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان شەھەر قۇرۇلۇشى يانداش خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلەر كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە مەبلەغ سېلىپ يانداش سالغان پوچتا ئەسلىھەلىرى ئۆيىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى پوچتا كارخانىسى يەككە تۈر تەننەرخ باھاسى بويىچە سېتىۋالىدۇ؛ شۇ پوچتا ئەسلىھەلىرى ئۆيىنى پوچتا كەسپىگە ئىشلىتىش، باشقا ئىشقا ئىشلەتمەسلىك شەرت.

12-ماددا ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىي كەنتلەردە پوچتا پونكىتى قۇرۇپ، خەت ساندۇقى ئورنىتىشى كېرەك.

كەنت پوچتا پونكىتى قۇرۇشنى كەنت ئاھالە كومىتېتى بېكىتىدۇ، ئۇنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىشخانا ئۆيلىرىدە قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ؛ كەنت ئاھالە كومىتېتى يوللانما قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈشكە مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئەخلاقلىق، مەسئۇلىيەتچان خادىملارنى مەسئۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارغا زۆرۈر خىزمەت شارائىتى ۋە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىشى؛ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىشى كېرەك. كەنت پوچتا پونكىتى باشقا پوچتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرسە، پوچتا كارخانىسى بەلگىلىمە بويىچە ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەرگە ھەق بېرىشى كېرەك.

13-ماددا مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پوچتا مۇلازىمەت پونكىتىنى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرۇپ، پوچتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشكە مەخسۇس ئادەم قويۇشى كېرەك، پوچتا كارخانىسى بەلگىلىمە بويىچە ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەرگە ھەق بېرىشى كېرەك.

14-ماددا پوچتا كارخانىسى كەنت پوچتا پونكىتى، مەھەللە پوچتا مۇلازىمەت پونكىتىنى يۆلىشى ۋە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلىشى كېرەك.

15-ماددا شەھەر، يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىدىن پوچتا تىجارەت سورۇنى، يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، شەھەر، يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئابۇنىچىلارغا قولايلىق بولۇش، يېقىن بولۇش ۋە ئەسلىدىكى كۆلىمىدىن كىچىك بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، پوچتا تىجارەت سورۇنى ۋە يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنى سېلىپ بېرىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى ئېلىشنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

16-ماددا ئالاقىدار تارماقلار پوچتا كارخانىسىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى بويىچە، پوچتا ساندۇقى، پوچتا بوتكىسى، گېزىت– ژۇرنال كۆزنىكى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى ھەمدە شەھەر يوللىرىنى ئىگىلەش ھەققى ۋە باشقا ئالاقىدار ھەقلەرنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

17-ماددا شەھەر، بازار ئاھالە ئولتۇراق رايونىنى قۇرۇشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن يوللانما سېلىشقا ئەپلىك بولغان جايدا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە، خەت ساندۇقىنى ئاھالە سانىغا تۇشلۇق ئورنىتىشى كېرەك. خەت ساندۇقىنى قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش ۋە تەڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش، خىراجىتىنى قۇرۇلۇش سېلىنمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن خەت ساندۇقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە ئورناتمىغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى خەت ساندۇقى ئورنىتىشقا باشقا ئورۇننى بېكىتىدۇ، خىراجەتنى شۇ ئاھالە بىناسىنى سالدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ. ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان تۇرالغۇ بىنالىرىدىكى خەت ساندۇقىنى يېڭىلاشقا ۋە تولۇقلاشقا توغرا كەلسە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

18-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئولتۇراق رايونىدىكى خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى يەتكۈزۈشىگە، تېز يوللانمىنى قوبۇل قىلىشىغا ۋە يەتكۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىپ، پوچتا يوللانمىسى ۋە تېز يوللانمىلارنىڭ نورمال يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

3-باب پوچتا مۇلازىمىتى

19-ماددا پوچتا كارخانىسى ئابۇنىچىلارغا پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان قىلغان مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

قاتناش قولايسىز، چەت-ياقا جايلاردا پوچتا تىجارەت سورۇنى، پوچتا ساندۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پوچتا ساندۇقىنى ئېچىش قېتىمى قاتارلىق مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ.

20-ماددا پوچتا كارخانىسى تىجارەت سورۇنىدا مۇلازىمەت دائىرىسى، تىجارەت ۋاقتى، كەسىپ تۈرى، ھەق ئۆلچىمى ۋە يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدىغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلىدىغان يوللانما قاتارلىقلارغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

پوچتا كارخانىسى پوچتا ساندۇقىغا ئېچىش قېتىمى ۋە ۋاقتىنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە شۇ بويىچە پوچتا ساندۇقىنى ئېچىشى كېرەك.

21-ماددا پوچتا كارخانىسى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ۋە يوللانما تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۇرۇپ، پوچتا تىجارەت سورۇنى ۋە يوللانما بىر تەرەپ قىلىش سورۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ يوللانمىلاردىن يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلغان نەرسە سېلىپ قويۇلغانلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

پوچتا كارخانىسى تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك. مۇلازىمەت ئېغىر دەرىجىدە ئۈزۈلۈپ قالغاندا، پوچتا كارخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

جامائەت ساغلاملىق ۋەقەسى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر كۆرۈلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان ياكى يەتكۈزۈشكە چەك قويۇلغان بۇيۇملار توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ.

22-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يوللانما قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈش سورۇنىنى قۇرۇپ، پوچتا كارخانىسىنىڭ توغرا، ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن بىر پوچتا ئادرېسىنى ئىشلىتىدىغان بولسا، يوللانما قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈش سورۇنىنى بىرلىشىپ قۇرسا بولىدۇ.

ئولتۇراق رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇن پوچتا كارخانىسىنىڭ يوللانما قوبۇل قىلىشى ۋە يەتكۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، پوچتاليوننىڭ يوللانما يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ياردەملىشىشى ھەمدە ھېچقانداق ھەق ئالماسلىقى كېرەك.

23-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئاھالە ئولتۇراق رايونلىرىدا، ئورۇن ياكى ئولتۇراق رايوننى باشقۇرغۇچى ئورۇن شۇ جايدىكى پوچتا كارخانىسى ياكى شۆبە-تارماق ئاپپاراتىدا يوللانما يەتكۈزۈشنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ يوللانما يەتكۈزۈش شەرتىنى ھازىرلىغان ئابۇنىچىلارنىڭ يوللانمىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى پوچتا كارخانىلىرى تىزىملىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ يوللانما يەتكۈزۈش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ يوللانمىسىنى پوچتا كارخانلىرى ئابۇنىچىلار بىلەن كېڭىشىپ بېكىتكەن ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىش نۇقتىسى ياكى خەت ساندۇقىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ئابۇنىچىلاردىن نامى ۋە يوللانما يەتكۈزۈلىدىغان ئادرېسىنى ئۆزگەرتكەنلىرى شۇ جايدىكى پوچتا كارخانىسى ياكى شۆبە-تارماق ئاپپاراتقا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

24-ماددا پوچتا كارخانىلىرىدىن ئۆزى قۇرغان پوچتا تىجارەت تور–نۇقتىلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش تور-نۇقتىلىرىغا ئۆزگەرتىدىغانلىرى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ۋاكالىتەن بېجىرىش تور-نۇقتىلىرىغا ئۆزگەرتىلگەنلەر خەت–چەك، مەتبەئە بۇيۇمى، پوسۇلكا يەتكۈزۈش شۇنىڭدەك پوچتا پۇل پېرېۋوتى قاتارلىق پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى، ئالاھىدە مۇلازىمەت كەسپىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەسلىكى لازىم.

25-ماددا پوچتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەر، يوللانمىنى ۋاكالىتەن قوبۇل قىلغۇچىلار يوللانمىنى تېز، بىخەتەر، توغرا يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى؛ يوللانمىلاردىن يەتكۈزۈشكە ئامال بولمىغانلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە پوچتا كارخانىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن پوچتا مەخسۇس بەلگىسى بار پوچتا ئاپتوموبىلى يوللانما توشۇغاندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، يۈرۈش مەنئى قىلىنغان لىنىيە ۋە توختاش مەنئى قىلىنغان بۆلەكتە يۈرسە ۋە توختىسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش-تىرانسپورت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن پوچتا مەخسۇس ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

27-ماددا پوچتا كارخانىلىرىدىن پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىرىغا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

28-ماددا پوچتا كارخانىسى ۋە پوچتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى ئورۇن، شەخسلەردە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) قانۇن بويىچە بېجىرىشكە تېگىشلىك پوچتا كەسپىنى بېجىرمەسلىك؛

(2) باشقىلارنىڭ يوللانمىسىنى ئوغرىلاش، ئېلىۋېلىش، ئۆز ئالدىغا ئېچىش، تىقىۋېلىش، تاشلىۋېتىش ياكى قانۇنسىز تەكشۈرۈش؛

(3) ئابۇنىچىغا قىلىنىۋاتقان مۇلازىمەتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختىتىپ قويۇش؛

(4) ئابۇنىچىنىڭ پوچتا مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئىشلىتىشى ۋە تاللىشىغا چەك قويۇش ياكى پوچتا بۇيۇملىرىنى تېڭىپ سېتىش؛

(5) ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن پوچتا كەسپى ھەق ئۆلچىمى، ھەق تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش؛

(6) ئابۇنىچىنىڭ پوچتا مۇلازىمەت ئۇچۇرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(7) قانۇن، نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

29-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يوللانمىلاردىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى مەزمۇندىكى بۇيۇملارنى ئەۋەتىشىگە يول قويۇلمايدۇ:

(1) دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ياكى دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛

(2) دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان؛

(3) پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛

(4) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛

(5) بىدئەتلىك ياكى خۇراپاتلىقىنى تەرغىب قىلىدىغان؛

(6) شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغان ياكى جىنايەتكە كۈشكۈرتىدىغان؛

(7) قانۇن، نىزاملاردا مەنئى قىلىغان باشقا مەزمۇنلار.

30-ماددا پوچتا كارخانىسى كەسىپكارلىرىغا بولغان قانۇنچىلىق تەربىيەسى، كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەربىيەسى ۋە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

4-باب تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى

31-ماددا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى قىلىشتا قانۇن بويىچە تېز يەتكۈزۈش تىجارەت ئىجازىتى ئېلىش كېرەك.

تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

32-ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ نامى، تىپى، پاي ھوقۇقى مۇناسىۋىتى، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى، تىجارەت دائىرىسى، تىجارەت رايونى ۋە شۆبە-تارماق ئاپپاراتى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرىدىغان ئىشلاردا، ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئىجازەتنامىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى شۆبە-تارماق ئاپپارات قۇرۇشتا ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك:

(1) تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسى؛

(2) تىجارەت رايونى ۋە دائىرىسىگە مۇناسىپ مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا دائىر ماتېرىياللار؛

(3) مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى؛

(4) بىخەتەرلىك كاپالەت تۈزۈمى ۋە تەدبىرى؛

(5) دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن تېز يەتكۈزۈش كەسپىي خادىملىرىنىڭ ئىسىملىكى؛

(6) شۆبە-تارماق ئاپپارات قۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئىزاھات؛

(7) قانۇن، نىزاملاردا بېرىش بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللار.

تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى تىجارەت تور-نۇقتىلىرىنى قۇرۇش، قوشۇۋېتىش، بىكار قىلىشتا ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

33-ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن ئىتتىپاقداش تىجارەت شەكلىنى يولغا قويغانلىرى ئىتتىپاقداش كارخانىلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى مۇلازىمەت قائىدىسى، مۇلازىمەت جەريانى، مۇلازىمەت ئوبرازى، مۇلازىمەت بۇيۇمى ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ ئەرزى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىتتىپاقداش كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

34-ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ھاۋالە بىلەن تور، تېلېۋىزىيە ۋە پوچتا ئارقىلىق مال تىجارىتى قىلىدىغانلارغا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى، كېلىشىمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى، ئابۇنىچىنىڭ ھوقۇقى، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

35-ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى تېز يوللانمىنى قوبۇل قىلغاندا، تېز يوللانما تالونىغا تېز يوللانمىنىڭ ئېغىرلىقى، ھەققى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي يېزىشى ھەمدە ۋاقىت سۈرۈكى، قىممەت كاپالىتى ۋە تۆلەم ماددىلىرى قاتارلىق ئابۇنىچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مەزمۇنلارنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك.

ئابۇنىچى تېز يەتكۈزۈش تالونىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئەۋەتكەن نەرسىسىنىڭ نامى ۋە سانىنى توغرا يېزىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ ئورۇنغا ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

36-ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرگەندە، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېز يەتكۈزۈش قېپى، ئورۇ خالتىسى، ئورۇ ساندۇقى قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش ئورۇ بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

37-ماددا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بەلگىسى پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ۋە قاتناش-تىرانسپورت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار تېز يوللانمىنى توشۇشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا چەكلەنگەن يول لىنىيەسى ۋە توختاش مەنئى قىلىنغان جايدا يول يۈرسە ۋە توختىسا بولىدۇ.

38-ماددا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) تېز يوللانمىنى ئۆز ئالدىغا ئېچىش، تىقىۋېلىش، تاشلىۋېتىش، تۇتۇپ قېلىش، ھايىنىغا سېتىش ۋە ئوغرىلاش؛

(2) ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بازار باھاسىنى تىزگىنلىۋېلىپ، باشقا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ياكى ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

39-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 20-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 21-ماددىسىنىڭ 1–، 2-تارمىقى، 22–، 29-ۋە 30-ماددىدىكى بەلگىلىمىلەر تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىغا تەتبىقلىنىدۇ.

5-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

40-ماددا پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى پوچتا كارخانىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ تىجارەتنى توختىتىشى سەۋەبىدىن پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىنى بېسىپ قويۇش مەسىلىلىرىنى بايقىغان ھامان تەدبىر قوللىنىپ يەتكۈزۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

41-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ پوچتا كارخانىسىنىڭ پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە مۇلازىمىتى ياردەم پۇلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

42-ماددا پوچتا كارخانىسى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئەينەن، توغرا، تولۇق يوللىشى كېرەك.

43-ماددا پوچتا كارخانىسى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى نازارەتچىلىك تېلېفونىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، نازارەتچىلىك خەت ساندۇقى ئورنىتىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتى ياكى ئەرزىنى قوبۇل قىلىشى ھەم ئابۇنىچىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتى ياكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

ئابۇنىچىلاردىن بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولغانلىرى، پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەرزنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

44-ماددا پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان قىلغان پوچتا بۇيۇملىرى، جابدۇقلىرىنى ياساش مۇندەرىجىسىگە ئاساسەن، پوچتا بۇيۇملىرى، جابدۇقلىرىنى نازارەت قىلىپ ياسىتىدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نازارەتچىلىكتىن ئۆتمىگەن پوچتا بۇيۇمى، جابدۇقلىرىنى ئىشلىشىگە، سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلەش، ياساش گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋېلىشىغا، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

45-ماددا پوچتا كارخانىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان تىجارەت تور-نۇقتىلىرىدىن پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىرى؛

(2) يوللانما يەتكۈزۈش شەرتىنى ھازىرلىغان ئابۇنىچىلارنىڭ يوللانمىسىنى يەتكۈزمىگەنلەر.

46-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 35-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى ۋە 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

47-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 28-ماددىسىنىڭ 1–، 3–، 4-تارماقچىسى، 38-ماددىسىنىڭ 4-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

مۇشۇ نىزامنىڭ 28-ماددىسىنىڭ 5-تارماقچىسى، 38-ماددىسىنىڭ 2–، 3-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا باھا مەسئۇل تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

48-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

49-ماددا پوچتا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

50-ماددا بۇ نىزام 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#