شارى دەرياسى

شارى دەرياسى

شارى دەرياسى ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇھىم ئىچكى دەريا. باش مەنبەسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىن باشلىنىدىغان ئاۋك دەرياسى، بامىنگې دەريالىرىدىن تەشكىل تاپقان.  

ئۇيغۇرچە نامى شارى دەرياسى
چەتئەلچە نامى Chari Rive
خەنزۇچە نامى 沙里河
تۈرى ئىچكى دەريا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شارى دەرياسىئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇھىم ئىچكى دەريا. باش مەنبەسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىن باشلىنىدىغان ئاۋك دەرياسى، بامىنگې دەريالىرىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئىككى دەريا قوشۇلۇپ چاد تېررىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن سارىخ ئەتراپىدا ناۋام، سالامات دەريالىرى بىلەن قوشۇلۇپ داۋاملىق غەربىي شىمالغا ئېقىپ ئىنجامىنا شەھىرىنىڭ يېنىدا لوگون دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ چاد، كامېرون دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ چاد كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. چاد كۆلىگە قۇيۇلۇش رايونىدا دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەندۈرگەن. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1400 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1222 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ(بۇنىڭ %45 ى لوگون دەرياسى تەمىنلەيدۇ) چاد كۆلى سۇ مەنبەسىنىڭ 3/2 قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ 800 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. دەريا ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، پاختا، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#